خىتاينىڭ رۇسىيە زىيارىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئويغاتتىمۇ؟
2023.03.28

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا رۇسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، پۇتىن بىلەن بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكچى بولۇشى خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى تەنقىدلىمەي كەلگەن خىتاينىڭ دەل خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پۇتىننى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ بېكىتىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشى ئۇنىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالغان.
نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىنكى يولغا قويغان قاتتىق قامالى، چىل بۆرە دىپلوماتىيەسى ۋە ھەمدە تەيۋەننى تەھدىت قىلىشىدەك بىر قاتار ئامىللار ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئىتتىرگەن بولسا، شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى بۇ قەدەملەرنىڭ يەنىمۇ تېز ئېـتىلىشىغا سەۋەب بولغان.
«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ (POLITICO) خەۋەر قىلىشىچە، ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا ئانچە مايىل بولماي كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ چاقىرىقلىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان. ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى ۋە خىتايغا ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى گېرمانىيەدىمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە تىجارەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىگە سوئال قويىدىغان كەيپىيات پەيدا بولغان.
بىريۇسسېلدىكى «Heinrich Böll» فوندىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان-ياۋروپا مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، «ئاتلانتىك مۇنبىرى» نىڭ ياۋروپا مەركىزى تەتقىقاتچىسى، گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى رودېرىك كېففېرپۈتز (Roderick Kefferpütz) نىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارىتىۋاتقان سىياسىتىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولمىسىمۇ ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ كۆزى ئېچىلغان. ئۇ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «گېرمانىيە ئۆزىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى قايتىدىن باھالاۋاتىدۇ. بۇنى چوڭ ئۆزگىرىش دېىيەلمىسەكمۇ، قايتا قاراپ چىقىش دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سىياسەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى. ھازىر گېرمانىيەدە يېشىللار پارتىيەسى ۋە لىبېراللار پارتىيەسىگە ئوخشاش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلە قىلىشنى خالاۋاتىدۇ، ئەمما باش مىنىستىرلىقنى تۇتقان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بۇنىڭغا قارشى، گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم سانائەت شىركەتلىرىمۇ شۇنداق».
«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى مەخسۇس خىتايدىن يىراقلىشىش ھەققىدە بىر سىياسەت پىلانى تۈزۈپ چىققان. ئانگېلا مېركېل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئون نەچچە يىل جەريانىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەگە يېقىنلىشىش ۋە ئىقتىسادتا ئۆز-ئارا تايىنىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان بۇ مۇتەئەسسىپ پارتىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ تولىمۇ كۆرۈنەرلىك بىر ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇلار بۇ پىلانىدا «ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئارقىلىق تىنچلىقنى ساقلاش ئىدىيەسىنىڭ رۇسىىيەدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى، خىتايدىمۇ شۇنداق بولۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە تېخى «كوممۇنىست خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى قائىدە-قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، كۈچەيتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن 21-ئەسىردىكى مەركىزى ۋە دەۋر خاراكتېرلىك رىقابەتتۇر» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. مەزكۇرسىياسەت پىلانىدا يەنە، خىتاي بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بولۇپمۇ سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن دوستانە بولۇشتىن ئۇزاقلىشىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاينىڭ ئۆز تەشەببۇسلىرىدا تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، مۇناسىۋەتنىڭ يادروسىنى سىستېمىلىق رىقابەتكە ئىتتىرگەنلىكىگە كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك».
گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى رودېرىك كېففېرپۈتز رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، گېرمانىيەنى ئون نەچچە يىل باشقۇرغان ئانگېلا مېركېلنىڭ پارتىيەسى بولغان «گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتلىرى پارتىيەسى» نىڭ خاتالىقىدىن ساۋاق ئالغانلىقى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش، دەپ باھالىغان. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:
«بۇ پارتىيەنىڭ سىياسەت پىلانىدا ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلاردىن ساۋاق ئالغانلىقى ۋە مېركېلنىڭ خىتاي سىياسىتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى خالايدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش. ئەمما بۇ ئۆزگىرىشنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ۋە سىجىل بولىدىغانلىقىنى يەنىلا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ».
خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان زىيارىتى دەۋر بۆلگۈچ، دەپ باھالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئامېرىكا ۋە خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇ زىيارەتتىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايرىلغانلىقىنى ديىشمەكتە.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۇ ھازىر سەل قاراۋاتقان غەربكە باغلىنىشلىق ئىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، «شى جىنپىڭ رۇسىيە زىيارىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ قايسى تەرەپنى تاللىغانلىقىنى دۇنياغا ئايدىڭلاشتۇرغان. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىش تىرىشچانلىقىغا جور بولۇشقا قايىل قىلىشىنىمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن».
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىرلىككە كېلىۋاتقانلىقىنى گوللاندىيەنىڭ كومپيۇتېر ئۆزىكى ياساش تېخنىكىسىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ TikTok ئېپىنى ئورگان تېلېفونلىرىدا قوللىنىشنى مەنئى قىلىشىدەك سىياسەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.
رودېرىك كېففېرپۈتزنىڭ بىزگە دېيىشىچە، خىتاينىڭ ئەمدى ھەم رۇسىيە بىلەن ياخشى ئۆتۈپ ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇرۇنقىدەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشى تەس ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەنمۇ يېقىن ئۆتۈشى ئىنتايىن قېيىن. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى سىياسەتچىلەر خىتاينىڭ بۇ تىرىشچانلىقىغا ئالدىنىشى مۇمكىن. ئەمما ھازىر كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كۆزى ئېچىلدى، ئۇلار ھەممىنى ئوبدان بىلىدۇ».
خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغاندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئەگەر خىتاي ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىدىغان بولسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت باشلىقى جوسېپ بوررېل (Josep Borrell) مۇ خىتاي ئەگەر شۇنداق قىلسا بۇنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر «قىزىل سىزىق» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.
يېقىندا، لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىئېلىئۇس لاندسبېرگىس گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتە كەسكىن قىلىپ: «ئەگەر شى جىنپىڭ بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسى بىلەن دوستلىشىشنى تاللىسا، ئۇ ھالدا بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز» دېگەن ۋە يەنە «ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ بىردىنبىر يولى خىتاي تەھدىتىدىن ساقلىنىش ۋە ئاقىۋەتتە خىتايدىن ئايرىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. بىز بۇنى قانچە بالدۇر باشلىساق، شۇنچە ياخشى.» دەپ كۆرسەتكەن.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدىكى ماقالىدا شاڭخەيدىكى تونۇلغان سىياسەتشۇناس خۇ ۋېي زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە «ھازىر دۇنيادىكى ئىككى لاگېر ئوتتۇرىسىدىكى كاشىلا بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىۋاتىدۇ. مەن ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ئەگەر رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئاكتىپ تاللاش قىلالمىسا، ئۇ ھالدا ئۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ قالىدۇ، دېگەنىدىم» دەپ ئەسكەرتكەن. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خۇ ۋېي ئۆتكەن يىلى رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىنلا ئېلان قىلغان ماقالىسىدا خىتاينىڭ ئۇرۇشقا تۇتقان مەيدانىنى تەنقىد قىلغان ئىكەن. ئۇ ماقالىسىدا «بۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە غەربنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىدىغانلىقىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى» مۆلچەرلىگەن. ئۇ يەنە ماقالىسىدا «ئەگەر خىتاي رۇسىيەدىن ئۆزىنى تاتمىسا، ئۇ ھالدا خىتاي خەلقئارا تەرىپىدىن چۆرۈۋېتىلگەن دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى خىتايدا چەكلىۋېتىلگەنىكەن.