رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ بىر يىل ئۆتكەندە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشتە تېخىمۇ بىرلىككە كەلدى. ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئىلغار قوراللارنى بېرىدىغانلىقى ۋە رۇسىيەگە تېخىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىر يىلغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇشتا رۇسىيەنىڭ تۆلىگەن بەدىلى، ئۇكرائىناغا كەلتۈرگەن بالايى-ئاپىتى ناھايىتى ئېغىر بولدى. ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشنى قانداق ئاياغلاشتۇرىدىغانلىقى، رۇسىيە-خىتاي ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر دۇنيانىڭ ئىزچىل دىققەت نەزەرىدە بولماقتا.
بىر ئاي بۇرۇن «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئامېرىكا راتگېرس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخچى، سىياسەشۇناس ئالېكساندىر موتىل (Alexander Motyl) نىڭ «ھازىر دەل رۇسىيە ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە تەييارلىق قىلىدىغان ۋاقىت» دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالدى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئاجىزلاشقان رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولغان ھامان، رۇسلار كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىدۇ؛ بۇ مالىمانچىلىق كۈچەيسە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى تاتارىستان، باشقۇرتىستان، چېچېنىيە، داغىستان ۋە ساخا (ياقۇتىيە) قاتارلىقلار جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
ئالېكساندىر موتىلنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى The Hill تورىدا ئېلان قىلغان «رۇسلارنىڭ ئۆلۈمگە چوقۇنۇشى» ناملىق ماقالىسىدە قەيت قىلىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان بىر يىل مابەينىدە، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئۆلگەن ۋە يارىلانغان؛ ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 140 مىڭ ئەسكەر ئۆلگەن. بۇ نىسبەت بويىچە بولغاندا، ئەگەر بۇ ئۇرۇش داۋاملىشىپ قالسا، 2023-يىلنىڭ ئاخىرغىچە 275 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئۆلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
ئالېكساندىر موتىلنىڭ بايان قىلىشىچە، 18-ئەسىردە «رۇسىيە ئېمپېرىيەسى» دەپ ئاتالغان رۇسىيە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، سىبىرىيە، بېلرۇسىيە، ئۇكرائىنا، شىمالىي كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىۋېلىپ، يەرلىك خەلقنى باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى رۇسىيە ئېمپېرىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، گۇلاگلارنى قۇرغان، ئاشلىق چىقىدىغان ئۇكرائىنادا ئاچلىق پەيدا قىلىپ، مىليونلىغان ئىنساننى قىرىۋەتكەن؛ ئۆتكەن يىل مۇشۇ ئايدا ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان رۇس زوراۋانلىرى ئۇكرائىنادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان.

ئالېكساندىر موتىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى «1945» تورىدا ئېلان قىلغان «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پۇتىن ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: «بۇ ئۇرۇش پۇتىننى، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى ۋە پۈتۈن رۇسىيەنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا رۇسىيە ئۇتتۇرۇپ قويسا (شۇنداق بولۇشى ئېنىق)، پۇتىن تەختتىن چۈشىدۇ، ئۇنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىمۇ ئاغدۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىدىغان كەسكىن ھوقۇق كۈرىشىدە رۇسىيە دېموكراتلىرىنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىمالى بار. ئۇلار رۇسىيەنى قۇتۇلدۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ كۈرەشتە مۇستەبىتلەر يەنە غەلىبە قىلسا، رۇسىيەدە جەزمەن ئىچكى ئۇرۇش پارتىلايدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان مالىمانچىلىقتا رۇسلاردىن باشقا مىللەت رايونلىرى رۇسىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىشى مۇمكىن. ئەڭ بۇرۇن چېچىنىيە ھۆكۈمرانى رامزان قادىروف ئۆزىنىڭ كۈچلۈك قوشۇنىغا تايىنىپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان رۇسلارنىڭ ئارقىسىدىن نەيزە ئۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنى باشقىلىرى تەقىلد قىلسا(چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ)، رۇسىيە دېگەن دۆلەت تارىخقا ئايلىنىشى مۇمكىن».
ئالېكساندىر مۇتىل «ئەگەر رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇب بولسا خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئەگەر جەڭ مەيدانىدا تۈزۈك ئۇرۇش قىلالمىسا، ئىقتىسادى داۋاملىق ناچارلاشسا پۇتىن تەختتىن چۈشۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ فاشىستىك ھاكىمىيىتىمۇ ئاغدۇرۇلىدۇ. ئۇ چاغدا رۇس بولمىغان مىللەتلەرنىڭ رۇسىيەدىن بۆلۈنۈشىگە تولۇق سەۋەب ھازىرلىنىدۇ. خىتاينىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ. ئۇلار پۇتىننىڭ بالايى-ئاپەت پەيدا قىلغان بۇ ئۇرۇشنى قوزغىغىنىدىن غەزەبلىنىدۇ. ئۇلار ئەگەر رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا ئۇتتۇرۇۋەتسە، رۇسىيە فېدراتسىيەسىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن، خىتاينىڭ چېگراسى ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇر، ھەتتا تىبەت رايونىغا ئېغىر مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايلار بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان پۇتىننى قوللاۋەرسە، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ پوقىغا تېيىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ».
ئامېرىكادىكى گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى زاكارى كوپېر (Zachary Cooper) رۇسىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچى بىر يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا ئاجىزلىدى. مەنچە رۇسىيە ئەگەر ئاز-تولا غەلىبە قىلىپ، ئۇكرائىنادىكى بىر قىسىم زېمىننى تارتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇرۇشتىن ئاۋۋالقى ھەربىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە 5 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، رۇسىيە گەرچە نېفىت بىلەن تەبىئىي گازىنى سېتىش ئارقىلىق ئۆزىنى قامدىسىمۇ، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى ياۋروپا ئەللىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان باشقا مەنبەلەرنى ئىزدىمەكتە. رۇسىيەدىكى نۇرغۇن سەر خىللار ئۆز دۆلىتىدىن قېچىشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتە. ئۈچىنچى تەرەپتىن، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھاكىمىيەت ئورنى لىڭشىپ قالدى، ئۇنى دەرھال تەختتىن چۈشىدۇ دېيەلمەيمىز. ئۇ نۇرغۇن ئادەمنى ھالاك قىلغان بۇ ئۇرۇشنى قوزغاپ مەقسىتىگە يېتەلمىدى. ئالدى بىلەن ئۇ بۇ ئۇرۇشنىڭ نېمىگە پايدىسى بولغانلىقىنى رۇسلارغا ئىسپاتلاپ بېرەلىشى، ئالىمەن دېگەن زېمىننى ئالالىشى كېرەك».
رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ بىر يىلغىچە غەلىبە قىلالماي، ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندا، رۇسىيەنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاي رۇسىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىق مەيدانىنى تېخىمۇ ئاشكارە ئىپادىلەشكە باشلىغان. خىتاي كومپارتىيەسى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى رۇسىيەگە بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ كېلەر ئايدىكى رۇسىيە زىيارىتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋاڭ يىنىڭ موسكۋاغا بېرىشىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ 1 يىل بولغاندا خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ داۋاملىق بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىسپاتلايدۇ. خىتاي ئۆزىنى ھېچ قايسى تەرەپتە ئەمەستەك كۆرسەتكىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە رۇسىيە بىلەن ئاپاق-چاپاق مۇناسىۋەتتە» دېگەن.
تەتقىقاتچى زاكارى كوپېر خىتاينىڭ بۇ قېتىم رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتتىپاق قۇرۇشىنى خەتەرلىك بىر سىياسىي قىمار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي رەھبەرلىرى دۇنيا سەھنىسىدە يەكلىنىپ يالغۇز قېلىشتىن، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراشتىن ھەزەر ئەيلەپ كەلگەنىدى، ئەمما بۇ قېتىم خىتاينىڭ رۇسىيەگە دو تىكىشى ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئىش. رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا ئېغىر ئەھۋالدا قالغاندىمۇ خىتاينىڭ رۇسىيەگە ھەمدەم بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇ ئىشتا پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي دوستلۇقى ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتىدۇ».
ئامېرىكادىكى ئانالىزچى ئاندېرس كور ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي رۇسىيەدىن كۆپ مىقتاردا ئېنىرگىيە بايلىقى ئىمپورت قىلىش ۋە رۇسىيەگە قورال، باشقۇرۇش تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي مەيلى رۇسىيەگە قانداق ياردەم بەرسۇن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. پۇتىن ھازىر جىددىي ياردەمگە مۇھتاج، خىتايمۇ بۇ پۇرسەتتە ئۆز مەقسىتىدە يەتمەكچى».
ئاندېرس كور ئەپەندى يەنە، بۇ ئۇرۇش ئەگەر رۇسىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشسا بىر قانچە ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن رۇسىيە تېخىمۇ بۆلۈنىدۇ ۋە دېموكراتىيەلىشىدۇ. پۇتىن بۇ مەغلۇبىيەتتە ئۆزىنى قوغداپ قالىدۇ ياكى ئاغدۇرۇلىدۇ. خىتاي بۇ پۇرسەتتە پۇتىننى ئۆزىگە تېخىمۇ بېقىندۇرۇۋالىدۇ. خىتاي بەلكىم رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى رايونلىرىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇشىى مۇمكىن».
رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ 2-ئاينىڭ 23-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغىنىغا بىر يىل بولغاندا، خىتاي تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىكى يېڭى قائىدە چىقىرىپ، رۇسىيە بىلەن چېگراداش بولغان 8 جاينىڭ رۇسچە يەر نامىغا بۇرۇنقى خىتايچە نامى بىلەن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىش خىتايدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، بەزىلىرى بۇنى «تارىخىي نومۇسنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، قولدىن كەتكەن تۇپراقنى قايتۇرۇۋېلىش» دەپ چۈشەندۈرگەن.