رۇسىيە كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالامدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.04.13
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇكرائىنلار رۇس-خىتاي غەربكە قارشى ئىتتىپاقىدا: كونا تارىخنىڭ يېڭى تەكرارى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 4-فېۋرال، بېيجىڭ.
AP

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا خىتايغا بېرىپ، شى جىنپىڭ بىلەن «ئالىي دوستلۇق» ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان خىتاينى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى قوللىغۇچىسى ۋە ياردەمچىسى قىلىۋالغانىدى.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «بايلىق» ژۇرنىلى 12-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان «CIA دىرېكتورى: رۇسىيە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنىس ( William Burns) بۇ ھەپتە ئامېرىكادىكى بېكىر ئىنستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە «رۇسىيە 2022-يىل 2-ئايدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن باشلاپ بارغانچە خىتايغا تايىنىدىغان بولۇپ قالدى، رۇسىيە بەلكىم خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن.

رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي جازالىرىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ياۋروپاغا تەبىئىي گاز ماڭدۇرالمىغان رۇسىيە يېتىم قالغانىدى. ئەمما خىتاي بۇ ئىقتىسادىي جازانى رەت قىلىپ، رۇسىيەنىڭ نېفىتىنى ئەرزان باھادا سېتىۋالغان.

ۋىليام بۇرنىس بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ: «بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە شېرىكچىلىكى رۇسىيەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇستەملىكىىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنى قوللىغان خىتاي ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا كىرمىگەن بولسىمۇ، رۇسىيەگە زور مىقداردا خام ئەشيا، ئەقلىفون، كومپيۇتېر ئۆزەكلىرى تەمىنلىگەن. بۇ نەرسىلەر رۇسىيە خەلقى ۋە ئارمىيەسى ئىقتىسادىي جازا تۈپەيلىدىن غەرب ئەللىرىدىن سېتىۋالالمايدىغان نەرسىلەر ئىكەن. خىتاي 2022-يىل رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلغان نېفىت 8 پىرسەنت، كۆمۈر 20 پىرسەنت ئاشقان.

ئامېرىكادىكى گىئو-سىياسەت مۇتەخەسسىسى، يازغۇچى جەففىرى كەيىن (Jeoffery Cain) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ھەقىقەتەن رۇسىيەنى ئىقتىسادتا ئۆزىگە باغلىۋېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بېرى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا رىقابەت مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ‹بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كوممۇنىزم بىلەن تارىخى باغلىنىشى بار، شۇڭا بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشالايدۇ، ئۇلار خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا› دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تارىختىن بېرى رىقابەتلىشىپ كەلگەن دۆلەتلەر. سوۋېت دەۋرىدە رۇس رەھبەرلىرى خىتاينى كۆزىگە ئىلمايتتى. ئەمما بۈگۈن ئەھۋال ئۆزگەردى. خىتاي ئۆزىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى، تېخنىكىسى ۋە ھەربىي كۈچى بىلەن خەلقئارادا يېتەكچى رول ئوينايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. رۇسىيە بولسا پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە ئايلاندى. خىتاي رۇسىيەگە يېڭى تېخنىكا، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، قورال ۋە رۇسىيە ئېھتىياجلىق بولغان ھەر تۈرلۈك زاپچاس ۋە بۇيۇملارنى تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا رۇسىيە تەبىئىي ھالدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، مانا بۇ دەل خىتاينىڭ مەقسىتى».

جەففىرى كەيىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخى بارلىقىدىن، خىتاي 5000 يىللىق تارىخى بارلىقىدىن پەخىرلىنىشىدۇ ۋە بۇنى تەشۋىق قىلىشىدۇ ھەمدە ئۆتمۈشتىكى سەلتەنەتلىك دەۋرىنى قايتا يارىتىش چۈشىنى كۆرىدۇ. مانا بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە رۇسىيە مىللەتچىلىكى بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا رۇسىيە خىتايغا بېقىندى بولۇپ قېلىشنى خالامدۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «رۇس مىللەتچىلىكى بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكى ئاخىرقى ھېسابتا ھەرگىز بىر يەرگە كەلمەيدۇ. ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىنى ئەڭ نامرات دۆلەت دەپ جاكارلىغان ھالەتتىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشتە ئىمپېرىيە قۇرغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ ۋە بىر-بىرى بىلەن ھەرگىز چىقىشىپ ئۆتمەيدۇ. ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈۋاتقان نەرسە ئىدىيە ئەمەس، بەلكى ئىقتىساد. ۋىلادىمىر پۇتىن ئىدىيەۋى شەخس ئەمەس، ئۇ ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان ھەر قانداق ئادەم بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئۇنچە كۆپ تاللىشى قالمىغان ئەھۋالدا ئەلۋەتتە خىتايغا يۆلىنىدۇ، چۈنكى خىتاي ھازىر پۇتىننى قوللاۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت».

خىتاي بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان رۇسىيەنىڭ ھازىر بۇ رايوندا خىتاي بىلەن كۈچ سىنىشىدىغان ھالى قالمىغان. ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروفنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىلەن سىياسىي جەھەتتىن يەنىلا رۇسىيەگە يېقىن ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى «خىتاينىڭ كۈچى تەتقىقاتى گۇرۇپپىسى» تەييارلىغان بىر دوكلاتتا، رۇسىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تۆۋەندىكى ئاجىز نۇقتىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىرىنچىسى، تارىخىي سەۋەب تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن رۇسىيە بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدۇ؛

ئىككىنچىىسى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى خىتاينى كۈچلەندۈرۈپ، رۇسىيەنى تېخىمۇ ئارقىدا قالدۇرىدۇ.

ئۈچىنچىسى، رۇسىيەنىڭ ئارقىدا قېلىشى ئۇنى خىتاي ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولمىغان شېرىككە ئايلاندۇرىدۇ ۋە كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقىغا سەۋەب بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.