«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نېمە دەيدۇ؟ (1)
2022.05.26

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش قىلمىشى تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ئۆتكەن بەش يىلدا مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تاغدەك ئىسپاتلار ئالدىدا «بىزدە لاگېر مەۋجۇت ئەمەس. مەۋجۇت بولغىنى پەقەت كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن ئىدى. كېيىنچە بۇ مەركەزلەرنىڭ «خەتەرلىك ۋە ئىشەنچسىز كىشىلەر ئۈچۈن مېڭىلىرىنى تازىلاش، يۈرەكلەرنى پاكلاش ۋە قەبىھ ئىدىيەلەرنى يوقىتىش» رولىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى تەييارلاپ چىققان بىر قىسىم ھۆججەتلەر ۋە ئۇقتۇرۇشلار 2019-يىلىدىن باشلاپ ئوخشىمىغان يوللاردىن پاش بولۇپ، بۇ لاگېرلارنىڭ ۋە زۇلۇملارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ مۇنتىزىم سىستېما ئالغان ھالدا كېڭىيىشىگىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىكەنلىكى مانا مەن، دەپ ئاشكارا بولدى.
«سۈرەتلەر سۆزلىسۇن!»
مەلۇم بولۇشىچە، نامەلۇم خاككېر 2021-يىلىنىڭ ئاخىرى تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسى ۋە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تېكەس ناھىيىسىدىكى ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ كومپيتۇتېرىغا كىرگەن ھەمدە ئۇلار ساقلاۋاتقان ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى كۆچۈرىۋالغان. بۇ ناھىيەلەر بىردەك خىتاي نوپۇسى ناھايىتى تۆۋەن نىسبەتنى تەشكىل قىلىدىغان ناھىيەلەر ھېسابلىنىدۇ. كېيىنچە نامەلۇم خاككېر غايەت زور ساندىكى ساقچى ھۆججەتلىرىنى بىر پەۋقۇلئاددە پۇرسەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچى، «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئادرىيان زېنز(Adrian Zenz) غا يوللاپ بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭ بۇنى ئېلان قىلىشى ياكى تەتقىقاتقا ئىشلىتىشىگە نىسبەتەن ھېچقانداق شەرتى يوقلۇقىنى، شەخسىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نامسىز ھالەتتە قېلىۋېرىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. ئادريان زېنز بۇ ھۆججەتلەرنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىگەندىن كېيىن، ئۇلار تۈرلۈك دەلىللەش، چىنلىق دەرىجىسىنى تەھقىقلەش ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەققاسلاپ كۆرۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، 24-ماي كۈنى رەسمىي ھالدا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ باھالىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، بۇ بىر يۈرۈش ھۆججەتلەر ۋە سۈرەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى ۋاقىت جەھەتتە 2018-يىلىنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيدىكەن. ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا چىققان سانلار بويىچە بولغاندا، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىللەردە پۈتكۈل ناھىيەدىكى 270 مىڭچە نوپۇسنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 12 پىرسەنتى لاگېرغا قامىلىپ بولغان. بۇ سان ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. بۇ بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە چىقىدۇ، دېيىش قىلچىلىك گۇمان قوزغىمايدىغان رېئاللىق ئىكەن. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالاقىدار زاتلار ھەقىقىي ساننىڭ بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە ئىكەن.
بۇ قېتىم ئاشكارا بولغان ساقچى ھۆججەتلىرى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ئىچىدە ئەڭ سالماقلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، مۇشۇ ماتېرىياللارنىڭ مەنبەسى بولغان ئورۇنلار ئاشۇ ھۆججەتلەردە «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكىي قىسمىدا تارتىلغان فوتو سۈرەتلەر، لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەت ۋە كۆرسەتمىلەر، لاگېرغا قامالغان تۆت مىڭغا يېقىن تۇتقۇننىڭ باش سۈرىتى قاتارلىقلار تاشقى دۇنياغا «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان بۇ مۇئەسسەلەردە 2018-يىلىدا نېمىلەرنىڭ بولغانلىقىنى بەكمۇ جانلىق بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ سۈرەتلەردە خىتاي بايرىقى ئېسىلغان زالدىكى خىتاي ساقچىلارنىڭ يەر ئاستى ئۆيى شەكلىدە قاتىرىسىغا سېلىنغان تۆۋەندىكى كامېرلارغا قامالغان تۇتقۇنلارغا خۇددى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تاماشا قىلغان نەزەردە قاراۋاتقانلىقى، كامېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مەھبۇسلۇق كىيىمى ئىچىدە تېلېۋىزوردىكى خىتاي رەھبەرنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاۋاتقانلىقى، قول-پۇتلىرى كىشەنلەنگەن ۋە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن تۇتقۇنلارنىڭ تولۇق قوراللانغان ھەمدە كالتەك كۆتۈرگەن بىر توپ ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا ئەڭ يۇقۇرى بىخەتەرلىك تۈرمىسىدە «ئەڭ قورقۇنچلۇق» مەھبۇسلارغا قوللىنىلىدىغان بىخەتەرلىك چارىلىرى بويىچە سوراققا ئېلىپ مېڭىلىۋاتقانلىقى، بۇ ھالنىڭ «يولۋاس ئورۇندۇق» تا سوراق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغىمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكى دېگەنلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ سۈرەتلەر ۋە ھۆججەتلەرنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتىنى باشلىغان كۈنىگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، بۇ دوكلات ئۆز نۆۋىتىدە مەيدانغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر مەيدان دىپلوماتىك يالغانچىلىققا نىسبەتەن كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بولغان. بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادريان زېنز ئەپەندى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈرلۈك شەكىللەردە پاش بولغان لاگېرغا دائىر ھۆججەت ۋە ماتېرىياللاردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ:
«بۇ ھۆججەتلەر سان جەھەتتىكى كۆپلۈكى ۋە ھەممىلا قاتلامغا چېتىلىدىغانلىقى بىلەن ئىلگىرىكىلەردىن زور دەرىجىدە پەرق قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرىكى ‹شىنجاڭ ھۆججەتلىرى› نامىدىكى توپلامدا بىر قىسىم يۇقۇرى دەرىجىلىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ نۇتۇقلىرى بار ئىدى. ‹قاراقاش ھۆججەتلىرى› دە بولسا يەرلىك تىزىملىك ئىدى. بۇ قېتىمقى ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› بولسا ناھايىتى كەڭ دائىرىگە چېتىلىدىغان ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بارلىق ھۆكۈمرانلىق قاتلاملىرىغا چېتىلىدۇ. بۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، بۇنىڭدا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى يوليورۇقلىرى بىۋاستە بايان قىلىنغان. مەسىلەن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرى جاۋ كېجىنىڭ سۆزلىرى بۇ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرسە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقلىرى لاگېرلارنى قانداق نازارەت قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەن. بولۇپمۇ بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم يەنە بىر ئالاھىدىلىك بۇ ھۆججەتلەر ئارىسىدىكى مۇھىم سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان غايەت زور ساندىكى سۈرەتلەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېت خىتايغا ۋە شىنجاڭغا كەلگەنلىكىدەك بەكمۇ ئىستراتېگىيەلىك بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى. شۇڭا بۇ ھۆججەتلەردىكى ساقچى دائىرىلىرى لاگىرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تارتقان سۈرەتلەر ۋە نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ساقچى ئىدارىسىدا ياكى لاگىرلاردا تارتىلغان باش سۈرىتى بەكمۇ كەڭ مەزمۇندىكى ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.»
«سۇنىڭ بېشى لاي!»
بۇ قېتىم ئاشكارا بولغان ساقچى ھۆججەتلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان يەنە بىر مەزمۇن ئۇنىڭدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «مەخپىي» دەپ تامغا ئۇرۇلغان سۆزلىرى بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، شۇنىڭدەك خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ئىكەنلىكى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلانغان. بۇ ھال بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارا بولغان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم تېخىمۇ ئېنىق ۋە تەپسىلى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنىڭ مەنبەسى چېن چۇەنگو ياكى باشقا بىرى ئەمەس، دەل خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ خىتاي شوۋىنىزىمىنى مەنبە قىلغان ھەمدە «بىر مىللەت بىر دۆلەت» نىشانى بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋېتىش ئۇرۇنۇشلىرىدىكى بىر مۇھىم باسقۇچ ئىكەنلىكى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامايەن بولغان.
بۇ خىل مەنتىقە ۋە ھىسسىيات خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ سۆزلىرىدە بىۋاستە تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنىڭدەك نۆۋەتتىكى لاگېرلارنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ لاگېرلارنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ قۇرۇشنىڭ لازىملىقى ھەققىدىكى كۆرسەتمىلەر يەر ئالىدۇ. ئۇنىڭدىكى «ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەققىدىكى مەزمۇنلاردا ئېنىق قىلىپ «ئاشقۇنلۇقنىڭ مەنبەسى ياخشى كونترول قىلىنغان. مەخپىي دىنىي تەربىيە بېرىش ۋە قۇرئان ئۆگىنىش ئۈنۈملۈك چەكلەنگەن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان. شۇنداقلا جاۋ كېجى بۇ ھالنى ماختاپ «نۆۋەتتە ‹نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش› غەلىبىلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان» دېگەن.
جاۋ كېجىنىڭ سۆزلىرىدە «شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئورنىتىش» دېگەن مەزمۇن كۆپ قېتىم تەكرارلانغان. بۇنىڭ بىلەن «مۇقىملىق» بەرپا قىلىش يولىدىكى ھەرقانداق چارىلەرگە يول قويۇلىدىغانلىقى، جۈملىدىن «تۇغقانلىشىش» قا ئوخشاش چارىلەرنىڭ ئىجابىي رولى بارلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتۇر ئادريان زېنز بۇ ھۆججەتلەردىكى بايانلارنىڭ كۆپ قىرلىق مەنىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ:
«مېنىڭچە، بۇ تېكىستلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىغىنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ بايانلىرىدۇر. ئۇنىڭ سۆزلىرىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ لاگېر سىياسىتىنى ھېمايە قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شى جىنپىڭنىڭ لاگېرلار ئادەمگە توشۇپ كېتىپ بەكمۇ تىقما-تىقما بولۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى لاگېرلارنى قۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ لاگېر ساقچىلىرىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مالىيە راسخودى ۋە باشقا ئاسانلىقلارنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن. بۇ نېمە دېسىڭىز ماھىيەتتە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇرى خىراجەت بىلەن ئىجرا بولىدىغان بۇ سىياسەتلىرىگە مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى، دېگەن گەپ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىياسىتى ھەققىدە بەش يىللىق بىر پىلانى بولغان. بۇ بەش يىللىق پىلان بويىچە 2017-يىلىدىن باشلاپ لاگېر سىياسىتى ئىجرا بولۇشقا باشلىدى ھەمدە كېيىنكى بەش يىلدا مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولدى. بۇنىڭدا لاگېر قۇرۇلۇشى بەش يىلدا تاماملىنىش پىلانلانغان. ئەنە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دەل بۇنىڭغا بەش يىل تولغاندا چېن چۇەنگو ئالماشتۇرۇلدى. يەنى ئاشۇ پىلان تاماملانغان بەشىنچى يىلى ما شىڭرۇي شىنجاڭغا كېلىپ چېن چۇەنگونىڭ ئورنىغا چىقتى. بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇردۇق. ئەمدى بۇلارنىڭ ھەممىسى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى بويىچە بولۇۋاتقان ئىشلار ئىكەنلىكى ھەققىدە قولىمىزدا بىر دەلىل بار بولدى.»
مەزكۇر توپلام ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيادىكى بارلىق چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ھەقتە بەس-بەستە خەۋەر بەردى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنيانى ئالدىماقچى بولغانلىقىدەك يالغانچىلىقىنىڭ پاش بولۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە باشقا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ قاتاردا 24-ماي كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەزكۇر ھۆججەتلەر توپلىمى مۇھىم تېما قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاقساراينىڭ باياناتچىسى نېد پرايىس (Ned Price) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«سىز ئېيتقان بۇ ھۆججەتلەرنى بىز كۆردۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلى شىنجاڭدىكى لاگېرلاردا ئىجرا قىلغان تەدبىرلەر ئەكس ئەتكەن بۇ قاباھەتلىك سۈرەتلەر راستىنلار ئادەمنى شۈركەندۈرىۋېتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساسلىق نىشان قىلغان ھالدا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھېلىھەم ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى زۇلۇملىرى توغرىسىدا بىزگە مەلۇم بولۇپ كەلگەن ئۇچۇرلارنىڭ، شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئاشكارا بولۇپ كەتكەن ئىلگىرىكى ھۆججەتلەرنىڭ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە لاگېر شاھىدلىرىنىڭ بايانلىرى توغرا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك يوسۇندا دەلىللەيدۇ. بۇ قاباھەتنىڭ بارغانسېرى كۆپ ساھەگە بىلىنىشى ھەمدە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقىنى سوراقلاپ كۆرۈش چۇقانلىرىغا قارىماستىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. بىز داۋاملىق ھالدا ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە بۇ زۇلۇملارغا جاۋابكار بولغانلارنى سۈرۈشتە قىلىمىز. بىز ھېلىھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېر تۇتقۇنلىرىنى تېزدىن قويۇپ بېرىشكە، لاگېرلارنى تاقاشقا، شۇنىڭدەك زور تۇتقۇن، قىيناق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز.»
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئافزال خان (Afzal Khan) مەزكۇر ھۆججەتلەر توپلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ: «خىتاي رېجىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەمدە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا چۈشكەن بىر تارتۇق بولۇپ قالدى. مەن ھاۋاگۈل (تەۋەككۈل) نىڭ پىغانىنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كۆرگەندەك بولدۇم. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جەزمەن لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ-زارى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئىشلارنى قىلىشى لازىم،» دەپ يازدى.
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.