مۇتەخەسسىسلەر ئۇكرائىنا كرزىسى تۈپەيلى رۇسيىەلىكلەرنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا كىرىشىگە نېمە دەيدۇ؟

0:00 / 0:00

مەتبۇئات سەھىپىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالە ۋە ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى خېلى كەسكىنلەشكەن. بۇنىڭغا يەنە رۇسىيەنىڭ بېسىۋالغان ئۇكرائىنا تېررىتورىيەلىرىدە رۇسىيە تەركىبىگە ئۆتۈش توغرىلىق «رېفېرېندۇم»، يەنى بىلەت تاشلاش سايلىمى ئۆتكۈزۈش ھەمدە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 300 مىڭ ئادەمنى ھەربىي خىزمەتكە سەپەرۋەر قىلىش چاقىرىقىمۇ سەۋەب بولغان. سەپەرۋەرلىككە 35 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ھەربىي مۇتەخەسسىسلىك ۋە جەڭگىۋارلىق تەجرىبىسىگە ئىگە پۇقرالار، بىرىنچى نۆۋەتتە، قاتاردىكى ئەسكەرلەر، ئوفىتسېرلار ۋە باشقىلار ئېلىنىدىكەن. ئۇلار مەخسۇس ھەربىي ھەرىكەت رايونىغا ئەۋەتىلىش ئالدىدا قوشۇمچە تەييارلىقتىن ئۆتىدىكەن.

يېڭىدىن ئىگىلەنگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھەربىي خىزمەتكە سەپەرۋەر قىلىش چاقىرىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە بارىدىغان يول ھەققى كەسكىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، رۇسىيە بىلەن قۇرۇقلۇق چېگراسى جەھەتتىن ئەڭ كۆپ ھەجىمگە ئىگە قازاقىستان بىلەن بولغان چېگرا رايونلىرىدا رۇسىيەدىن قازاقىستانغا ئۆتمەكچى بولغان يۈك ۋە يولۇچى ماشىنىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتكەن. ھەتتا بەزى رۇسىيە پۇقرالىرى چېگرادىن پىيادە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان ۋەقەلەرمۇ ئورۇن ئالغان.

بۇ خەۋەرلەر رۇسىيەنىڭ «پەرغانە» ۋە «ئىنتېرفاكس» ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدا ئېلان قىلىنغان «يېقىنقى كۈنلەردە موسكۋادىن مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى پايتەختلىرىگە بارىدىغان بېلەت باھاسى كەسكىن ئۆستى» ۋە «قازاقىستان دائىرىلىرى رۇسىيەلىكلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلىمەسلىككە ۋەدە بەردى-چېگرادا نۆۋەتلەر توپلاندى» ناملىق ماقالىلەردە بېرىلگەن. رۇسىيەلىكلەرنىڭ قازاقىستانغا كىرىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان سېناتى، يەنى يۇقىرى كېڭىشىنىڭ رەھبىرى ماۋلېن ئاشىمبايېف بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا رۇسىيەلىكلەرنىڭ قازاقىستانغا كىرىپ كېلىشىگە چەكلىمە قويۇلمايدىغانلىقى، ئەمما بارلىق رەسمىيەتلەرنىڭ تېگىشلىك ھۆججەتلەرنى تاپشۇرغان ھالەتتىلا ئورۇنلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ بارلىقىغا رۇسىيەنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇكرائىنا تېررىتورىيەسىگە بېسىپ كىرىپ، ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىشى سەۋەب بولغان. ھازىرغىچە قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتقان بولسىمۇ، ئايرىم قازاقىستانلىقلارنىڭ ئۇكرائىناغا ماددىي ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە توسالغۇ قىلماي كەلمەكتە.

ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قانداق تەرەققىي ئېتىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي قانداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ؟ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قانداق ئەھۋالدا؟

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېۇوف ئەپەندى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئېغىر ئەھۋالغا قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ قازاقىستاننىڭ رۇسىيەگە نىسبەتەن تەڭپۇڭلۇق پوزىتسىيە تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى، سەۋەبى، بىر تەرەپتىن پۇتىننىڭ غەزىپىگە دۇچ كېلىشتىن ئېھتىيات قىلسا، ئىككىنچى تەرەپتىن، غەربنىڭ ئېمبارگولىرىدىن چۆچۈيدىغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ‹دونباس خەلق جۇمھۇرىيىتى› ۋە ‹لۇگانسكى خەلق جۇمھۇرىيىتى› توغرىلىق تەخمىنلەر پەيدا بولغاندىمۇ ۋە ھازىرقى كۈنگە قەدەرمۇ بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلىدە رۇسىيە تەرەپتىن بىرەر خەۋپ كەلمىدى. ئەمما شۇنداقتىمۇ قازاقىستان رەھبىرى توقايېف رۇسىيەدىن يىراقلىشىشنى قولغا كەلتۈرسىمۇ، رۇسىيە ئۈچۈن ياخشىلىقلارنى قىلدى. ئۇ رۇسىيەنىڭ ئېمبارگولارغا ئۇچرىسىمۇ، ياۋروپادىن، ئامېرىكادىن تاۋارلارنىڭ قازاقىستان ئارقىلىق كىرىپ كېلىشىگە مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بەردى. توقايېف رۇسىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ قازاقىستان تېررىتورىيەلىرىگە كۆز سېلىپ، ئۇلارنى رۇسىيە تەركىبىگە كىرگۈزۈش توغرىلىق پىكىرلەرنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ بارلىقىنى سەۋرلىك بىلەن قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەنمۇ رەسمىي پىكىر قىلماي كېلىۋاتىدۇ. توقايېف رۇسىيەگە بولغان ئۆز پوزىتسىيەسىنى تۈركىيە بىلەن ھەربىي كېلىشىملەرنى ئىمزالاش ئارقىلىق نامايىش قىلىۋاتىدۇ. توقايېف ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ رۇسىيەگە ۋە باشقىمۇ ئەللەرگە قورال ئېكسپورت قىلىشنى مەنىي قىلىۋاتىدۇ. ئۇ سۆزلىمەي، پەقەت ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. توقايېف سىرتقى سىياسەتتە ئەمەلىي ھەرىكەتلەر قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى سىياسەتتە ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرى ئىنتايىن كۆپ.»

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئابدۇرەھىم ھاپىزوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «پۇتىننىڭ بۇ ئۇرۇشقا يەنە 300 مىڭ ئادەمنى جەلپ قىلىش بۇيرۇقى ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرۇيىنى تېخىمۇ چۈشۈرىدۇ. كۈندىن-كۈنگە دۇنيا جامائەتچىلىكى، دېموكراتىك دۆلەتلەر پۇتىندىن ئۇرۇشنى توختىتىشنى، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى ئۇكرائىنا يېرىدىن چىقىپ كېتىشنى قەتئىي تەلەپ قىلماقتا. مۇشۇ سەۋەب بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۆتۈپ كېتىشىدىن چۆچۈۋاتىدۇ. رۇسىيە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پۇتىن ئۇرۇشىغا قارشى پائالىيەتلەرنى چەكلەش توغرىلىق ھەر خىل بېسىم ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي بولسا، ئىقتىسادىي ياردەم كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا.»

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئېمبارگو سېلىشى رۇسىيە ئىقتىسادىنى قاتتىق ھالسىراتقان بولسىمۇ، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىمۇ بۇنىڭدىن زەرداب چەكمەكتىكەن. ئۇ رۇسىيەنىڭ 300 مىڭ ئادەمنى ئەسكەرلىككە سەپەرۋەر قىلىش ۋە بېسىۋېلىنغان رايونلاردا بىلەت تاشلاش سايلىمى ئۆتكۈزۈش قارارىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنى تۈپ ئاساستىن ئۆزگەرتىۋېتىش، تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «بۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىنتايىن زىيان. ئۆز ۋاقتىدا غەربنىڭ پۈتكۈل دىققىتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىدا بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى سىرتتا قالغانىدى. ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىسى بىر ئاز ياخشى بولۇۋېدى، مۇنۇ ۋەزىيەت يەنە بۇزۇۋېتەمدىكىن دېگەن تەشۋىش بار بىزدە. قازاقىستان بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىچىدە بىرىنچىلەردىن بولۇپ رۇسىيەدىن چېكىنىشكە باشلىدى. غەربكە قاراپ يۈزلەندى. بۇنى بىزنىڭ پرېزىدېنت قاسىم-ژومارت توقايېفنىڭ تۈنۈگۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئالىي يىغىندىكى سۆزىدىنمۇ بايقىغىلى بولىدۇ. ئەمما يەنە بىر خەتەرلىك بار. بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئاستاناغا كېلىشىدە قازاقىستان ئۇنى ئىنتايىن يۈكسەك قارشى ئالدى، ئوردېنلارنى بەردى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسى ناچارلاۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

ئۇ خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى غەربكە قارشى كۈرەشتە پايدىلىنىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نىسبەتەن تۇتقان سەلبىي پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ رايوندىكى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ئاكتىپلاشتۇرۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇسىيە قازاقىستان بىلەن ئەڭ ئۇزۇن قۇرۇقلۇق چېگراغا ئىگە دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.5 مىڭ كىلومېتىرنى تەشكىل قىلغان. رۇسىيەلىكلەرنىڭ قازاقىستانغا سەيلە قىلىش ۋە ئىش مەقسىتى بىلەن، ھەتتا ئىچكى پاسپورتلار بىلەن كىرىشى چەكلەنمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار مەملىكەتتە تىزىملىتىشسىز 30 كۈن، تىزىملىتىش بىلەن 90 كۈنىچە تۇرالايدىكەن.