15 - دېكابىر قەشقەرنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى،تور بەتلىرى،گېزىتلىرى كەڭ ئورۇن بەرگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل توقۇنۇشلار توغرىسىدا بىر قىسىم نوپۇزلۇق گېزىتلەردە سىياسىي مۇلاھىزىلەرمۇ ئېلىپ بېرىلغان.
تۆۋەندە ياپونىيىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.
ياپونىيىدە چىقىدىغان مىنامى نىپپون گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ساقچىلار بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 16 كىشى ئۆلدى. ۋەقەنى ھۆكۈمەت تەرەپ تېررورلۇق ۋەقە دەپ ئېلان قىلدى» دېيىلگەن.
خەۋەردە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسىدە 15 - دېكابىر كەچ سائەت 11:00 لەردە ساقچىلار بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 16 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى،ئۆلگۈچىلەردىن ئىككى نەپىرىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن شۇنداقلا مەزكۇر خەۋەرنىڭ خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېتىدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خەۋەردە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ مۇخبىرلارغا ۋەقەنى «تېررورلۇق ۋەقە، ۋەقە ھۆكۈمەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشىلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر» دېگەن باياناتى ۋە شۇنداقلا خىتاي تەرەپنىڭ ۋەقەنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. شۇڭا بۇ خىل باستۇرۇشلارغا ئۇيغۇرلار نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقە بەلكىم ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بولۇشى مۇمكىن، دېيىلگەن.
مىنامى نىپپون گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە « 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما نويابىر ئېيىدا قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىدە ساقچىخانىغا ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ 11 كىشى قازا قىلدى» دېيىلگەن.
مەزكۇر گېزىتتىكى « مىللەتلەر ئارىسىدىكى توققۇنۇش جىددىيلىشىپ كەتتى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 90 دىن ئاشتى» دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشى ئارقىسىدا بۇ يىل بۇ خىلدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 90 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئەمما بۇ ساننىڭ پەقەتلا ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ئېلان قىلغان سان ئىكەنلىكى، ۋەقەنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن.
خەۋەردە «شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىنڭغا بولغان قارشىلىق كۆرسىتىشى تېخىمۇ ئاشقان» دېيىلگەن.
خەۋەردە 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «دۆلەت بىخەتەرلىكنى قوغداش كومىتېتى» قارار ماقۇللاپ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، ساقچى دائىرىلىرى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىكى تىبەت، ئۇيغۇرلاردىن كىمىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئامانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق ئىش - ھەرىكەت ئېلىپ بارسا، شۈبىھسىزكى، شۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ھېسابلاش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى يوليورۇقىغا ئاساسەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ قېتىمقى ۋەقەنىمۇ تېررورلۇق ۋەقە دەپ ئېلان قىلدى. تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار گۇناھسىز قولغا ئېلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەنىۋىي ۋە دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرىدىكى قىز - ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتىشى، يۈزىگە چۈمبەل تارتىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال - بۇرۇت قويۇشىنى ھۆكۈمەت غەلىتىلىك دەپ بىلىپ، ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك چەكلىمە قويدى. ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىش پائالىيەتلىرى قاتارلىق دىنىي سورۇنلار كۈچلۈك توسقۇنلۇققا دۇچ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىدە ئۆزلىرىنىڭ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، غايەت زور ئىقتىسادى ئۈنۈملەرگە ئېرىشكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي گۈللىنىشتىن مەنپەت ئېلىۋاتقانلار پەقەتلا خىتاي مىللىتىدۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پەرقىي ئاسمان - زېمىن پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايلارغا ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارغا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىلىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.
نىپپون كېزاي گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «ساقچىلار بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقە دەپ ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە جەمىي 16 كىشى ئۆلدى» دېيىلگەن شۇنداقلا خەۋەردە « 14 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككى كىشى قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر خەۋەر تەڭرىتاغ تور بېتىدىن ئېلىنغان» دەپ ئەسكەرتىلگەن. گېزىت يەنە، ئۆكتەبىر ئېيىدا بېيجىڭ تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن نويابىر ئېيىدا مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى تىلغا ئالغان.
خەۋەردە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن يۈز بەرگەن ۋەقە ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2009 - يىلدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نىپپون كېزاي گېزىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە يەنە 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن باشلاپ تاكى 15 - دېكابىر قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردىكى ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى، ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن ۋە ۋاقىتنى تەرتىپلىك ھالدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن. خەۋەردە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنى «تېررورىستلار، ئۇلار پەقەتلا ئاز ساندىكى بۆلگۈنچىلەر، ئۇلار مەڭگۈ خەلقنىڭ مىھرى - مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىمۇ نەقىل قىلىنغان.
خەۋەردە «تيەنئەنمېندا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئىلغار تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئەۋاپلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىۋەتتى» دېيىلگەن.
يومىئۇرى شىنبۇن گېزىتىدىمۇ بۇ ۋەقەگە ئائىت خەۋەر تەپسىلىي بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە «ۋەقە يۈز بەرگەن قەشقەر ۋىلايىتىدە خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى نازۇك، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئىقتىسادىي پەرقى زور، خىتاي مىللىتى بارلىق ئەۋزەل سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئىقتىسادىي گۈللىنىشكە مۇيەسسەر بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئۆرپ - ئادەتلىرى،دىنىي ئېتىقادلىرى قاتتىق چەكلەنگەن. بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر قەشقەر ۋىلايىتىدە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ۋەقەلەر ھېسابلىنىدۇ» دېيىلگەن.
ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ قېتىمقىي ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00