سابىق دىپلومات دوكتور ۋىليام دايكىر: «خىتاي بىلەن رۇسىيە پەقەت ۋاقىتلىق پايدىنى كۆزلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستانە مۇناسىۋەت ئەمەس»

0:00 / 0:00

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 16-ماي كۈنى خىتايغا يېتىپ كېلىپ ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان. رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشىدا، ئۇلار رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى» نى قايتا تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكاغا قارشى ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بېرىشكەن.

«بىرلەشمە ئاگېنتلىق» (Associated Press News) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيەنىڭ خىتاي ۋە يەرشارىدىكى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا» ئۈچۈن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭ بولسا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يەرشارىنىڭ باشقۇرۇشىنى «توغرا يۆنىلىشكە» يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا-خىتاي ۋە ئامېرىكا-رۇسىيە رىقابەتلىرى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان پەيتتە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش بىلەن پۈتۈن غەرب ئەللىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشى ۋە ئېمبارگولىرىغا ئۇچرىغان رۇسىيە رەھبىرى پۇتىننىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيەنى چەكلەش، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەم بېرىش شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ھەم مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىشى قانداق مەقسەتكە ئىگە؟

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى ھەققىدە كۈز قارشى ئوتتۇرىغا قويدى. پۇتىن خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكى بولغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر ئىقتىسادىي جازاسىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان سودىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتايغا بارغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە پۇتىن ھەقىقەتەن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تاۋارلىرى ۋە بانكىسىغا يۈرگۈزمەكچى بولۇۋاتقان ئىككىنچى بىر جازادىن بەك ئەنسىرەيدۇ. يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىككىنچى جازادا خىتايدىن رۇسىيەگە ھەربىي مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى كونترول قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار. شۇڭا ئېكسپورت ۋە بانكىغا قارىتىلغان ئىككىنچى بىر جازا ئاللىقاچان تەسىرىنى كۆرسەتتى. بۇ جازانىڭ تەھدىتى بىلەن خىتاي رۇسىيەگە ئېكسپورتنى ئازايتىۋاتىدۇ. شۇڭا، پۇتىن بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېيجىڭ بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئىقتىسادشۇناس. شۇڭا ئامېرىكا ئىككىنچى قېتىملىق جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان سودا، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى توختاتماقچى بولۇۋاتىدۇ»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2024-يىلى 16-ماي، بېيجىڭ.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2024-يىلى 16-ماي، بېيجىڭ. (REUTERS)

«شىنخۇا تورى» ۋە «بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ 16-17 مايدىكى ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكانى «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورنىتىشنى پىلانلاپ، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇلار يەنە ««ئامېرىكانىڭ بۇزغۇنچىلىقى ۋە دۈشمەنلىكلىرى» دېگەن ئىبارىنى قوللىنىپ ئاتاپ، ئۇنىڭغا قارشى ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، سۈنئىي ئەقىل، ئالەم تەكشۈرۈشى، ھەربىي مانېۋىرغىچە بولغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

يېقىنقى يىللاردا شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن بۇزۇلغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم. مەسىلەن شى جىنپىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكالىق سودا، ئىستراتېگىيە ۋە ئاكادېمىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن ئىدى. ئۇنداقتا شى جىنپىڭ داۋاملىق پۇتىننى قوللاپ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قۇربان قىلىشنى خالامدۇ؟

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ياق، مەن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قارىمايمەن، مېنىڭچە شى جىنپىڭ ھازىر خىتاينى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل تاشقى بېسىملاردىن خالىي ئۆزى ھەمكارلىشىدىغان، شېرىك بولىدىغان دۆلەتلەرنى ئۆزى ئەركىن تاللىيالايدۇ دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي ئۈچۈن مۇھىم دۆلەتلەر. بۇ تارىخىي دەۋردە ۋە ئالاھىدە بىر پەيتتە ئۇلارمۇ بىۋاسىتە ھەربىي تەھدىت دەپ قارىلىشنى خالىمايدۇ. خىتاي ۋە رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە پۇتىننى قۇربانلىق قوي دەپ ئويلىمايمەن. مېنىڭچە، ھەر قانداق ۋاقىتتا پۇتىن خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. مەن ئېيتقىنىمدەك رۇسىيە تەبىئىي بايلىقلارنى سېتىش ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوت، يەنى كىرىم يارىتىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدا خىتاي رۇسىيە ئۈچۈن بەك مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئويۇنىدا پۇتىننى قوللاش قانچە كۆپ بولسا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شۇنچە خىتاينى يېنىغا تارتىشقا تىرىشىدۇ ياكى بەزى مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە خىتايغا يول قۇيىدۇ».

خىتاي دۆلەتلىك ئاخباراتلىرى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، شى جىنپىڭ بېيجىڭدا پۇتىننى كۈتۈۋالغاندا، «خىتاي رۇسىيە بىلەن ياخشى قوشنا، دوست ۋە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان شېرىكلەر بولۇش سۈپىتىدە ھەر ۋاقىت ھەمكارلىشىشقا تەييار» دېگەن. ئۇ يەنە پۇتىنغا «خىتاي ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇستەھكەملەشكە تەييار» دېگەن.

پېنسىلۋانىيە شىتادلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker) پۇتىن ۋە شى جىنپىڭنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان تاتلىق سۆزلىرى ۋە ۋەدىلىرى، خىتاي ۋە رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى سودا خاراكتېرلىك مۇناسىۋەت، يەنى پەقەت مەنپەئەتنى چىقىش قىلغان مۇناسىۋەت دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى پايدىنى كۆزلىگەن بۇ مۇناسىۋەت ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستانە مۇناسىۋەتنى ئەمەس. بەلكى بىۋاسىتە مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەت. مەسىلەن، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋىتى، ياكى ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ مۇناسىۋىتى ياكى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت پەقەت مەنپەئەتنىلا كۆزلىگەن مۇناسىۋەت ئەمەس. ئۇلار ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەت ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستانە مۇناسىۋەت. چۈنكى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دۇنيانىڭ ماھىيىتى ۋە قوللىنىشقا تېگىشلىك سىياسەتلەر ھەققىدە نۇرغۇن ئورتاق ھېسسىياتنى ئاساس قىلىدۇ. ئەمما خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى مەن تىلغا ئالغاندەك بىر-بىرىدىن ئالىدىغان ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك پايدىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئەمما بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ۋە رۇسىيە ئىككى تەرەپتە بۇ مۇناسىۋەتكە قارىتا كۆپ پەرقلىق ۋە مۇرەككەپ ھېس تۇيغۇلار بار. مەسىلەن خىتاي بىلەن رۇسىيەنى بىئارام قىلىدىغان ۋە بىر-بىرىدىن پەرقلىق قارايدىغان چېگرا مەسىلىسى ۋە ئومۇمىي تېررىتورىيە مەسىلىسى بار».

رۇسىيە بىلەن خىتاي كۆپ يىللاردىن بۇيان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا شۇنىڭدەك ئۆز ئالدىغا ھەر تۈرلۈك ئالاقىلەر ۋە ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەمكارلىقلىرىدا غەربكە تاقابىل تۇرۇشمۇ مۇھىم نۇقتا بولۇپ كەلگەنىدى. رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئىشغال قىلىش، ئارقىدىن ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنى جازالاپ، ئۇنى يېتىم قالدۇرۇش، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەرقانداق سودا-ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا خىل مۇناسىۋەتلەرگە چەك قويۇش، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاش كۈچەيگەن. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىشىش يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، رۇسىيە ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا يۆلىنىشى تېخىمۇ ئاشقان. لېكىن، رۇسىيە پۇقرالىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇنداق پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە ئۇنچىۋالا رازىلىق بىلەن قارىمىغان بولۇپ، رۇسىيەلىكلەر ئارىسىدا خىتاي تەھدىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، سىبىرىيە ۋە باشقا رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ خىتاينىڭ رۇسىيەدىن يەر ئىجارىگە ئېلىشى، سودا-ئىقتىسادىي ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلىشى ھەم مونوپول قىلىشى شۇنىڭدەك خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپلەپ كېلىپ ئورۇنلىشىشىغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتايدا بولسا خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا رۇسىيەنىڭ تارىختا كۆپلىگەن خىتاي زېمىنلىرىنى تارتىۋالغان باسقۇنچى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىپ بۇ زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىشى لازىملىقى تەشۋىقاتلىرىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ شى جىنپىڭ دېگەندەك «ياخشى دوست، ياخشى قوشنا» مۇناسىۋىتى ئەمەس بەلكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker) دېگەندەك پايدا مەنپەئەت كۆزلىگەن ۋاقىتلىق مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.