خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟
2022.10.21

ھەممىگە مەلۇمكى، 16-ئۆكتەبىردىن بۇيان بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى، يەنى ئاتالمىش پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلمەكتە. مەزكۇر قۇرۇلتاي خىتاينىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇق ئورگىنىدۇر. خىتايدا «كوممۇنىست پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ»غانلىقى سەۋەبلىك، مەزكۇر پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ رولى خىتاينىڭ سىياسىي قاتلىمىدا ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى سىياسىي يۆنىلىشى دەل بۇ قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك، مەزكۇر قۇرۇلتاي خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا زور دىققەت قوزغىماقتا.
ئۇنداقتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانداق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟
خىتاي كومپارتىيەسنىڭ 20-قۇرۇلتىيى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ «مىللەت - دىن ئىشلىرى كومىتېتى» يىغىن چاقىرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشنى تەكىتلىگەن. خىتاي مەملىكەتلىك مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ يوڭ، 18-ئۆكتەبىردىكى بۇ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن مىللەتلەر مەسىلىسىنى خىتاي ئۇسلۇبىدا ھەل قىلىشنىڭ سەككىز تۈرلۈك نۇقتىسىنى تۆۋەندىكىدەك شەرھىيلىگەن:
«ئالدى بىلەن ‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ئائىلىسى› نى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدا بەرپا قىلىش ۋە مىللەتلەرنىڭ بىر- بىرىگە سڭىشىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، بولۇپمۇ چېگرا رايونلار (ئۇيغۇر دىيارى كۆزدە تۇتۇلغان) دا بۇ خىزمەتنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئۈچىنچى، مىللەتلەر سىياسىتى قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىپ، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مىللەتلەر سىياسىتى قانۇنى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش؛ تۆتىنچى، مىللەت - دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ «ئۈچ قارارى» (مەركەز چۈشۈرگەن قارار، سىياسىي تارماقلار چۈشۈرگەن قارار ۋە بىرلىكسەپ قارارى) نى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىشلىرى ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسىنى تولۇقلاش؛ بەشىنچى، 20-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ سىياسىي ئىدىيەسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بىرلىكتە 20-قۇرۇلتايغا مەركەزلەشتۈرۈش؛ ئالتىنچى، 20-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش؛ يەتتىنچى، تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىپ، يېڭى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش، مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى نۇسخىسىنى تەرجىمە ۋە تەشۋىق قىلىشنى تېزدىن ۋۇجۇتقا چىقىرىش؛ سەككىزىنچى، ئۆگەنگەنلىرى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ۋە چوڭ ئىستراتېگىيەلەرنى بىرمۇ-بىر چۈشىنىپ ۋە ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ، شۇ ئاساستا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى يۇقىرى سەۋىيىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش، ۋاھاكازالار.»
يوقۇرىقى سەككىز نوقتىدىن قارايدىغان بولساق، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكى»نى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىكى ھالقىلىق نوقتا ۋە ئەڭ مۇھىم نىشان قىلىنغان. دېمەك، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە تېخىمۇ ئاشقۇن مىللەتچىلىك سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى شەكسىز.
«جۇڭخۇا مىللىتى» نامىدا نىقابلانغان ئەسەبىي خىتاي مىللەتچىلىكى
مەلۇم بولغىنىدەك، شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» ئاتالمىش 18-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلگەن. «خىتاي چۈشى»نىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» خىتاينىڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ دەل شى جىنپىڭنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن تېخىمۇ يامانلىشىپ، لاگېرلار ئېچىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» تەشەببۇسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ماس ھالدا كۈچىيىپ بارغان. خىتاي مىللەتچىلىكىمۇ دەل «جۇڭخۇا مىللىتى»نىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتىدە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئاشقۇن چەككە يەتكەن. ئەمما خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىل يەنىلا «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش» دېگەن شۇئار بولسا كېرەك.
دەرۋەقە، شى جىنپىڭ 2012-يىلى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، دېڭ شياۋپىڭنىڭ سىياسىي مىراسى بولغان «ئۈچ قەدەمدە مېڭىش ئىستراتېگىيەسى»نى داۋام قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىتاي چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقى»نى ۋەدە قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەت، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى يارىتىش» — خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىش بولۇپ داۋاملاشتى. ئەمەلىيەتتە «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» دېگەنلىك، «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىك ئېڭى» نى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇش دېگەنلىك بولاتتى. ئۇ ھالدا، بۇنداق بىر يۈزلىنىش مۇقەررەر يوسۇندا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكى»نى مەيلى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، مەجبۇرىي قوبۇل قىلىشىغا توغرا كېلەتتى. چۈنكى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش» ئارقىلىق «خىتاي چۈشى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ نېگىزلىك ئاساسىي «جۇڭخۇا مىللىتى»نىڭ ھەقىقىي مەنىدىن شەكىللىنىشىنى تەقەززا قىلاتتى.
خىتاينىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان يولغا قويغان مىللەتلەر سىياسىتىدە گەرچە كۆپ قىسىم مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋېتىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردەك نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ، مىللىي كىملىك ئېڭى كۈچلۈك، خىتايدىن پەرقلىق بولغان تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى بولغان مىللەتلەرگە قاراتقان ئېغىر باستۇرۇش ۋە زۇلۇملار، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. بۇ ۋەجىدىن «خىتاي چۈشى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، خىتاي ئۈچۈن بۇ ئىككى مىللەت ئەڭ ئېغىر توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى. شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش» ئاتالغۇسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ ئاتالغۇ قارىماققا خۇددى «ئامېرىكالىقلارنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش» دېگەن سۆزدەكلا تەبىئىي تەسىرات بەرسىمۇ، ئەمما بۇ سۆزنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا باغلانغان سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى. چۈنكى مەزكۇر سۆز خىتاينىڭ «دۆلەت ئاتىسى» ئاتالغان سۇن جۇڭشەننىڭ «ئۈچ مەسلەك»تىكى «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش» سۆزىدىن كەلگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا سۇن جۇڭشەن «مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش»تە قوللانغان شۇئار ئىدى. دېمەك، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش» شۇئارىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى، تەبىئىي ھالدا خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ فاشىستلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان. بۇ ھەقتە خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ليۇ جۇ شەھەرلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشخانىسى تور بېتىدە 2016-يىلى ئېلان قىلىنغان ۋۇ زۇلياڭ يازمىسىدىكى «سۇن جۇڭسەننىڭ ‹ئۈچ مەسلەك› ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قىممىتى» ناملىق ماقالىسىدە، «مانجۇلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خىتاينىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش — ئۈچ مەسلەكنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ئىدى» دەپ ئىزاھلانغان.
خىتايدىكى ساختا « مىللەتلەر سىياسىتى» ۋە 20-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى
خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، يەنى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يۈرگۈزىلىدىغانلىقى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىلا بېكىتىلگەن ئىدى. يەنى ھەر قايسى يەرلىك مىللەتلەر (ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەر») ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلۇپ، ھەرقايسىي مىللەتلەر ھەر دەرىجىلىك ئاپتونومىيەدىن بەھرىمان بولىدۇ، دەپ قارار قىلىنغان ئىدى. ھەتتا بۇ ھەقتە چىقىرىلغان قارار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1954-يىلى ئېلان قىلغان ئاساسىي قانۇنىدىن يەر ئالغانىدى. 1984-يىلىغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ئېلان قىلغان ئىدى. خىتايدا «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ئارقىلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئىدارە قىلىش، «1- قېتىملىق مىللەتلەر سىياسىتى» دەپ ئاتالغان ئىدى. ئەمما ئاتالمىش «ئىسلاھات»تىن كېيىن، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايلار ئارىسىدا، خىتاينىڭ مەزكۇر «1- قېتىملىق مىللەتلەر سىياسىتى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى بىكار قىلىش تەشەببۇسلىرى كۈچەيگەن. بولۇپمۇ خىتاي زىيالىيلاردىن بىر قىسمى، خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىكى مىللىي كىملىك ئېڭىنى تۆۋەنلىتىشنى خىتايدىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى دەپ قارىغان. يەنە بىر قىسمى، خىتايدىكى مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان جايلاردا ھېچقاچان بىرلا مىللەت ياشىمايدىغانلىقى، كۆپ مىللەت بىللە ياشايدىغان جايلارنىڭ مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە بولۇشىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا ئاپتونومىيەنى بىكار قىلىپ، دۆلەت كىملىكىنى قوبۇل قىلدۇرغاندىلا، مىللىي زىددىيەتنى يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
بۇ تەكلىپنى بەرگۈچىلەر ئىچىدە خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىرى خۇ ئەنگاڭ بىلەن جېڭ يوڭنيەن قاتارلىقلاردۇر. بۇلاردىن جېڭ يوڭنيەن خىتايدىكى مىللىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا سىنگاپور ئۇسلۇبىنى قوللىنىش ئارقىلىق، مىللەت كىملىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، پەقەت دۆلەت كىملىكىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. خۇ ئەنگاڭ بولسا ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئاپتونومىيەلەرنى بىكار قىلىپ، بارلىق مىللەتلەرنى «جۇڭخۇا مىللىتى داشقازىنىدا ئېرىتىپ بىر مىللەت قىلىش» نى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىي كىملىك ئېڭىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىكە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى نوپۇسى 4-ئورۇندا تۇرىدىغان بىر چوڭ مىللەت بولۇش سۈپىتىدە ئۇيغۇر كىملىكىنى، خىتاينىڭ ئۇلۇس كىملىكىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خۇ ئەنگاڭنىڭ قارىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر ئۆز زىمىنىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئۇسلۇبىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك تۈزۈمى دەل ئۇلاردىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۇلغۇيىشىغا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىلمىش.
ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى مۇستەملىكە قىلغاندىن بۇيان، مىللەتلەر سىياسىتىدە «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە»نىڭ ھەقىقىي يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان ئەمەس. بۇ ۋەجىدىن خىتايدىكى ئاتالمىش ئاپتونومىيەلىك رايونلاردا ئىزچىل يوسۇندا مۇستەملىكە سىياسەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان ۋە يەرلىك مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش تۈرلۈك ئۇسۇلدا داۋاملاشقان. ھەتتا خىتايدىكى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، نىڭشا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت ئۆلكە دەرىجىلىك 5 ئاپتونوم رايون ئىچىدە، تىبەت بىلەن ئۇيغۇر رايونلىرىدىن باشقا جايلاردا خىتايلاشتۇرۇش ئىشى ئاتالمىزش «ئىسلاھات» دەۋرىدىن بۇرۇنلا ئاساسەن ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. بۇ ھەقتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىدىن پروفېسسورى ما روڭنىڭ «خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ (خىتاي بىلەن) ئۆز ئارا تويلىشىش نىسبىتى» ناملىق بىر يۈرۈش تەتقىقات ماقالىسىدە نۇرغۇن مىساللارنى ئىسپاتلىق ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، خىتاي بىلەن تويلىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تۆت مىللەت جۇاڭ مىللىتى، مانجۇ مىللىتى، تۇڭگانلار، ۋە شېزۇلار بولۇپ، 50-يىللاردىلا بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن تويلىشىش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۇڭگانلارنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. تۇڭگانلارنىڭ 90-يىللاردىكى نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. بۇنداق ھادىسە دەل 50-يىللاردىن كېيىن تۇڭگانلارنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ سۇسلىشىشىدىن كېلىپ چىققان. خىتاي بىلەن تويلىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان مىللەت ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادى بار.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000-يىلى ئېلىپ بارغان 5-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى 0.56 پىرسەنت، 2010-يىلى ئېلىپ بارغان ئالتىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى 0.62 پىرسەنت بولۇپ، خىتاي بىلەن تويلىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن مىللەت بولۇپ قېلىۋەرگەن. خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە «ئىككىنچى ئەۋلات مىللەتلەر سىياسىتى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى خۇ ئەنگاڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يوقۇرىقى ئىككى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتىكى ئەھۋالىنى ئۆز يازمىسىدا ئالاھىدە تىلغا ئالغان ۋە بۇ ھادىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
يىغىپ ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش»، «خىتاي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ئىدىيەسى خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان فاشىزملىق ئىدىيەدۇر. مانا بۇنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشتەك تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققان.
ئاتالمىش 20-قۇرۇلتايدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە 8تۈرلۈك زۆرۈر خىزمەتنى ئوتتۇرىغا قويغاندىمۇ، يەنىلا «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىك ئېڭى»نى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. دېمەك بۇ خىتايدىكى رادىكال خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. رادىكال مىللەتچىلىكنىڭ كۈچىيىشى خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تۈردە ئېغىر يوقىتىلىشقا دۇچار بولىدىغانلىقىنىڭ، كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىرقىي قىرغىنىچىلىقنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر. دەرۋەقە، 20-قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئاسمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋاللىرىغا خاتىمە بېرىلمەيلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى مىللەتنى ئومۇميۈزلۈك يوقاتمىغۇچە بولدى قىلمايدىغانلىقى ھەقىقەت!
***
بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.