مازارلاردىن بايقالغان مەنا
2020.08.21
خەلقئارالىق تاراتقۇلار ئۇيغۇر مازارلىرىنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارنى بېرىۋاتقاندا خىيالىم «ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن كىتابنى يازغان ئۇستاز راھىلە داۋۇتقا كەتتى. راھىلە خانىم كىتابىدا 263 مازارنى خاتىرىلەپ ئۇلارنىڭ تارىخى، جايلاشقان ئورنى، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە ئۇ يەرلەردە بولىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە تەتقىقات قىلغان ئىدى. يېقىنقى ئايلاردا چىققان خەۋەرلەردە 100 دىن ئارتۇق مازار چېقىپ تاشلانغان. دېمەك، بىز شەرقى تۈركىستانغا مەشھۇر مازارلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن مەھرۇم قالدۇق دېگەن سۆز.
مازارلار ۋەيران قىلىنماستا راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكىنىگە كۆپ قايغۇرۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتى ھەققىدە تەپسىلىي ئويلىنىپ باقمىغان ئىكەنمەن. CNN ئاگېنتلىقىنىڭ سىنلىق خەۋىرىدە ئۆرۈلگەن مازارلارنى كۆرۈپ ئۆپكەم ئۆرۈلدى. چېقىلغان مازارلار ئادەتتىكى كىچىك مازارلار بولماستىن، بەلكى خوتەندىكى سۇلتانىم، ئىمام ئاسىم، ئىمام جەپىرى سادىق، قەشقەردىكى سۇلتان ئارسلانخان، ياركەنتتىكى دوخان پاشا قاتارلىق مىڭ يىللىق تارىخنى باغرىغا باسقان، نەچچە ئون مىڭ ئەجدادنى قوينىغا ئالغان، يىلىغا نەچچە تۈمەن ئادەم قېتىم زىيارەت قىلىنىدىغان مۇزىيسىمان قەبرىستانلىقلار ئىدى.
چېقىلغان قەبرىستانلىقلارغا ئېچىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇستازىم راھىلە داۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. كىتاب يوقاپ كېتىۋاتقان مازارلار، چېقىلىۋاتقان تەۋەرۈكلەر، ئۆچۈرۈلۈۋاتقان ئىزلارنىڭ ئۆچمەس ئابىدىسى ئىدى. مازار تەتقىقات ھاياتىنى «مازاركەشتىلىك» دەپ ئاتىغان راھىلە خانىم شەرقتە قۇمۇلدىن تارتىپ غەربتە قەشقەرگىچە، شىمالدا غۇلجادىن تارتىپ جەنۇبتا خوتەنگىچە 263 مازارنىڭ تەپسىلاتىنى يېزىپ چىققان. ئاپتور كىتابىدا مازارلارغا دائىر تارىخ، تەزكىرە ۋە رىۋايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر، ۋەقەلەر ۋە دۆلەتلەردىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇ يەنە كىتابىدا بۇ تارىخىي مىراسلارنى خاتىرىلەپلا قالماستىن بەلكى، بۇلارنى قانداق ئاسراش، قانداق ۋارىسلىق قىلىش ۋە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىش ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپلەرنى سۇنغان. كىتابنى تۈگىتىپ، مازارلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر مازارلىرىدىكى قىممەتلەر ھەققىدە مۇنۇلارنى ئويلىدىم.
مازارلار ئۇيغۇر ھاكىمىيەت تارىخىنىڭ تىرىك ھۆججەتلىرى ئىكەن. تارىخىمىزدىكى قاراخانلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان، چاغاتاي خانلىقى خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شاھى سەئىدخانلارنىڭ قەبرىسى ئالتۇنلۇق دېگەن ئورتاق نام بىلەن ئاتالغان ئىكەن. بۇ مازارلار ئۇيغۇر خان جەمەتى قەبرىستانلىقىغا بېرىلىدىغان خاس نامدا ئاتىلىپ قەددىنى كېرىپ تۇراتتى. ئۇلار قەشقەر، ياركەنت ۋە ئىلىغا ئوخشاش ئۇيغۇرنىڭ تارىخى پايتەختى جايلاشقان يۇرتلاردا مەۋجۇت ئىدى. بۇ مازارلار ئۇيغۇر ئەۋلادلارغا «بۇ زېمىن ساڭا باقىۋەندە، سەن بۇ تۇپراقلارنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى، شۇڭا بېشىڭ شاھ تاجىغا لايىق تىك بولسۇن، غۇرۇرۇڭ خان ئەۋلادىغا لايىق ئۈستۈن بولسۇن!» دېگەننى ھەر زامان ئەسكەرتىپ تۇراتتى.
مازارلار ئۇيغۇرنىڭ تارىخ مۇزىيى ئىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان ئوردىخان پادىشاھىم، ئاقسۇدىكى قىرمىش ئاتام ۋە خوتەندىكى ئىمام نامىدا ئاتالغان غايەت زور مازالار توپى تارىخىمىزدىكى ئۇرۇشلارنىڭ خاتىرە مۇزىيلىرى ئىدى. ئوردىخان پادىشاھىم مازىرىدا بولىدىغان تاۋاپتا كىشىلەرنىڭ تۇغلارنى كۆتۈرۈپ ناغرا سۇنايلار بىلەن قۇم دۆڭلىرىدىن ئاشقىنى قاراخانلار دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ جەڭگە ماڭغان ھالىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇيغۇرلار قەھرىمان شېھىتلەرنىڭ قەبرىلىرىنى مەزگىللىك يوقلاشنى مىللىي مۇراسىمغا ئايلاندۇرۇپ پىداكارلىقنى، جەڭگىۋارلىقنى ۋە قەھرىمانلىقنى مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
مازارلار ئۇيغۇرنىڭ سەنئەت ۋە تەنھەرىكەت كۆرىكى ئىكەن. قەبرىستانلىقتا ئۇرۇنلىنىدىغان مۇقام، ئوينىلىدىغان ساما، ئوقۇلىدىغان ھېكمەت، ئېيتىلىدىغان داستانلار كىشىلەرنى يىراق تارىختا قالغان ئەجدادىغا باغلايتتى. ئەخمەت يەسەۋىينىڭ ھېكمەتلىرى، ناۋايىنىڭ غەزەللىرى، شاھ مەشرەپنىڭ نەزملىرى قەلبلەرنى تۇتاشتۇراتتى، كۆزلەرنى ئۇچراشتۇراتتى، غۇملارنى يۇيۇپ، ئاداۋەتلەرنى تازىلايتتى. كىشىلەر مازارلىقتا سەنئەت بىلەن تاھارەت ئېلىپ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە سىغىناتتى. قەبرىستانلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازلىق، چېلىشچىلىق، جانبازلىق ماھارىتى ۋە سېھىرگەرلىك كامالىتى سەھنىگە ئىگە بولاتتى.
مازارلار ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەمۇنىسى ۋە يادىكارى ئىدى. ئەگەر ئۇيغۇر خانى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ قورغاستا ھەيۋەتلىك مازىرى يادىكار قالمىغان بولسا، بوۋىلار قۇرغان دۆلەتنىڭ ھەيۋىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلمەيتتۇق. ئەگەر قەشقەردە ئاپاق خوجا مازىرىغا ئوخشاش نەچچە مىڭ ئادەمنى سىغدۇرىدىغان نەمۇنە قالمىغان بولسا، بىز شۇ زىننەتلىك پىشايۋانلار، ئىتىكاپخانىلار ۋە خانىقالارنى سالالايدىغان يۈزلىگەن سەنئەتكار ئەجدادلارنىڭ ياشىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتۇق. مازارلار بىزگە مىڭ ئۆينى بېزىگەن ئەجدادلارنىڭ ياراتقۇچىغا، يارالمىشقا، تەبىئەتكە بولغان مۇھەببەتنى بۇتپەرەس ۋاقتىدىكىدەك جانلىقلارغا ئاتالغان رەسىم ۋە ھەيكەللەرگە سىڭدۈرۈشتىن ئىسلامغا ئىشەنگەندىن كېيىن نەقىش، كاھىش ۋە تاملارغا گۈل قىلىپ ئويۇشقا، خۇشخەت قىلىپ يېزىشقا ئۆزگەرتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار تاۋاپتا خان بوۋىسى ۋە خانىش مومىسىدىن قالغان مازارلاردىكى تاملارنى سىلاپ، تەكچىلەرنى ھىدلاپ، قەبرىلەرنىڭ توپىسىنى يۈزىگە سۈرۈپ، نەچچە ئەسىرلەر بويى قەلبىدە ياشاپ كەلگەن ئەجدادىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇيغۇرلۇقنىڭ غۇرۇرىغا قانىدۇ.
مازارلار ئۇيغۇرنىڭ سودا يەرمەنكىسى ئىكەن. مازار سەيلىسى مەزگىلىدە بىر ئۇچى قۇمۇلدىن باشلانغان تاۋاپ كارۋانلىرىنىڭ بىر توپى تۇرپانغا يەتكەندە، خوتەندىن ئاتلارغا قامچا ئۇرغان يەنە بىر توپ ئارتۇچقا سەپەر قىلاتتى. يول بويى يۇرتلار يوقلىناتتى، بازارلار ئاۋات بولاتتى. ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەر ئايماق، ھەر قىشلاق، ھەر بازارلىرىدىن كەلگەن تاۋاپچىلار مازار سەيلىسى جەريانىدا ئۇچۇر، ئىدىيە ۋە تاۋار ئالماشتۇراتتى، ھۈنەر ئورتاقلىشاتتى، تەجرىبەلەرنى يېڭىلىشاتتى. يىلدا بىر بولىدىغان تاۋاپ سەيلىسى ئۇيغۇرنىڭ دۆلەتلىك سودا كۆرگەزمىسى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياساش، پىششىقلاش، توشۇش كەسپىنى يۈكسەلدۈرەتتى.
مازارلار ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم، ئادالەت ۋە ھۆرلۈك سەپىرىدىكى يول بەلگىلىرى ئىدى. قەشقەردىكى مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ، ئاقسۇدىكى ئابدۇللا خاراباتىنىڭ، ئۇچتۇرپاندىكى موللا شاكىرنىڭ، ئىلىدىكى يۈسۈپ سەككاكىنىڭ، بايدىكى موللا مۇسا سايرامىنىڭ مازىرى ئۇيغۇردا تاۋاپ قىلىنىپ ئەزىزلەنگەن. ئۇيغۇردا قەدىرلەنگىنى ئىلىمنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئالىملىقنىڭ ئېتىبارى ئىدى. ھەر قېتىملىق زىيارەتتە بۇ ئالىملارنىڭ ئەسەلىرى ئوقۇلۇپ، ئوقۇرمەن ئۇيغۇرغا دۆلەتنىڭ بىلىم بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقىنى، ئادالەتنىڭ كۈندەك ئەبەدىيلىكى، بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن ھەر قانداق تۇيۇق يوللارنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى، ھۆرلۈك ئۈچۈن قىلىنىدىغان كۈرەشنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى.
راھىلە خانىمنىڭ مەزكۇر كىتابى 2001-يىلى نەشر قىلىنغان ئىدى. كىتاب نەشر قىلىنغان شۇ يىللاردا شەرقى تۈركىستاندا مازار تاۋاپچىلىقى چەكلەنگەن ئىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەپنىڭ قەبرىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇردىكى رېئاللىققا بويۇن ئەگمەيدىغان بىر كۈچنى نامايىش قىلىۋاتقانلىقى بولغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدىم. بولۇپمۇ 2006-يىلى ئۈرۈمچىدە خوجانىياز ھاجى مازارلىقى چېقىپ تاشلانغاندىن كېيىن كىشىلەر قەبرىستانلىققا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان، قەبرىلەر كۆزلەرگە بارغانچە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان، كونا گۈمبەزلەر بارغانچە تەۋەرۈكتەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. مەنمۇ شۇنداق ئىدىم، ھەر قېتىم قەبرىستانلىققا بارسام كۆڭلۈم تەسەللى تاپاتتى. قەبرىستانلاردىكى چىرايلىق ئۇيغۇرچە خۈشخەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن تاشلار ماڭا مىڭ يىللار بۇرۇنقى مەڭگۈ تاشلارنى ئەسلىتەتتى. قەبرىستانلىقلارنى بېزىگەن ئۇيغۇرچە قۇببەلەر، كاھىشلار، نەقىشلەر ۋە قەبرىلەرنىڭ بېشىدا قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە مۇقام ئاھاڭىدىكى يېقىملىق قىرائەتلەر ماڭا مىڭ يىل ھىندىچە نوم ئوقۇپ ھىندىلاشمىغان، نامازنى مىڭ يىل ئەرەبچە ئوقۇپ ئەرەبلەشمىگەن، پارسلار بىلەن ئىككى مىڭ يىل قوشنا ياشاپمۇ، پارىس مەدەنىيىتىگە ئەسىر بولمىغان، ئەكسىچە يۇقىرىقى مىللەتلەردىن كەلگەن قەبىلە، جامائەت ۋە ئېقىملارنى ئۇيغۇرلارشتۇرۇپ قوينىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن بىر مىللەتنىڭ كەڭرى باغرىنى، چوڭقۇر يىلتىزىنى ۋە مۇكەممەل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى.
ئانا تىلىمىز ھاكىمىيەتتىن، مائارىپتىن ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەلىرىدىن تەدرىجىي سىقىپ چىقىرىلغان 2000-يىللاردا ئۇيغۇرلاردا قەبرىلەرگە قىزىقىش كۈچەيگەن ئىدى. غۇلجادا سادىر پالۋان، ئاقسۇدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام، ئۈرۈمچىدە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئابلىز مەخسۇم، ياركەنتتە باتۇر روزى، خوتەندىكى روزى سايىت مەقبەرىلىرى ياشلارنىڭ زىيارەتگاھىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. قەبرىلەرنى پات-پات سىرلاپ قويىدىغان مەنىلىك نەزم ۋە شېئىلارنى يېزىپ قويىدىغان، تۇپراق بېشىغا ئىسيانكار ھىكمەتلەر بىلەن تاش ئورنىتىدىغان ئادەت ئۇيغۇردا ئومۇملاشقان ئىدى. 2011-يىلى تومۇزدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەبرىسىنى قانچە قېتىم يوقلاپ بارغىنىمدا شۇنچە قېتىم يىپ-يېڭى بىر يېشىل جاينامازنىڭ قەبرە يېنىغا قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ سۆيۈنۈپ كەتكەن ئىدىم. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرپەرۋەر ياشلارنىڭ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلى ئابلىز مەخسۇمنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشنى ئادەت قىلغىنىدىن ئۈمىدلەنگەن ئىدىم. تىلىمىزنىڭ ھاكىمىيەتتىن، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ رېئاللىقتىن يەكلىنىشى كىشىلىرىمىزنى ئەجدادىغا، تارىخىغا ۋە ئۆتمۈشنىڭ خاتىرە سارايلىرى بولغان قەبرىستانلارغا باشلىماقتا ئىدى.
2010-يىلى تومۇزدا ئورىگان ئۇنۋېرىستېتىدا خەۋپتە قالغان تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولدى. مەن يىغىن جەريانىدا «ئۇيغۇر دارۋازلىقىدا مەدداھلىق» دېگەن تېمىدا لېكسىيە قىلدىم. برازىلىيەلىك بىر تىلشۇناس: «ئۇيغۇرلار بوستانلىقلارغا تاقاق ئورونلاشقان ئىكەن، يۇرتلار ئارا قاتناش قۇلايسىز، مۇساپە ئۇزاق ئىكەن، جۇغراپىيە تىلشۇناسلىقى بويىچە قارىغاندا بۇنداق رايوندا تىللار بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، بۇنداق يەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۆلۈنمەي بۈگۈنگە كېلىشىدىكى سەۋەبنى قانداق چۈشەندۈرىسەن؟» دەپ سورىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇيغۇرلاردا قۇمۇلدىن قەشقەرگە، غۇلجادىن خوتەنگە قەدەر مازارلارنىڭ بارلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئايلىنىپ شۇ مازارلارنى يىلدا بىر تاۋاپ قىلىدىغانلىقىنى سەۋەپنىڭ ئاساسلىقى قىلىپ چۈشەندۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە ئۇستازىم راھىلە داۋۇتنىڭ بىر كىتاب يازغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. شۇ چاغدا تەتقىقاتچىلار راھىلە خانىمنىڭ «ئۇيغۇر مازالىرى» دېگەن كىتابىغا قىزىققان ئىدى.
2000-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇردىكى تارىخىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشىغا، ئەجداد مۇھەببىتىنىڭ كۈچلىنىشىگە، مىللىي غۇرۇرنىڭ يۈكسىلىسىشىگە راھىلە خانىمغا ئوخشاش زىيالىيلار تۈرتكە بولغان ئىدى. ئۇلار چۆل جەزىرىلەرگە چېچىلغان تارىخنى خاتىرىلەپ كىتاپلاشتۇرغان، لاي گۈمبەزلەردىكى ئۇلۇغلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ ئەسلەرگە سالغان، كۆزلەرگە كۈندە تاشلىنىپ تۇرسىمۇ سىر-ھېكمەتلىرى توپا-چاڭلارنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئەجدادلارنىڭ كەچمىشىنى ئاۋايلاپ سۈرتۈپ ئۇيغۇرنىڭ تەپەككۇر داستىخېنىغا تىزغان ئىدى.
راھىلە داۋۇت بۈگۈن تۇتقۇن، ئەمما ئۇنىڭ كىتابى، ماقالە ۋە ئەسەلىرى تۇتقۇن ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۆزىنى مەھكۇم قىلغان بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا قىسىنغان يۈرەك سۆزلىرىنى مەھكۇم قىلالمايدۇ. راھىلە داۋۇت يازغان «ئۇيغۇر مازالىرى» بوۋىلاردىن قالغان مەڭگۈ تاشلاردەك مەڭگۈلۈك خاتىرىدۇر. ئۇ ئۇيغۇر ئەۋلادلار ئۈچۈن زۇلمەتتە مەشئەل، مۇسىبەتتە تەسەللى، كۈرەش يولىدا بەلگە بولغۇسى. خۇددى مەھمۇد قەشقەرى «بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن ئازماس» دېگەندەك راھىلە خانىم تىكلىگەن بۇ ئەجدادلار ئابىدىسى ئۇيغۇرنىڭ يولىنى يورۇتقۇسى.
راھىلە داۋۇتنىڭ تەرجىمىھالى
راھىلە داۋۇت 1966-يىلى مايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان، 1987-يىلى مەخسۇس كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1990-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەر خەلق ئەدەبىياتى» بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە فاكۇلتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1998-يىلى 7-ئايدا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا فولكلور ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى فولكلور دوكتورى شەرىپىگە نائىل بولغان. 2004-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتوتىدا پروفېسسور بولغان.
1999-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «پارس ۋە چاغاتاي تىلى تېز تەربىيىلەش كۇرسى» دا دا ئالتە ئاي ئوقۇغان. 2003-يىلى بېيجىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالتە ئاي ئىنگلىزچە تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپىدا ئوقۇپ، ئىنگلىز تىلىنى مۇستەھكەملىگەن. 2003-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 9-ئايغىچە ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولغان. 2006-يىلى 12-ئايدىن 2007-يىلى 6-ئايغىچە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى پروفېسسور بولغان. راھىلە خانىمدىن 2017-يىلى دېكابىردا خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغاندىن بۇيان خەۋەر يوق. راھىلە خانىمنىڭ ئىنگلىز، تۈرك ۋە خىتاي تىللىرىدا ماقالە ۋە ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ ئۆزى باش بولۇپ ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.