ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى ۋە سوتچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا خىتاي بويىچە بىرىنچى بولۇشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

0:00 / 0:00

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 25-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى» 2021-يىل قاتىللىق دېلولىرىنى پاش قىلىشنى 100 پىرسەتنكە يەتكۈزۈپ، خىتاي بويىچە بىرىنچى بولغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭ ج خ ئورگانلىرى ئۇدا 6 يىل قاتىللىق دېلولىرىنى پاش قىلىشنى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزدى، شىنجاڭدا قاتىللىق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشى تارىختىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى، قاتىللىق ئەنزىلىرىنىڭ پاش قىلىنىشىدا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نەتىجە يارىتىلدى».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ ج خ نازارىتى» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ چوڭ دېلولارنى تەكشۈرۈشىگە كوللېكتىپ ياردەم بېرىش مېخانىزمى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگانلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەت چارىسى» قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەش، زور قاتىللىق ۋەقەلىرىنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىش، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. ج خ ئورگانلىرى «بىر دېلوغا بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇش» ئۆلچىمىنى يولغا قويۇپ، دېلو تەپسىلاتىنى رەتلەش، ئۆتمۈش ماتېرىياللىرىنى تولۇق توپلاش، گۇۋاھچىلار بىلەن قايتا كۆرۈشۈش، نامسىز جەسەتلەرنىڭ، يوقاپ كەتكەن ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇق رەتلەش ئارقىلىق دېلو پاش قىلىشقا كېرەكلىك ئۇچۇر مەنبەسىنى شەكىللەندۈرگەن. «يۈز يىللىق ئىسپات» نىشانىنى تىكلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇھىم يىپ ئۇچىنى ئىگىلەپ، تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن بىر تۈركۈم كونا قاتىللىق دېلولىرىنىمۇ پاش قىلغان.

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭ ساقچىلىرى قاتىللىق دېلولىرىنى پاش قىلغاندا قاچقۇنلارنى كۆزدىن قاچۇرمىغان، «بىر ئادەمگە بىر تاكتىكا، بىر ئادەمگە بىر لايىھە، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» چارىسى قوللىنىپ، قاچقۇنلارنى قوغلاش لايىھەسى تۈزگەن؛ ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش، گۇمانلىق نۇقتىلارنى بايقاش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جىنايەتچىلەرنى تېپىپ تۇتقان.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ دېلو پاش قىلىش نىسبىتىنىڭ 100 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ خەۋەردە ئۇلارنىڭ زادى قانچىلىك قاتىللىق دېلوسىنى پاش قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئەمما دېلو پاش قىلىش نىسبىتىنى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزدۇق دېگىنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر سان. ساقچى ئورۇنلىرى ئۆز نەتىجىلىرىنى ماختاپ: ئالتە يىلدىن بۇيان دېلو پاش قىلىش نىسبىتىنى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزدۇق، جىنايەتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردۇق، دېگىنى بىلەن بۇنىڭ كەينىدە قورقۇنچلۇق بىر رېئاللىق بار. ھەممە يەردە لاگېر قۇرۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كامېرا ئورناتسا ئەلۋەتتە جىنايەتنى پاش قىلىشى ۋە ئۇنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى تېز بولىدۇ. ئەمما كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ئەركىنلىكى ۋە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا ساقچىلارنىڭ ھوقۇقى سوتچى بىلەن تەپتىشنىڭ ھوقۇقىدىن چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ساقچىلار بىرىنى جىنايەتچى دەپ تۇتسا سوتچى بىلەن تەپتىشمۇ ئۇنى جىنايەتچى دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ساقچىلار بىرىنى گۇمانلىق دەپ تۇتۇپ ئۇرۇپ-قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئارقىلىق خاتا ۋە ناھەق دېلولارنى پەيدا قىلسا، سوت بىلەن تەپتىش ئورۇنلىرىمۇ ئۇنىڭغا جىنايەت ئارتىپ خاتا ۋە ناھەق ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ساقچىلار سۈرئەت قوغلىشىپ، نەتىجە يارىتىشنى كۆزلەپ، تۇتقۇنلارنى قىيناش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ 100 پىرسەنت پاش قىلدۇق دېگەن دېلولىرىنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم خاتا ۋە ناھەق كەتكەن دېلولار بار. ھالبۇكى، خىتايدا ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقى بەك چوڭ، ئەدلىيە مۇستەقىل ئەمەس، ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق بولغاچقا قاتىللىققا ئائىت نۇرغۇن خاتا ۋە ناھەق دېلولار باستۇرۇپ قويۇلىدۇ».

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خەۋىرىدىكى مەلۇماتنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ساقچىلارنىڭ دېلو پاش قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قىلمىشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 23-مارت كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، 2021-يىلدىن بۇيان ھەر قايسى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 17 مىڭ 600 ھەق-تەلەپ دەۋاسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنى خىتاي ئەدلىيە ساھەسىدىكى يۇقىرى نەتىجە دەپ تەشۋىق قىلغان. تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سوت ئورۇنلىرى نەتىجە يارىتىشنى قوغلاشماي، ئادىللىقنى مۇھىم ئۆلچەم قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«سوت ئورۇنلىرىنىڭ دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىش ئۆلچىمى قانۇنلۇق ۋە ئادىل بولۇشى، سۈرئەت قوغلاشماسلىقى كېرەك. سۈرئەت قوغلىشىش خىتاينىڭ ئۆز ئەدلىيە سىستېمىسىنىمۇ باشقا نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. ئۇ ھازىرقى دۇنيادىكى ئەدلىيە ئىدىيەسى بىلەنمۇ سىغىشمايدۇ».

«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 28-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى سوتچىلار ۋە تەپتىشلەرنىڭ خىزمەت ئورنىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى 32-قېتىملىق دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان ھەم ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن 120دىن كۆپ ئەمەلدارىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان. تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا بۇنچە كۆپ سوتچى ۋە تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئالمىشىشى كەم كۆرۈلىدىغان ئىش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق سوت ۋە تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ «قېنىنى يېڭىلاپ»، 5-ئايدا ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈشكە بارماقچى بولغان ب د ت ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تېڭ بىياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئۇلار بەلكىم بۇ ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا يۈز بەرگەن ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچسىز سوتچى ۋە تەپتىشنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق سوتچى ۋە تەپتىشلەرنى قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەنە سوت بىلەن تەپتىش ئورۇنلىرىنى سىياسىيلاشتۈرۈش، ئەدلىيە سىستېمىسىنى پارتىيەلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈنمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ».