رابىيە قادىر خانىمنىڭ «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشالمىغانلىقى ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00

تەيۋەن دېموكراتىك تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، تەيۋەننىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەن 16-فېۋرالدىكى بايانات ئېلان قىلىپ «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئاساسەن يىغىنغا تەييار بولغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم مۇھىم مېھمانلارنىڭ تېخىچە تەيۋەنگە يېتىپ كېلەلمەسلىكىدە ۋاقىت قىسلىقىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى چېڭ گۇاڭچىڭ ۋە تىبەت روھاني داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى قاتارلىقلارغا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ۋىزا رۇخسىتىنى بەرمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈك مەسىلىلىرىدىن خالى ئەمەسلىكى ۋە بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ 17-فېۋرال تەيۋەندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا،تەيۋەندىكى دېموكراتىك تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقى ئۇيۇشتۇرغان 18-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى»نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىغا، ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، نورۋېگىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق 26 دۆلەت ۋە رايوندىن جەمئىي 99 نەپەر چەتئەللىك مېھمان چاقىرىلغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى رەئىسى كاترىنا لەنتوس سىۋېت خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مۇدىرى دانېيال، ئامېرىكا ئەركىنلىك ئۆيى لېدىرى مارك لېگن قاتارلىقلار تەيۋەنگە يېتىپ بارغان ياكى ۋەكىل ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئەما كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى چېن گۇاڭچىڭ قاتارلىق بىر قانچە ئاساسلىق مۇھىم ئەربابلار ھازىرغا قەدەر تېخى تەيۋەنگە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئۇلارنىڭ تەيۋەنگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى تەيۋەن ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 17-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن زىيارەت قىلدۇق. رابىيە قادىر خانىم، «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى تەكلىپنامىسىغا ئاساسەن ۋاشىنگتوندىكى تەيۋەن ئىش بېجىرىش ئورنى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىغا ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ 15 ‏-فېۋرالغا قەدەر جاۋابلانمىغانلىقىنى، ئاخىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن رەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رابىيە خانىم گەرچە، تەيۋەندە ئېچىلىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» غا قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تەيۋەنگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى تەيۋەندىن ئەمەس، بەلكى خىتايدىن كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «بۇ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم بىر پۇرسەت ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھەر قانداق دۆلەتلەردە ئېچىلغان مۇشۇنداق خەلقئارالىق يىغىنلاردا بىزنىڭ قاتنىشىشىمىزنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى، مۇشۇنىڭ بىلەن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ مېنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىمنى ئىككىنچى قېتىم رەت قىلىشى. بۇ قېتىممۇ خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك باھا ۋە باھانىلەر كۆرسىتىشى بىلەن رەت بولدۇم، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى، زوراۋانلىقى بىلەن بولدى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدە مەسىلىنىڭ بارلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى دەپ چۈشىنىمەن.»

رابىيە قادىر خانىم يەنە، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەنگە بېرىپ يىغىنىغا قاتنىشىشىغا يول قويمىغانلىقىدىن ئوخشاشلا ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يىغىنغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى ۋە پىلانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. رابىيە خانىم تەيۋەن گەرچە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان بىر دېموكراتىك ھۆكۈمەت بولسىمۇ، يەنىلا داۋاملىق خىتاينىڭ قارا كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچار بولۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش دەپ قارايدىغانلىقىنى، يىغىندا ئۆزىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى، بېسىمى سەۋەبلىك ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىپ، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا سەرسان بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن كەلگەن، يىغىن قاتناشچىلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم گەرچە يىغىنغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈردى ۋە يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى تىلىدى ھەمدە يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ ۋە قاتناشچىلارنىڭ يىغىن داۋامىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن تەيۋەننىڭ ۋىزا بېجىرىشكە مەسئۇل خادىملىرى، بىر قىسىم ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ رەت قىلىنىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئامېرىكا پاسپورتىغا ئىگە ئەمەسلىكىدەك سەۋەبلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمما بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن رابىيە قادىر خانىم، ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق سالاھىيىتى بىلەن ئالغان، يەنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ساياھەت پاسپورتى بىلەن تەيۋەنگە ۋىزا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ رەت قىلىنىشقا سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قولىدا بار بولغان مۇشۇ ساياھەت پاسپورتى بىلەن بېرىپ پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا پاسپورتى ئالمىغانلىقىغا مۇنداق جاۋاب بەردى «مېنىڭ يولدىشىم ۋە بالىلىرىم ھەممىسى 7، 8 يىل ئاۋۋال ئامېرىكا پاسپورتنى ئالغان، ئامېرىكا پۇقراسى. مەن، شەرقىي تۈركستانغا قايتىپ كېتىدىغان بىر كۈنگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن، ھەم شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى شەرقىي تۈركستانلىق سالاھىيىتىم بىلەن ئېلىپ بېرىش ئارزۇيۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتى قوبۇل قىلماي، مۇشۇ سەرگەردانلىق پاسپورتى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، دۇنيامۇ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋاتىدۇ، تەيۋەننىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ئىشىك ئاچىدىغىنىغا ئىشىنىمەن.»