رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ ھەپتە ئۆتكەندە، كۆپلىگەن تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ بۇ ھۇجۇمدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تاپقانلىقى ۋە رۇسىيەنى بېيجىڭ ئولىمپېك مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپەيگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە چىققان بىر ماقالىدە غەرب ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئاشكارىلىغان بىر دوكلاتنىڭ مەزمۇنى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 2-ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى رۇسىيە ئەمەلدارلىرىدىن بېيجىڭ ئولىمپېك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. رۇسىيە ئوكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىدىكى بىر ھەپتىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى رۇسىيەنىڭ جەڭ پىلانىدىن خەۋەر تېپىپ بولغان.
ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئىستىخبارات ئورۇنلىرى ئۆزلىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى توغرا پەرەز قىلىپ، رۇسىيەگە بېسىم ئىشلەتكەن ۋە خىتاينى بۇ ھۇجۇمغا قارشى چىقىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭغا پاسسىپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى زاكارى كوپېر (Zachary Kooper) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ھۇجۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەن بولسا، رۇسىيەنى قوللىمىغان بولاتتى دەپ ئويلايمەن. شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ ئۆزئارا نېمە دېيىشكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئەمما مەنچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق دەپ قارىشى ناتايىن. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا مۇستەبىتلىككە قارشى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئىتتىپاقلىشىۋاتىدۇ، بۇ يەردىكى نىشان رۇسىيە بىلەن خىتاي. ھازىر رۇسىيە زور كۆلەمدە ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچرىدى، بۇ جازا رۇسىيەنى ئاجىزلىتىپلا قالماي، خىتاينىمۇ تەس كۈنگە قويىدۇ. خىتاي كارخانىلىرى يا جازاغا ئۇچرايدۇ، ياكى بۇ جازاغا قارشى چىقىدۇ. نېمە بولسا بولسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىي خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، ھازىرقى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى خىتاي رەھبەرلىرىنى ئانچە خۇشال قىلالمايدۇ».
يۇقىرىقى ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن ئۆتكەن يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شى جىنپىڭ بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشۈپ، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئەتراپىغا ئەسكەر توپلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتايغا يەتكۈزۈپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى پۇتىننى پەيلىدىن ياندۇرۇشقا كۆندۈرمەكچى بولغان. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەتلەشكەن، ھەتتا رۇسلار ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىكى بىر نەچچە سائەتتە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالتە قېتىم كۆرۈشكەن، ئەمما خىتاي تەرەپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگىلىيە ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتىن ئولىمپېك مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرىلا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئولىمپېك مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلىشىشىنى ساقلىغان.
2-ئاينىڭ 4-كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بېيجىڭ ئولىمپېك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن ئاۋۋال خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان، بۇ باياناتتا ئۇلار ناتونىڭ كېڭىيىشىنى ئەيبلەش بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ «چەكلىمىسىز دەرىجە» گە يەتكەنلىكىنى ۋە «ھەقىقىي دېموكراتىك يېڭى دۇنيا تەرتىپى» قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خىتاي 2-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ ئولىمپېك مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن، ئەتىسى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى يىغىنى چاقىرغان ۋە ئارقىدىنلا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 2-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇكرائىنا شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى ئولىمپېك مۇسابىقىسىنىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن تەڭ پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى تەساددىپىيلىق ئەمەس ئىكەن. چۈنكى، 2008-يىل بېيجىڭ يازلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە رۇسىيە گرۇزىيەگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن خىتاي ئەمەلدارلىرى ناھايىتى بىئارام بولغانىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، يىللاردىن بېرى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىقتىساد، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ كەلگەن بولۇپ، پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىكى بىرلەشمە باياناتى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى ھەيران قالدۇرغان. ناتو ۋە ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىدە خىتاي بۇ قېتىم رۇسىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەسلىدىنلا غەرب دۇنياسىغا قارشى ھالدا ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2-مارت چارشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش قارارى ئالغان. 141 دۆلەت بۇ قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن؛ رۇسىيە، بېلورۇسىيە، ئېرىترىيە، شىمالىي كورىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق 5 دۆلەت قارشى تۇرغان. خىتاي قاتارلىق 10 دۆلەت بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇۋالغان. خىتاينىڭ بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇۋالغانلىقى ئەمەلىيەتتە رۇسىيەنى قوللىغانلىقى بولۇپ، خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيبلىشىگە ئۇچرىغان.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى قوللىغان بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ كۈچىيىپ كېتىشىدىن، شۇنداقلا مەغلۇب بولۇپ خىتاينىمۇ تەڭ بالاغا تىقىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىشى مۇمكىنلىكى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئانالىزچى زاكارى كوپېر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشىنى خالىمايدىكەن ھەمدە رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازاغا قارشى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەنچە، خىتاي رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازانى قوللىمايدۇ. دۆلەت ئىچىدە ئايرىم شىركەتلەر بۇ جازاغا بويسۇنىدۇ، شۇنداق قىلسا ئىككىنچى قېتىملىق جازاغا ئۇچرىمايدۇ. مەنچە، خىتاي رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازانى قوللىمايدۇ، ئۆزىگە يۈرگۈزۈلىدىغان ئىقتىسادىي جازانىمۇ ئىجرا قىلمايدۇ. چۈنكى بۇنداق جازا خىتايغا ناھايىتى ئېغىر كېلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا گۇمان بىلەن قارايمەن، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۆزى بېكىتىدۇ».
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە 15 يىل خىزمەت قىلغان، 2020-يىل خىتاي كومپارتىيەسى ۋە شى جىنپىڭنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، ھازىر ئامېرىكىدا پاناھلىنىۋاتقان پروفېسسور سەي شيا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى تەنقىدلەپ: «شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن تىل بىرىكتۈرۈپ، رەزىللىك ئوق مەركىزىنى پەيدى قىلدى. ئۇلار تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتمەكچى،» دېگەن.
سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۈگۈن ئەينى چاغدىكى ناتسىست گېرمانىيەسى، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە بىرلىشىپ قۇرغان رەزىللىك ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ھەمكارلىق ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئەمما مەنپەئەت توقۇنۇشى تۈپەيلىدىن بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ھازىرچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە پايدىسىز تەرىپى بولسىمۇ، يىراقنى ئويلىغاندا ئىجابىي تەسىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا زۇلۇمغا قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.