خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» ھەققىدە مۇھاكىمە (2)

0:00 / 0:00

رايان سام: «چېن چۇەنگونىڭ ‹تەربىيەلەش مەركىزى› قۇرۇشىدىكى سەۋەبلەر نېمە؟»

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خۇدسون مەركىزىدە ئېچىلغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەنە بىرى ئامېرىكىنىڭ لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور رايون سام ئىدى. رايان سام ئامېرىكىدىكى يېتىلىۋاتقان ياش تارىخشۇناسلاردىن بولۇپ، ئۇيغۇر يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا دائىر كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنىڭ، جۈملىدىن 2014-يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.

ئۇ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدە نۇقتىلىق قىلىپ ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەممىلا جايلىرىغا يامراۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە ھازىر بەش پىرسەنتتىن ئون پىرسەنتكىچە بولغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەركەزلەرگە سولانغانلىقىنى، بۇ ساننى ئېنىق ۋە توغرا مۆلچەرلەشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى، ھازىر بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 500 مىڭدىن بىر مىليونغىچە دەپ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ مىللەت تەركىبى ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك بۇ جايلارغا كىرىپ قالغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن سانسىزلىغان گۆدەكلەرنىڭ قارانچۇقسىز قېلىپ «ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
پروفېسسور راياننىڭ پىكرىچە، ھازىرقى بۇ «يىغىۋېلىش مەركەزلىرى» نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «بىخەتەرلىك» تەدبىرلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا بارغانسېرى قېلىپلىشىش يۈزلىنىشى ۋۇجۇدقا كەلمەكتە ئىكەن. شۇنداقلا بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىن تارتىپ تۆۋەندىكى ھەرقايسى ناھىيە-يېزىلارغىچە ھەممىلا ئۇسۇللاردا بىردەك تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بۇنىڭ ئارقىسىدا بىر «مەركىزىي قوماندانلىق سىستېمىسى» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدىكەن.
پروفېسسور رايان مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە رايون مىقياسىدىكى سەۋەبلەرنى سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ بىرىنچىسى دەرۋەقە پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد سۆزلەپ ئۆتكەندەك خىتاي دۆلىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى، خالاس. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي دۆلىتى بۇ ئورۇنلارنى ‹ئۆزگەرتىش ئورنى› دېگەندىن تارتىپ ‹تەربىيەلەش مەكتىپى› دېگەندەك ناملارغىچە ئاتاپ بېقىۋاتىدۇ. مۇشۇ ناملارنىڭ ئۆزىلا بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئەمما مېنىڭ شەخسەن ھېس قىلىشىمچە، ھۆكۈمەت تەرەپتىن مۇشۇ خىزمەتنى قىلىشقا بۇيرۇلغان كادىرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. نېمىشقا دېگەندە، قارايدىغان بولساق 2013-يىلى ياكى 2014-يىلىدىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر يولىنى ھەمدە بۇنىڭ تاشقى ئىپادىلىنىش شەكلى بولغان ئىدېئولوگىيە ۋە يۈرۈش-تۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىش نىشان بولۇپ كەلدى. شۇڭا غايەت زور كۆلەملىك ۋەدىنامىلەرگە قول قويۇش پائالىيىتى، زور كۆلەملىك قەسەميات يىغىنى، زور كۆلەملىك ئۇسسۇل ئويناش پائالىيىتى (بۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادى زادىلا تەشەبببۇس قىلمايدىغان بىر تۈر) دېگەنلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن تەشكىللەندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى چېن چۇەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى تەدبىرلەردۇر.»

پروفېسسور راياننىڭ قارىشىچە، چېن چۇەنگو 2016-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھوقۇقدار بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن نۆۋەتتىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۆزگەرتىش» نىشانىنىڭ يېڭى بىر قەدىمىنى ئالغان. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى كىشىلەرنى خىتاي دۆلىتى بەلگىلىگەن «ئىنتىزام» غا شەرتسىز بويسۇنۇشقا كۆندۈرۈش نىشان قىلىنغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەمدى ھازىرقى ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى›گە قارايدىغان بولساق بۇ جايدا ‹ئىنتىزام› مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. تىكەنلىك سىم توسۇق بىلەن قورشالغان بۇ مەركەزلەرنىڭ بەزىلىرىدە ھەتتا كىشىلەر كۈندۈزلىرى ‹ئۆگىنىش›كە كېلىپ كەچقۇرۇنلۇقى قايتىپ كېتىدۇ. ئەمما تىكەنلىك سىم توسۇقلار، مۇنارلاردىكى قوراللىق ھەربىي قاراۋۇللار ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە يوللىرىنىڭ كېسىپ تاشلىنىشى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ جازالىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جايلاردا شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن تراگېدىيەلىك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ بىز ئاڭلاۋاتىمىز. مەسىلەن، يەركەندىكى بىر ‹تەربىيەلەش مەركىزى›گە سولانغان بىر ئۇيغۇر دېھقان ھەركۈنى مۇئەييەن ھەجىمدىكى خىتايچە شوئارلارنى يادلاشقا مەجبۇرلانغان. ئۇ بۇنى قىلالمىغانلىقتىن ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بىر كېچىسى ئۆلۈۋالغان. بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر ھازىر بەك كۆپ بولۇۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ خىلدىكى جازالار بولسا كىشىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە گەپ-سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىشىدە ئوبدانلا ئۈنۈم قازىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، خىتاي تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن ئالاقىدە بولۇۋاتقان چەتئەللەردە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر 2017-يىلى ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدىن باشلاپ، بۇ دوستلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىدىكى دوستلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى بۇ چەمبىرەكلەردىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى بايقىماقتا. بۇ ئاشۇ چەتئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدا ھازىر ئىجرا بولۇۋاتقان جازالاش خاراكتېرىدىكى تەدبىرلەرنىڭ كۈچىدىن بولۇۋاتىدۇ.»

رايان سام بۇ ھەقتىكى سۆزىنىڭ داۋامىدا چېن چۇەنگونىڭ «باغلاپ قويۇپ كونترول قىلىش» تەك كونا ئۇسۇلنى يېڭىۋاشتىن سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر سىياسىي ۋە روھىي بۆھرانلارغا گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىكى ئۈچىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولسا دەل چېن چۇەنگونىڭ ‹يىمىرىپ تاشلاش› غايىسى بىلەن بىر قېلىپقا چۈشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ناۋادا بىر كىشى مەلۇم بىر خەلقنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان قارشىلىقىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا توختاتماقچى بولسا ھەمدە شۇ خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئادەملىرىنى ئايرىۋالغىلى بولسا بۇ كىشىلەرنى جىسمانىي جەھەتلەردىن كىشەنلەپ قويغاندا ئاسانلا تاشقى دۇنيادىكىلەر ‹بىخەتەر رايون› دەپ ئاتايدىغان بىر مۇھىت ياراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىسپات ئىزدەيدىغان بولساق شىنجاڭدا مەلۇم بىر نوپۇس تۈركۈمىگە مەنسۇپ پۈتكۈل كىشىلەر توپىنىڭ مۇشۇنداق ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى›گە ئەۋەتىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، غۇلجىدا مەلۇم ياشتىكى، يەنى 20 ياش بىلەن 30 ياش ئارىلىقىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى مۇشۇنداق قىسمەتكە دۇچ كەلگەن. چۈنكى مۇشۇ ياشتىكى كىشىلەرنى ھۆكۈمەت ‹ئىسيانكار› ۋە ‹ئەسەبىيلىككە ئېغىپ كېتىدۇ› دەپ قارىغان. بىز بۇنى چېن چۇەنگونىڭ غايىسىگە سېلىشتۇرساق شۇنى بايقايمىزكى، بۇ ئۇنىڭ ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن ئۇسۇلى، بولۇپمۇ ئۇ تىبەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرىدىغان بولساق ئۇنىڭ شۇ مەزگىلدە ھېچقانداق زور كۆلەملىك نامايىشقا پۇرسەت بەرمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇ شىنجاڭدىكى مۇشۇنداق ‹نەتىجىلىرى› سەۋەبلىك زور دەرىجىدە ئالقىشلاندى ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇ سىياسىي بيۇروغا ئەزا بولدى. مانا مۇشۇلارغا ئاساسەن شۇنى ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىزكى، چېن چۇەنگو شىنجاڭدىمۇ خۇددى تىبەتتىكىگە ئوخشاش بىر نەتىجىنى ياراتماقچى بولغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بەش پىرسەنتىدىن ئون پېرسەنتىگىچە بولغان قىسمىنى خىتاي دۆلىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلار قاتارىغا تىزىپ چىققان.»

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا نۆۋەتتە گەرچە تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، بۇ خىل «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغان تۆتىنچى بىر ئېھتىماللىقنى، يەنى زور كۆلەملىك قىرىپ تۈگىتىش ھەرىكىتىگە يول ئېچىش مۇمكىنچىلىكىنى ئۇنتۇماسلىق لازىملىقىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرگە ياتىدىغان شەكىللەردە گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ چىقىشى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ «زەھەرلىك چۆپلەرنى خىمىيەۋى دورا چېچىپ يوقاتقاندەك يوقىتىش لازىم»، «ئۆسمىنى يۇلۇپ تاشلىغاندەك كۆزدىن يوقىتىش لازىم» دېگەندەك تولىمۇ قاباھەتلىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشىدىن مۇشۇنداق بىر ئېھتىماللىقنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

يىغىندا سۆز قىلغان باشقا مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇ خىلدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر ھەققىدە باشقىچە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا پىكىرلەرگە قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا بولسۇن!