شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى نېمىنى مەقسەت قىلغان؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.03.21
xi-jinping-putin-2023.jpg خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كەچلىك زىياپەتتە رومكا سوقۇشتۇرماقتا. 2023-يىلى 21-مارت، موسكۋا، رۇسىيە.
AP

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 20-مارت كۈنى رۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتى باشلىغان ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى قاتتىق جىددىيلىشىۋاتقان ھەمدە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئېلان قىلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

شى جىنپىڭ بۇ زىيارەت ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ئامېرىكادىكى سىياسەت تەتقىقات ئورگانلىرىدىن راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەر بويىچە تەتقىقاتچىسى دوكتور تىموسىي خېس (Timothy R. Heath) نىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئىككى مەقسىتى بار ئىكەن.

ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنىڭ ئىككى مەقسىتى بار: بىرىنچىدىن، ئۇ رۇسىيەنى خىتاينىڭ دوستلۇقى ھەققىدە خاتىرجەم قىلماقچى. چۈنكى خىتاي رۇسىيەنى يەنىلا مۇھىم شېرىك دەپ قارايدۇ، شى جىنپىڭنىڭ پۇتىننى تەرك ئېتىدىغانلىقىغا دائىر ھازىرچە بىرەر شەپە يوق. ئىككىنچىدىن، شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ئۇنىڭ خىتاينى تىنچلىقپەرۋەر دۆلەت سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.»

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ھەققىدە ئاخباراتقا تارقاتقان رەسمىي باياناتىدا «ئوخشاش نىشانغا ئىگە ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۆھبەت جەريانىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدىغانلىقى» نى دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي تەرەپتىن تارقىتىلغان بۇ رەسمىي ئاخباراتتا يەنە رۇسىيەنىڭمۇ «خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تېنچلىق سۆھبىتىگە ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىجابىي رولىنى قارشى ئالغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دوكتور تىموسىي خېسنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «تىنچلىق پىلانى» نىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرسىتىشى ئېھتىمالغا ئانچە يېقىن ئەمەس ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ ئەمدى پرېزىدېنت زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ تىنچلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ نەزەرىدىكى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان تېنچلىق تەشەببۇسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولغاچقا، بۇ تېنچلىق كېلىشىمى بىر يەرگە بارالمايدۇ.»

قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي بۇ تىنچلىق پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، دۇنيانى ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. تىموسىي خېس يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قانداقلا بولمىسۇن، خىتاينىڭ تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ تەشۋىقاتى ئەمەلىيەتتە ياۋروپانى خىتاينىڭ سەمىمىي ۋاسىتىچى ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قوزغىغۇچى تەرەپ ئەمەسلىكىگە قايىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى خىتاينىڭ ھازىرقى ناچارلىشىپ مېڭىۋاتقان ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بازىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق.»

خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا «تىنچلىق بەرپا قىلغۇچى» دۆلەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكانىمۇ قايىل قىلالمىغان. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى كېڭىشىنىڭ ئاخبارات-ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربىي شۇ كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، «ھازىرچە بۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا دائىر بىر پاكىت يوقلىقىنى» بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئۇرۇشىنىڭ «تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى» ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلماي كېلىۋاتقان خىتاينىڭ «تىنچلىق تەشەببۇسكارى» بولۇشى ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى ھەرگىزمۇ قايىل قىلالمايدىكەن.

دەرۋەقە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكىنمۇ 20-مارت كۈنى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنىڭ سەمىمىيلىكىگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىغان ھەمدە ئۇنى ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەنى دەل خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پۇتىننى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندا زىيارەت قىلىشى، خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا سادىر قىلىنغان ۋەھشىيلىكلەر ئۈچۈن پۇتىننى جاۋابكارلىققا تارتىشتەك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي رۇسىيەنى ئەيىبلەش ئورنىغا ھەتتا ئۇنى ئۇكرائىنادىكى جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن دېپلوماتىك قالقان بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.»

ئانتونىي بىلىنكىن يەنە خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان تىنچلىق تەشەببۇسى ھەققىدىمۇ كەسكىن سۆز قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىن چېكىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ھەرقانداق بىر ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىنىڭ رۇسىيەنىڭ زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان زېمىنلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئانتونىي بىلىنكىن يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى ھەر قانداق پىلاننىڭ نېگىزلىك ئېلېمېنتى چوقۇم ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. بۇ ھالقىلىق پرىنسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمىغان ھەر قانداق تەشەببۇس قەستەن ۋاقىت سۆرەش ياكى ناھەق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق شارائىت ياراتقانلىق بولىدۇ.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاينى رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىمەسلىك ھەققىدە كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار سۆزىدە «ئەگەر خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى ھەربىي قورال ياراقلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، خىتاينىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ» دېگەن ئىدى. شۇڭا بۇ زىيارەتنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى ھەققىدە بەزى ئىسپاتلار بارلىقىنى خەۋەر قىلىپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنى تەدبىر قوللىنىشقا قىستىماقتا. ئاقساراينىڭ سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى خېربېرت رايموند ماكماستىر (Herbert Raymond McMaster) ئامېرىكانىڭ CBS تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلارنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىر قىىسم مۇتەخەسسىسلەر «خىتاي، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قوللاپ، ئۇنى قورال بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ» دەپ قارىسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنى ئامېرىكاغا قارشى بىرلىكسەپ شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقىدۇر، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكاغا قارشى مەيدانىنى ئوچۇق نامايەن قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ خەتەرلىك ھالەتكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ماتېۋ پوتتىڭگېر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىىسدە قىلغان بىر گۇۋاھلىق سۆزىدە، «ئامېرىكا ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يىللاردىن بېرى ئامېرىكاغا سوغۇق ئۇرۇشى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21-مارت كۈنى، يەنى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، رۇسىيە-خىتاي ئىككى تەرەپ ئىككى كېلىشىمگە ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان كېلىشىم ئىكەن، يەنە بىرى بولسا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانى ئىكەن. شى جىنپىڭ يەنە پۇتىننى خىتايغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇمۇ خىتاينىڭ رۇسىيەگە كۆرسىتىۋاتقان قوللاش پوزىتسىيەسىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىقىنى ۋە بۇنىڭ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.