مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن چېگراداش بولغان رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ قويۇقلاشماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، يېقىندا قازاقىستاندا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، رۇسىيە باشلىق كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى تەشكىلاتى كۈچلىرىنىڭ قازاقىستانغا كىرگۈزۈلۈشىنى ئەنە شۇ رۇسىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلىماقتا.

رۇسىيەنىڭ «نېزاۋىسىمايا گازېتا»، يەنى «مۇستەقىل گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ۋلادىمىر سكوسىريوفنىڭ «رۇسىيە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرىنى ھەقسىز قوغداۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىسىدا ئېيتىلىشىچە، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى تەشكىلاتى كۈچلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى نارازىلىقلارنى بېسىشقا ياردەم بەرگەنلىكىدىن خىتاي رازى بولغان. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەبلەغلىرىنى رۇسىيەنىڭ قوغدىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ يەنە بۇ رايوننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە خىتاينىڭ يېتەكچى رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئالېكسېي ماسلوفنىڭ پىكرىچە، ھازىر خىتاي ئالدىدا ئۈچ ۋەزىپە تۇرماقتىكەن. بىرىنچى، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا ھەم بۇ رايوندىن خىتايغا كىرىشىگە يول قويماسلىق؛ ئىككىنچى، خىتاي توۋارلىرىنى چەت ئەلگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك يەر ئۈستى قۇرۇلۇملىرىنى قۇرۇش؛ ئۈچىنچى، مەركىزىي ئاسىيا ئارقىلىق خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش. ئالېكسېي ماسلوف رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيا چېگرالىرىنى قوغداشقا زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى خىتاينىڭ چوڭ سوۋغا سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇ رايوندا رۇسىيەنىڭ كۆپىنچە بىخەتەرلىك جەھەتتىن مەنپەئەتدار بولسا، خىتاينىڭ مەبلەغ جەھەتتىن مەنپەئەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەركىزىي ئاسىيا بويىچە مۇتەخەسسىس ئېركىن بايداروف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىگە كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاساسىي يولى ئىقتىسادنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئاسىيانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىگىلەۋېلىشنى ئۆز ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسىي قىسمى سۈپىتىدە بەلگىلىگەن ئىدى. بۇ جەھەتتە خىتاي مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىدىكى ئۆز پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىشكە كىرىشتى. بېيجىڭ بۇ رايونغا ئىمتىيازلار شارائىتىدا قەرز بېرىش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. خىتاي ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مەبلەغ سېلىش لايىھەلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق يۆنىلىشى تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ نېفىت-گاز ساھەلىرىنى ئىگىلەشكە قارىتىلدى. مەركىزىي ئاسىيا بېيجىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»

ئۇ يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەرەققىي ئەتسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا ئۆز ئالدىغا سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېركىن بايداروف مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىرى ۋە رولى ئىلگىركىدەك بولىدۇ. مەركىزىي ئاسىيا بىلەن بىللە ياشىغان ئۆتمۈشى ھەمدە بۇ رايوندا مىليونلىغان رۇس ئاھالىسىنىڭ بولۇشى، موسكۋانىڭ بۇ رايونغا بولغان تاشقىي سىياسىىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇمچە مەركىزىي ئاسىيا ئىقتىسادىي جەھەتتىن رۇسىيەگە بېقىندا. قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بىر تەشكىلاتلاردا بولۇشى، رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈكرەك بېسىم ئىشلىتىشىگە شارائىت يارىتىدۇ. ئافغانىستان مەسىلىسىمۇ رۇسىيەنىڭ بۇ رايون بىلەن يېقىنلىشىشىغا مۇمكىنچىلىك بېرىدۇ. بۇ يەردە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيانى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىشىغا قارشى تۇرۇشتا رۇسىيە تەڭپۇڭلۇق مېخانىزمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «ھاكىممۇتلەق خىتاي ئوتتۇز يىل جەريانىدا مەركىزىي ئاسىياغا ئىقتىسادىي سىڭىپ كىرىشنى ئىنتايىن كۈچەيتتى. نەتىجىدە مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆپرەك خىتاينىڭ تەسىرىدە قالدى. مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولۇپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى رۇسىيە بىلەن سىياسىي، ھەربىي جەھەتتە زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. قازاقىستاندا يۈز بەرگەن يانۋار پاجىئەسىگە مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي تەسىرى قازاقىستاندا كۈچىيىۋاتىدۇ. شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيادا كېيىنكى ۋاقىتتا ئىقتىساد تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ تەسىرى كۈچلۈك. مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ھازىر ئېغىر ۋەزىيەتتە.»

قەھرىمان غوجامبەردى خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق»، «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆتۈرمەسلىك» دېگەن شەرتلىرىدا قاتتىق تۇرۇۋېلىپ ھەم بۇلارنى ئىقتىسادقا باغلاۋېلىپ، مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بولسا ھازىرغىچە ئوچۇق تالاش-تارتىشنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا پۇتلىشىپ، توختاپ قالغان دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مېڭىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئەنەنىۋىي سىياسىتى داۋاملىشىدۇ. قازاقىستانمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ‹ئۇنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشمايمىز› دېگەن سىياسەتنى تۇتقان ئىدى. مانا شۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن. يېقىنقى ئارىلىقتا ئۆزگىرىشلەر بولمايدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ بۇ يەردە بېسىم ئاستىدا بولغىنى بولغان.»

ئىگىلىشىمىزچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا نوپۇس جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەملىكەتلەردىن ھىندىستاننىڭمۇ مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە كىرىشمەكتىكەن. ھىندىستان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا تۇغۇلۇۋاتقان نارازىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئىقتىسادىي رولىنى كۈچەيتمەكچىكەن.