رابىيە قادىر: خىتاي ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان - ئەتكەنلىرىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك

0:00 / 0:00


خىتاي ھۆكۈمىتى 3 - سېنتەبىر بېيجىڭدا زور كۆلەملىك ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. مۇراسىمغا 12 مىڭ ئەسكەر، 500 ھەربىي جابدۇق، 200 گە يېقىن ھەربىي ئايروپىلان قاتناشتۇرۇلدى.

بىراق مۇراسىمغا رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر، پاكىستان، سۇدان، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق ئەللەر دۆلەت باشلىقلىرى قاتناشقاندىن سىرت، ئامېرىكا ۋە ئاساسلىق غەرب دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھېچقايسى قاتناشمىدى.

مۇراسىمدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيەنىڭ 300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ سۆزىدە، «جۇڭگو تەرەققى قىلىپ قانداق نۇقتىغا كەلسە كەلسۇن، ئۇ مەڭگۈ زوراۋانلىق قىلمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ، مەڭگۈ ئۇ ئۆزى بۇرۇن ئۇچرىغان پاجىئەلىك تەقدىرنى باشقىلارغا تاڭمايدۇ»دېگەن.

لېكىن ھەربىي پارات ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۆزى دەرھال د ئۇ ق نىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، «پۈتۈن دۇنيا تىنچلىق دەۋاتقاندا بۇنداق ھەربىي پارات دۇنياغا بېرىلگەن قورقۇنچلۇق سىگنال» دىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.