رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ مەيدانى

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.03.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئاندېرس كور: «خىتاي رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تور ئارقىلىق سۆھبەتتە. 2021-يىلى 15-دېكابىر، موسكۋا.
AP

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي بۇ ئۇرۇشتا تەرەپ تۇتۇشتىن ئۆزىنى ئىزچىل قاچۇرۇپ كەلدى. ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى شەرتسىز توختىتىشى ھەققىدىكى قارارىغا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى ۋە رۇسىيەنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەيىبلەشنى رەت قىلدى. گەرچە خىتاي ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ئۇرۇشنى رۇسىيەنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى دەپ ئاتىغان ھەمدە رۇسىيەنى ھېمايە قىلىدىغان تەشۋىقاتلار كەڭ ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ ئۇرۇش ھەققىدىكى ئېنىق مەيدانىنى ئىپادىلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى.

ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئۇرۇش ناھايىتى كەسكىن داۋاملىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئۆلۈم-يىتىم، مۇساپىرلار كرىزىسى قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلدى. ئۇكرائىنالىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى نەتىجىسىدە، بۇ ئۇرۇشتا ئىزچىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. غەرب دۇنياسى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى جازالاش ئۈچۈن ئىمبارگو يۈرگۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇكرائىنا خەلقىگە ھەربىي كۈچ، قورال-ياراقلار بىلەن رۇسىيە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھاۋا يوللىرىنى رۇسىيەگە قارىتا ئېتىۋەتتى، غەرب دۇنياسىدا رۇسىيە ماللىرى بايقۇت قىلىش، غەرب شىركەتلىرى رۇسىيەدىن چېكىنىپ چىقىش قاتارلىق بىر قاتار بايقوت ھەرىكەتلىرى كەينى-كەينىدىن مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى. رۇسىيە ئەمدى پۈتۈن دۇنيانىڭ لەنىتى ۋە قاتتىق ئەيىبلەشلىرىگە كۆمۈلدى.

ئۇرۇشنىڭ كەينىگە سوزۇلىشى ۋە خىتاينىڭ رۇسىيەنى بۇ تاجاۋۇزچىلىقى ئۈچۈن جازالاش تۇرماق، ھەتتا ئەيىبلەپمۇ قويمايۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئىمپورت قىلىپ، ئۇرۇش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشىغا ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى خىتايغا بۇراشقا باشلىدى.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مۇجىمەل پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىقتىن خېلى بۇرۇنلا خەۋىرى بولغانلىقى ھەققىدىكى پاراڭلار قىزىق تېمىغا ئايلاندى. دېمىسىمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش باشلىنىشىتىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، غەربكە قارشى مەيدانىنى بىرلىكتە بىلدۈرۈشكەنىدى. شۇ قېتىملىق بىرلەشمە باياناتتا رۇسىيە-خىتاي دوستلۇقىنىڭ «چەكلىمىسىز دوستلۇق» ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن باشقا ئوننەچچە تۈرلۈك ھۆججەتكە قول قويۇپ، رۇسىيەنىڭ ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاشلىقلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئۇرۇش يۈز بەرگەن ۋاقىت جەھەتتىن ئالغاندىمۇ، ئۇرۇشنىڭ خىتاي قىشلىق ئولىمپىكىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ۋە ئىككى دۆلەت ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشىپ، نېگىزلىك مەسىلىلەردە بىرلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكى، خەلقئارا جامائەتتە بۇ ئۇرۇشنىڭ تەپسىلىي پىلانىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئالىبۇرۇن خەۋىرى بارلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەرنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. قارىماققا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى كېلىشىملەر، پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ، ئۇرۇشنى خاتىرجەم باشلىشىغا سەۋەب بولغاندەك قىلاتتى. شۇڭا بۇ ئۇرۇشنىڭ بەلكى شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ ئورتاق پىلانى ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كېلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايتتى. خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ كۈچىيىشى، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى خىتايغا بۇرىدى.

7-مارت كۈنى خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى سەۋەبلىك ئېلىپ بېرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى. ئۇ سۆزىدە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ 20 يىل ئاۋۋال تۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ مۇھىم قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئاساسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلاد داۋام قىلىدىغانلىقى، بۇ دوستلۇقنىڭ ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ يىرىكچىلىك سېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىككى دۆلەت بىرلەشمە باياناتىدىمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ۋاڭ يىنىڭ بۇ سۆزى خەلقئارادا بىردەك يوسۇندا خىتاينىڭ رۇسىيەگە سەپ تۇتۇدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىق ئىپادىسى دەپ قارالدى. ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان رۇسىيە ھەققىدە ئېنىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈشتىن باش تارتىپ كەلگەن خىتاينىڭ، بۇ قېتىم رۇسىيەگە تەرەپ تۇتۇدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىپادىسى مۇقەررەر يوسۇندا ئامېرىكانىڭ غەزىپىنى قوزغايتتى. چۈنكى ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا خىتاينى غەرب بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە رۇسىيەگە تەرەپ تۇتقىنىدا، خىتاينىڭمۇ رۇسىيەگە ئوخشاشلا جازالىنىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغانىدى. ئەمما خىتاي يەنىلا ئامېرىكانى رەنجىتىش، ھەتتا بۇ سەۋەبلىك ئېغىر جازالىنىشقا ئۇچراش خەۋپىگە قارىماستىن رۇسىيەنى تاللىدى. دەرۋەقە، خىتاي بىلەن رۇسىيە پۈتكۈل غەرب دۇنياسىغا قارشى ھالدا بىرلىك ھاسىل قىلدى. شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، بارلىققا كەلتۈرۈلگەن دېموكراتىك قىممەت قاراشلار ئاساسىدىكى يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپى بۈگۈن يوقىتىلىش كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى. ئۇ ھالدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان يولسىز تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قانداق نەتىجىلىنىشى مۇمكىن؟

نۆۋەتتە پۈتكۈل غەرب دۇنياسى رۇسىيەگە دۈشمەن بولۇپ، پۇتىن بىلەن سۆزلىشىش ئىمكانى قالمىغان بىر شارائىتتا، بىر قىسىم دۆلەتلەر يەنىلا خىتايدىن ئۈمىد كۈتۈپ، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇشنى توختىتىشتا رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇشنى توختىتىشتا قانچىلىك رولى بارلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمەك تەس. چۈنكى، شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپلا رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق بولغان بولۇپ، بۇنداق بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولسا، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئارىسىدىكى پىكىر ئورتاقلىقىدۇر. (1) پۇتىن گەرچە كوممۇنىزىمغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر سىياسىي تراگېدىيە» دەپ ئاتىغان. ئەكسىچە شى جىنپىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى ئۆزلىرىگە ئىبرەت قىلىپ، يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپ باش قاتۇرغان؛ (2) ھەر ئىككىسى ئۆز خەلقىنى كۈچلۈك مىللەتچىلىك ئاساسىدا غەرب ئۆچمەنلىكىنى ئومۇمىييۈزلۈك مەيدانغا چىقارغان. ھەتتا پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ غەرب قىممەت قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئۇسۇلىمۇ پەرقسىز بولۇپ، شى جىنپىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نى خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت دەپ قارىغان ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» نى يوقىتىش نامىدا ئۇيغۇر مىللىتىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. پۇتىن بولسا، ئۇكرائىنادىكى تىلغا ئالغۇچىلىكى بولمىغان «ناتسىست گېرمانىيەسىگە ئەگەشكۈچى» لەرنى سەۋەب قىلىپ، «ناتسىستلارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرىمىز» دېگەن نامدا مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇكرائىنا خەلقىنى دەھشەتلىك قىرغىن قىلدى؛ (3) شى جىنپىڭ ئاتالمىش «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم قۇرۇش يولى» نى، نۆۋەتتىكى مەۋجۇت قىممەت قاراشلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، پۇتىنمۇ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىدا دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە جەڭ ئېلان قىلدى. . .

دەرۋەقە، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئارىسىدىكى بۇ خىل «دوستلۇق» ئەسلىدە بۈيۈك ئارزۇلارنى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەب تۈپەيلى خىتاي بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا غەرب دۆلەتلىرىگە ماسلىشىپ، رۇسىيەگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە غەرب دۇنياسىغا قارشى تۇرۇشنى تاللىغان.

شۇ ۋەجىدىن خىتاي، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنى رەنجىتىشكە رازىكى، ھەرگىزمۇ رۇسىيەگە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەيدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
seudi-xitay-Mohammad-bin-Salman-shi-jinping-2022.jpg
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.