رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيەسى نېمىنى كۆزلەيدۇ؟
2022.08.26
يېقىندا رۇسىيە ئۆزىنىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق تەييارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇ ھەقتە رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا بىلدۈردى.
رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بۇ بىلدۈرۈشى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يورۇتۇلدى. «پەرغانە» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «شويگۇ: رۇسىيە قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىكى ئۆز ھەربىي بازىلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق تەييارلىقىنى كۈچەيتىدۇ» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭغا ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ھەم باشقىمۇ كرىزىسلىق ۋەزىيەتلەر سەۋەب بولماقتىكەن.
شويگۇ مەزكۇر يىغىندا سۆزگە چىقىپ، ئافغانىستاندا خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە دىنىي رادىكالىزم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە چېگرالار ئارا جىنايەتلەرنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە ھەر قانداق بىر تەشەببۇسلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنىڭدەك مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشتە بارلىق چارىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۆزبېكىستان ۋە ئافغانىستان چېگراسىدا قوراللىق توقۇنۇش ئورۇن ئېلىپ، ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، ئالتىسىنىڭ يارىدار بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. لېكىن بۇنىڭ قايسى تەرەپتىن ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان. بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەسمىي بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپنىڭ مەخسۇس ئورگانلىرى مۇزاكىرە يۈرگۈزۈپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن بەزى تەرتىپ بۇزۇشلارغا يول قويۇلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامۇ دەرياسىغا جايلاشقان «ئارال پايغامبار» ئارىلى رايونىدا ئۆزبېك چېگراچىلىرى قولۋاقلارغا ئولتۇرۇۋالغان 24 ئافغاننىڭ چېگرا بۇزغانلىقىنى بايقىغان. چېگرا بۇزغۇچىلىرى قارشىلىق كۆرسەتكەندە ئوق ئېتىلغان. ئافغانلارنىڭ چېگرا بۇزۇشىغا ئۇلارنىڭ ئۆزبېكىستان تېررىتورىيەسىگە دورا ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكى سەۋەب بولغان.
مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى ئىتتىپاقداش بولغان سابىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشلىرى ۋەقەلىرىنىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىمۇ پات-پات ئورۇن ئېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىدى. بۇ توقۇنۇشلار بويىچە مۇزاكىرىلەر داۋاملىق يۈرگۈزۈلۈپ تۇرسىمۇ، بۇ ھازىرچە نەتىجە بەرمەي كەلگەن.
رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيەسى نېمىنى كۆزلەيدۇ؟ بۇ رايوندىكى ۋەزىيەت رۇسىيە ئۈچۈن مۇھىممۇ؟ ئۇ ئافغانىستان مەسىلىسىدىن باشقا يەنە نېمىدىن ئەندىشە قىلىدۇ؟
سىياسەتشۇناس پيوتر سۋويىك ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھازىر رۇسىيەنىڭ دىققىتى ئاساسەن ئۇكرائىنا ئوخشاش رۇسىيەگە قارشى لايىھەنى يوق قىلىشقا قارىتىلغان. قالغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما ئومۇمەن رۇسىيەنىڭ سىياسىتى ئۇ كونترول قىلىۋاتقان مەركىزىي ئاسىيادەك چوڭ رايوندا ئەنە شۇنداق رۇسىيەگە قارشى لايىھەلەرنىڭ بولۇشىغا يول بەرمەسلىكتىن ئىبارەت. كېيىنچىرەك بولسا، بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە بېقىندۇرۇش. ئەلۋەتتە، ئافغانىستانمۇ سۆزسىز شۇنداق مەنپەئەتلەر دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئافغانىستان ئامېرىكادىن بوشىغانلىقتىن ئۇ رۇسىيە ئۈچۈن ئەركىن بوشلۇق بولۇپ قالدى: بىرىنچىدىن، رۇسىيە ئۈچۈن بۇ رايون چوڭ مەسىلە، ئىككىنچىدىن، مەنبە ۋە سىياسەت جەھەتتىن ئۇنىڭ كېلەچىكى مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە بۇ مەسىلىدە ھەم خىتاي ھەم پاكىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن سۈرىيەدە بولغاندەك ئافغانىستاندىمۇ بولۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ ھەم ئىران ھەم تۈركىيە بىلەن ھەمكارلاشماقتا. رۇسىيە ئۇيۇشتۇرماقچى بولۇۋاتقان ھەربىي مەشىقلەر ۋە باشقىلار ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسىتىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
پيوتر سۋويىك رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەت ھەم بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا چېگرا مەسىلىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىدىن كۆپرەك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەتقىقاتچى رۇسلان ئىزىموف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ ھازىر بىز رۇسىيەنىڭ ھەربىي، ھەربىي-سىياسىي ۋە ھەربىي-تېخنىكالىق ساھەلەردە مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ئافغانىستاندا قېلىپلاشقان ۋەزىيەت بىلەن زىچ باغلىق. بىر يىل ئىلگىرى تالىپلار ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋېلىپ، پۈتكۈل مەملىكەت ئۈستىدە كونترول ئورنىتىشقا كىرىشكەنىدى. ئەمما ئۇ پۈتۈنلەي كونترولنى قولغا ئالالمىدى. ھازىر تالىپلارغا بېقىنمايۋاتقان تېررورلۇق ھەم رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ بار ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. بۇ كۈچلەرنىڭ ئۆز مەقسەتلىرى، شۇ جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۇغدۇرۇۋاتقان خەۋپلىرى بار. بىرىنچى نۆۋەتتە بۇ تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان. تالىپلار ھاكىمىيەتكە كەلگەن بىر يىل ۋاقىت مابەينىدە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن چېگرا توقۇنۇشلىرىنىڭ بولغانلىقى، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىلىق يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇردۇق. شۇنداقلا بۇ يەردە ‹مىللىي قارشى تۇرۇش فرونتى› تەشكىلاتى تېخىمۇ ئاكتىپلىشىۋاتىدۇ. ئۇ تاجىكىستان ۋە باشقىمۇ تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىۋاتىدۇ ھەم بۇ كۈندە تالىپلار ئۈچۈن خەۋپلىك كۈچ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.»
رۇسلان ئىزىموفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رۇسىيە ئۈچۈنمۇ خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ مۇمكىن قەدەر بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشكە تىرىشماقتا.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ رۇسىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيادا ئاكتىپلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئاساسىي سەۋەب ئەمەس. ئاساسىي سەۋەب شۇنىڭدىكى، ھازىر مەركىزىي ئاسىيا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا باشلىق غەرب ھەم خىتاينىڭ گېو-سىياسىي مەنپەئەتلىرى توقۇنۇشۇۋاتقان نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. رۇسىيە غەرب بىلەن قارىمۇ-قارشى مەيداندا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئەلۋەتتە، رۇسىيە ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى ساقلاپ قېلىشقا بار كۈچى بىلەن ئىنتىلىدۇ. سەۋەبى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كۆرسىتىپ تۇرغاندەك، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيەلىرىگە كۈچ قوللىنىش ئۇسۇلى مۇنداق كونترولنى تەمىنلەشكە قادىر ئەمەسلىكىنى ئاشكارا قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تۇتقان يولىدىن يېنىپ، ‹يۇمشاق كۈچ›، ‹خەلق دىپلوماتىيەسى›گە ئوخشاش مېخانىزملارغا تايانماقتا. بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتىنى ئاتاپ ئۆتۈش كېرەك. بۇ يېقىنلىشىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشى. مېنىڭچە بۇ تەشكىلات ئومۇمىي ياۋرو-ئاسىيالىق بىر تەشكىلاتقا ئايلىنىۋاتىدۇ.»
رۇسلان ئىزىموف بۇ تەشكىلاتقا بەش يادرولۇق مەملىكەتنىڭ ئەزا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاينى قوللايدىغان ئەزالىرىنىڭمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، غەربكە قارشى كۈچلۈك بىر تەشكىلاتقا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇماتلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيە مۇشۇ يىل كۈز ئايلىرىدا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا كوللېكتىپ ھەمكارلىق شەرتنامىسى تەشكىلاتى دائىرىسىدە بىر نەچچە ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزمەكچىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدىمۇ شۇنداق مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.