رىچارد گيېر: «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.03.13
richard-gere-uyghur-mesilisi-1.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت سىياسىي پائالىيەتچىسى لودى گارىنىڭ ۋاپاتى ۋە ھاياتىنى ئەسلەش يىغىلىشىدا ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق ئارتىسى رىچارد گيېر ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 12-مارت، ۋاشىنگتون.
AFP

مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا كىشىلەر ھېچقاچان ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان شەخسلەرنىڭ بىرى لودى گالتسېن گارى ھېسابلىنىدۇ. 1949-يىلى ھازىرقى سىچۈەن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان لودى گارى 1959-يىلى تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ھىندىستانغا كۆچۈپ چىققان.

ياشلىق ۋاقىتلىرىدا سىياسىي پائالىيەتلەردىكى ئاكتىپلىقى بىلەن كۆزگە چېلىققان لودى گارى 1975-يىلى «تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى» نى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. تىبەتلەرنىڭ سىياسىي داۋاسىنى دۇنياغا ھەمدە كېيىنكى ئەۋلاد تىبەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىنگلىزچە ۋە تىبەتچە تىللاردا «تىبەتكە نەزەر» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىزچىل نەشر قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن. 1991-يىلىدىن باشلاپ دالاي لامانىڭ ئامېرىكادىكى ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ ئەۋەتىلگەن ھەمدە 2018-يىلى 29-ئۆكتەبىر كۈنى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلىشنى داۋام قىلغان.

لودى گارىنىڭ ھاياتىنى ۋە ۋاپاتىنى ئەسلەش مەقسىتىدە 13-مارت كۈنى ئامېرىكادىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە ئىشلەۋاتقان كىشىلەردىن نەنسىي پېلوسى، دياننا فاينستايىن، پاۋلا دوبرىئانسكى، جېيمىس مەكگوۋېرىن قاتارلىق سىياسىيونلار، شۇنىڭدەك ھوللىۋودنىڭ دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر ئارتىسلىرىنىڭ بىرى، دالاي لامانىڭ يېقىن دوستلىرىدىن رىچارد گيېر، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گرېشمان قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

چۈشتىن كېيىنكى يىغىن باشلانغاندا ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ لودى گارىنىڭ تىبەت سىياسىي ھەرىكىتىدىكى رولى ۋە خىزمەتلىرىنى ئەسلىدى. جۈملىدىن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان «ئوتتۇرا يول» ئىستراتېگىيەسىگە بىنائەن خىتاي-تىبەت سۆھبىتىگە ۋەكىل بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «تىبەتلەر يۈكسەك ئاپتونومىيەگە ئېرىشسە مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىشكە رازى بولىدۇ» دېگەن يېتەكچى ئىدىيەنى تەرغىب قىلغانلىقىغا قارىماستىن يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى «دۈشمەن كۈچ» دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى قايغۇ ئىچىدە ئەسلەپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا بىز «ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ رەئىسى كارل گرېشمان ئەپەندى بىلەن قىسقىچە سۆھبەتلەشتۇق. مەزكۇر فوند جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللاپ كەلگەنلىكىدىن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بەكمۇ مىننەتدار ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆز بولغاندا كارل گېرشمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلاردىن بەكمۇ ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«بىز قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمىز. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشىگە ئىشىنىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا ئىشىنىمىز. ھالبۇكى، بىزنى بەكمۇ غەزەپلەندۈرۈۋاتقىنى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دەل مۇشۇ غۇرۇرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلالمايدۇ، ئۇيغۇرلار داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشىمىز، بۇ ئەھۋالغا ئۆزىمىزنىڭ قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلىشىمىز، شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىلەرنى خەلقئارا جامائەتكە ياخشى ئاڭلىتىپ ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشىمىز لازىم.»

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مېھمانلاردىن دۇنياغا مەشھۇر كىنو چولپىنى رىچارد گيېر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللاپ كەلگەن زاتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاكتىپ پائالىيىتى سەۋەبىدىن رىچارد گيېرنى خىتاي ھۆكۈمىتى «مەڭگۈ چېگرادىن كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ بېكىتكەن. شۇنىڭدەك ئۇ رول ئالغان ھوللىۋۇد فىلىملىرىنىڭ خىتايدا قويۇلۇشىنى مەنئى قىلغان. بىز ئۇنىڭدىن «سىز ئىزچىل تىبەتلەرنىڭ داۋاسىنى قىلىپ كېلىۋاتىسىز. ئۇيغۇر داۋاسىغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئەھۋاللاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«روشەنكى، ئۇيغۇرلار ھازىر تىبەتلەرگە ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارنى ئويلىسام بەكمۇ شۈركۈنۈپ كېتىمەن. چۈنكى بۇ جەھەتتە بەكمۇ كۆپ ھەقسىزلىق بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا دۇنيا ئاشۇ ماكاندا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى لازىم. ھازىر ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ يىغىنلار ئېچىلىۋاتىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى يىغىنمۇ شۇنداق بولدى.»

بىز ئۇنىڭغا «تىبەت داۋاسىنى قوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن فىلىملىرىڭىز خىتايدا مەنئى قىلىندى. ئەگەر ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاۋاز قوشسىڭىز، بۇ خىل چەكلەش تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. شۇنداق بولۇپ قالسا پۇشايمان قىلامسىز؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك. مېنىڭ خىزمىتىم-ھەقىقەتنى سۆزلەش. بۇنىڭغا ئارتۇق گەپ ھاجەتسىز!»

بىز ئۇنىڭدىن «ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يۈزمۇ-يۈز سۆھبەتتە بولۇش توغرا كەلسە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى دېيىشىڭىز مۇمكىن؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ جايدا سىلەر قورقۇپ كەتكۈدەك ھېچ ئىش يوق. ئۇ ئىنسانلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن ياشاشنىلا ئىستەيدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە زىيانكەشلىك قىلغىنى يوق!»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشنىڭ خەلقئارادا كۆپلەپ بىلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار ۋە ئۇنى ھەر خىل شەكىللەردە قوللىغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.