بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ئەنگلىيە BBC تورىدا ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارالىق داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى قاتتىق چۆچۈتتى. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلىغان لاگېرغا قامالغان 2884 ئۇيغۇر ئىچىدىكى 10 نەچچە ياشلىق ياشلىق كىچىك بالىلاردىن تارتىپ، 70-80 ياشقىچە بولغان بوۋاي-مومايلارنىڭ سۈرەتلىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ بەردى.
ئۇنداقتا، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە نېمىلەر ئاشكارىلاندى؟
جازا لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، بۇ قەدەر زور ھەجىمدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى كۆرۈلمىگەن ھادىسە ئىدى. بولۇپمۇ لاگېرلارنىڭ قۇرۇلمىسى، باشقۇرۇش مېتۇدى، ھۆكۈمەت كۆرسەتمىسى، لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ سۈرەتلىرى، قامالغانلار سانى، لاگېرغا قامالغانلارغا ئىشلىتىلگەن قوراللار، يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرى، يوليورۇقلىرى، قامالغانلارنى تۇتۇش، سوراق قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش. . . قاتارلىقلارغا دائىر تۈرلۈك تىزىملىك، مەخپىي ھۆججەت، سۈرەت، سىن، ئاۋاز قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تېنىۋېلىشقىمۇ ئىمكانى بولمايدىغان بۇنچە كۆپ ئىسپاتلارنىڭ بىر قېتىمدىلا ئاشكارىلىنىشى، ھەقىقەتەنمۇ دۇنيانى چۆچۈتتى. بۇ ئاۋۋالقى لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، مەخپىي يوللار ئارقىلىق سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئاشكارىلىغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ۋە رېئال قىممىتى بولغان، كۆرگەن كىشىگە جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قانداق بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان كۈچلۈك ئىسپاتلار ئىدى.
«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى بۇ مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان خاككېرلار تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەمما يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بەلكىم خىتاي يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى زىددىيەتلەر سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە لاگېر مەسىلىسىنىڭ خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك «ئۇيغۇرلار ئۆزى خالاپ بارىدىغان، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە ئېلىپ بارىدىغان تەربىيەلەش مەركىزى» ئەمەسلىكىنى بۇ ھۆججەت ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
بىرىنچىدىن، ھۆججەت ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئەنگلىيەنىڭ BBC، گېرمانىيەنىڭ «ئەينەك»، فرانسىيەنىڭ «دۇنيا گېزىتى» قاتارلىق ئوننەچچە داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ھۆججەتلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارغا ئورتاق قاتنىشىپ، ھۆججەتلەرنىڭ راستلىقى، ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ بېكىتكەن. ئاندىن بۇ ھۆججەتلەرنى رەسمىي يوسۇندا دۇنياغا ئېلان قىلغان. بولۇپمۇ مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي شىيارىتى باشلانغان كۈنى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ خەلقئاراغا ئېلان قىلىنىشىمۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغان بولماستىن، بەلكى مەخسۇس بۇ كۈندە ئېلان قىلىش بېكىتىلگەن. يەنى ئايلار بۇرۇن قولغا چۈشكەن بۇ چوڭ ھەجىمدىكى ئىسپاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇسۇر تېپىشى، تېنىۋېلىشىدەك ئۇششۇقلىقىغا ھېچقانداق ئىمكان قالدۇرمايلا قالماستىن، بەلكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كوممىسارىنىڭ زىيارىتى كۈنىگە توغرىلاپ دۇنياغا ئاشكارىلانغان.
ئىككىنچىدىن، مەزكۇر «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە بەش مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلانغان بولۇپ، سۈرەتلەر ئاساسەن 2018-يىلى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تارتىلغان. BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بەش مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە ھەتتا 3 ياشلىق بالىنىڭمۇ سوراق قىلىنغانلىقى، 90 ياشتىن ئاشقان ياشانغان كىشىلەرنىڭمۇ لاگېرغا تۇتۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ بەش مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى سۈرىتى بىلەن قوشۇپ بېرىلگەن 2884 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئىچىدە 15 نەپەر بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارمۇ بار. سۈرەتلەر ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئارىىپلاردا 2884 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەك كىچىكىنىڭ يېشى 15ياش، ئەڭ چوڭىنىڭ يېشى 73 ياش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ نىسبىتى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بالاغەتكە يەتكەنلەر نىسبىتىنىڭ 12 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، يوقۇرىقى نىسبەت بويىچە پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرغا قامالغانلارنىڭ سانى بىر مىليۇن 200 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان، لېكىن ئادرېئان زېنز 2021-يىلى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ سانى 1 مىليۇن 800 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان.
قەشقەركوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش نىسبىتىنى سىتالىننىڭ 1930-يىللاردىكى «چوڭ تازىلاش» دەۋرىدىكىدىكى تۇتقۇنلار سانىدىنمۇ يۇقىرى دېيىشكە بولىدىكەن. بۇ سان يەنە خىتاي ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە تۈرمىگە قامىلىش نىسبىتىدىن 64 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، خۇددى ئانالىزچىلار ئېيتقاندەك، «ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر 25 ئادەمنىڭ بىرى لاگېرغا قامالغان» لىقىدا ھېچبىر شەك يوق.
ئۈچىنچىدىن، لاگېرغا قامالغانلارغا ئىشلىتىلگەن قوراللار ئادەتتە خىتاي تۈرمىلىرىدە ئىشلىتىدىغان قوراللاردىن ئىلغار بولغان تاپانچا، مىلتىق، قول بومبىسى قاتارلىق ئىلغار تىپتىكى قوراللار بولۇپ، لاگېر ساقچىلىرىمۇ مەخسۇس ساقچى فورمىسى بىلەن قوراللىق ھالدا جىسەكچىلىك قىلىدىكەن. مەھبۇسلار بولسا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا، كىچە-كۈندۈز پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالدا تۇرىدىكەن.
ھۆججەتلەر ئىچىدىكى 2018-يىلى ئېلان قىلىنغان «دەرس ئۆتۈش جەريانىدىكى ئىش چىقارغۇچىلارنى ۋە قېچىپ كەتكۈچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى» دېگەن قىسمىدا، ئەگەر لاگېر مەھبۇسلىرى گەپ ئاڭلىمىسا، قورال تۇتقان ساقچى ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە بولىدىغانلىقى، ئەگەر مەھبۇس يەنە گەپ ئاڭلىماي ئىش چىقارسا ياكى قېچىپ كەتمەكچى بولسا، ئۇلارنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتسە بولىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
بۇنىڭدىن باشقا، لاگېرلارغا خىلمۇ-خىل كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، لاگېرغا قامالغان ھەر 11 كىشىگە بىردىن ساقچى نازارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. لاگېرلاردىكى جىسەكچى ساقچىلار ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم نۆۋەت ئالمىشىدىغان بولۇپ، نورمال ساقچىلاردىن باشقا «ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى» مۇ تەسىس قىلىنغان. بۇ خىل «ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى» مەخسۇس لاگېر مەھبۇسلىرىدىن ئىسيان كۆتۈرگەنلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
ئەگەر لاگېر مەھبۇسلىرى ئاغرىپ قېلىپ، دوختۇرخانىغا بېرىشقا مەجبۇر بولسا، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ساقچى، بىر باشقۇرغۇچى ۋە بىر دوختۇر بىرگە بارىدىكەن. لاگېر ئىچىدە ئالاھىدە قاتتىق تۈزۈم يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر مەزكۇر لاگېردىن بىرەر مەھبۇس قېچىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇ لاگېر دەرھال پىچەتلىنىدىكەن. ھۆججەتتە يەنە بۇنىڭغا دائىر بىر مىسالمۇ بېرىلگەن بولۇپ، مەلۇم بىر لاگېردىكى ساقچى پەقەت تاماق ۋاقتىدا يېرىم سائەت نازارەت سىستېمىسىنى ئېتىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۈچ كۈن قاماققا مەھكۇم قىلىنغان. لاگېر ساقچىلىرىنىڭ سانى زىيادە كۆپ بولۇپ، ھۆججەتتىن قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ساقچىلارنىڭ سانىلا 150مىڭدىن ئاشىدىكەن.
تۆتىنچىدىن، لاگېرغا قامالغانلارنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى ئىنچىكە ئارخىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ لاگېرغا قامىلىش سەۋەبلىرى ئاساسەن، ساقال قويۇشى، ھاراق-شاراپ ئىچمىگەنلىكى، چەكلەنگەن فىلىملەرنى كۆرگەنلىكى، ناماز ئوقۇغانلىقى، كەيپىياتى تۇراقسىز بولغانلىقى، تېلېفونىدا پۇل قالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئېتىلىپ قالغانلىقى. . . قاتارلىق سەۋەبلەردىن لاگېرغا قامالغان.
مەسىلەن، 2017-يىلى لاگېرغا قامىلىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنىڭ جىنايىتى بولسا، 2010-يىلى مومىسىدىن بىرقانچە كۈنلۈك ئىسلامىي تەربىيە ئالغانلىقى بولغان. يوقۇرىقى سەۋەبلەر ئاساسەن لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا قوللىنىلغان. لاگېرغا قامالغانلاردىن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئاساسەن 7 يىللىق، 10 يىللىق ياكى 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
بەشىنچىدىن، لاگېرغا قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دېھقانلار. يەنى ئۇلارنىڭ كېيىنىشى، چىرايى ۋە مۇسۇلمان بولۇشى، ھەتتا چەت ئەلگە چىققان بولۇشى، ھەج قىلغان بولۇشىمۇ لاگېرلارغا قامىلىشتىكى ئاساسلىق «جىنايەت تۈرى» ھېسابلانغان. مەسىلەن، تۇرسۇن قادىر ئىسىملىك 58 ياشلىق بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ 16 يىللىقتىن ئارتۇق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ئۇزۇن ساقال قويۇۋالغىنى بولغان. بىر ئۇيغۇر يىگىتى تاماكا چەكمىگىنى، ھاراق ئىچمىگىنى ئۈچۈنلا «ئىدىيەسىدە مەسىلە بار» دېگەن جىنايەت بىلەن 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئانىسىمۇ خىتاينىڭ «دۈشمەننىڭ يەتمىش پۇشتىنى يوقىتىش» قارىشى بويىچە لاگېرغا قامالغان. يەنە يۈزلىگەن كىشى قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ ئاڭلىغىنى سەۋەبلىك ياكى تېلېفون، كومپۇتېرلىرىغا مەخپىي شىفىرلىق دېتاللارنى قاچىلىغىنى سەۋەبلىك لاگىرغا قامالغان.
ئالتىنچىدىن، بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئىچىدە خىتاي يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرى، كۆرسەتمىسى، خۇلاسە ياكى خىزمەت دوكلاتلىرىمۇ زور سالماقنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كوممىسسارى، مەملىكەتلىك ج خ مىنىستېرلىقىنىڭ مىنىستېرى جاۋ كېجىنىڭ سۆزلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ «پان-تۈركىزم ۋە پان-ئىسلامىزىم» دىن ئىبارەت «ئىككى ئىزم» ۋە «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىنى، پەقەت جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىلا (ئاساسلىقى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ) 2 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان» لىقى تىلغا ئېلىنغان.
2017-يىلىدىكى بىر ھۆججەتتە يەنە چېن چۈەنگونىڭ ھېچقانداق يوشۇرماستىنلا، لاگېرغا تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىگە «تېرورچى» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىش كېرەكلىكى، ھەتتا لاگېردىن قاچقانلارنى ئاۋۋال ئېتىۋېتىپ، ئاندىن يۇقىرىغا دوكلات سۇنۇشتەك ئالاھىدە يوليورۇقلارنى چۈشۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغان. مەزكۈر ھۆججەتتە چېن چۈەنگونىڭ يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى لاگېرغا بەش يىل قامىغان ھالەتتىمۇ، ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىن يەنە ئوخشاش «مەسىلە تۇغدۇرىدىغان» لىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنى بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ لاگېردىن چىقىش-چىقالماسلىقى، ھايات قېلىشى ياكى قالماسلىقى پۈتۈنلەي لاگېر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە قويۇپ بېرىلگەن. بۇ نوقتىدىن لاگېرغا قامالغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەقدىرى پۈتۈلەي لاگېر ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ لاگېردىكى ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما شۇنىسى مەلۇمكى، لاگېر شاھىدلىرى گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر ئىچىدىكى قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق، دورا يېگۈزۈش، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى بىز ئاڭلىغاندىنمۇ ئېغىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكى مۇقەررەر.
يوقۇرىقىلار دەل جازا لاگېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان قاباھەتلەرنىڭ بىزگە ئاشكارا بولغان ئاز بىر قىسمى بولۇپ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىكىدىكى يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىدىكى ئەھۋاللاردىن ھېچبىر پەرقى يوقلىقى، بەلكى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ھەتتا يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ھازىرغا قەدەر دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەبىھ بىر جىنايى قىلمىش بولۇشى ئېنىق.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.