ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە كېڭەيگەن «ساقچى پونكىتلىرى»

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.12.08
saqchi-urumchi-kocha-qarlash.jpg كوچا چارلاۋاتقان خىتاي ساقچىلار. 2014-يىلى 22-ماي، ئۈرۈمچى.
AP/Andy Wong

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ چەتئەللەردە قۇرغان مەخپىي «ساقچى پونكىتلىرى海外110» نىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئاشكارىلىنىشى خەلقئارادا، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك دىققەت ۋە مۇنازىرە قوزغىدى.  ئىتالىيەدىكى «ھىمايىچىلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» بۇ يىل 9-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا، كانادا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى 54ساقچى پونكىتىنى ئاشكارىلىغانىدى. بۇ يىل 4- دېكابىر  بۇ تەشكىلات خىتاينىڭ يەنە قوشۇمچە 48 ساقچى پونكىتىغا ئائىت يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكى CNN دا خەۋەر قىلىندى.

ئالدى-كەينى بولۇپ ھەرقايسى غەرب دۆلەتلىرىدە ئاشكارىلانغان 100دىن ئارتۇق  «خىتاي ساقچى پونكىتى» مانا ئەمدى يەنە بىر قېتىم خەلقئارالىق قىزىق تېمىغا ئايلاندى. بۇ ۋەقەدە، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە، خىتاينىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنداق بىر مەخپىي ساقچى ئورگىنىنى چەتئەللەردە قۇرۇپ چىققانلىقى ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر «ساقچى پونكىتى» ھەققىدىكى ئىسپات ۋە قاراشلارنى  پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، «چەتئەل ساقچى پونكىتى» نىڭ پەقەت يۇقۇم مەزگىلىدە خىتايغا قايتىش ئىمكانى بولمىغان خىتاي گىراژدانلىرىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈنلا تەسىس قىلغانلىقىدا چىڭ تۇردى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چۈشەندۈرۈشى قايىل قىلارلىق ئەمەس بولۇپ،  نۆۋەتتە مەزكۇر «ساقچى پونكىتلىرى» بايقالغان دۆلەتلەر جىددىي شەكىلدە بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئېنىقلاشنى باشلىدى. بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا مەزكۇر «ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ چەتئەللەردىكى  ئۇيغۇر، تىبەت ياكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇش نىشان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. ئەمما يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر «خىتاي ساقچى پونكىتى» نىڭ خاراكتېرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە چېتىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقانىدى. ئۇ ھالدا چەتئەللەردىكى بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرى زادى قانداق ئورگان؟ ئۇ چەتئەللەردە قانداق شەكىلدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ؟

  1. چەتئەللەردىكى«ساقچى پونكىتى» نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە خىزمەت فۇنكسىيەسى

چەتئەللەردىكى «ساقچى پونكىتى»لىرىغا دائىر مەلۇماتلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئاتالمىش «چەتئەل ساقچى پونكىتى»نىڭمۇ ئەمەلىيەتتە «فېڭچياۋ مېتودى»نى چەتئەللەردە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. 2019-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «يېڭى دەۋر فېڭچياۋ مېتودى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلگەن. 20-قۇرۇلتايدىن كېيىن بولسا «يېڭى دەۋر فېڭچياۋ مېتودى» شى جىنپىڭنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان. 

«فېڭچياۋ مېتودى» ئەمەلىيەتتە خەلقنى ئىدارە قىلىش مېتودى بولۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا خەلققە تايىنىش، مەسىلىلەرنى ئالدىن بايقاش ۋە يىلتىزىدىن ھەل قىلىش، خەتەرنى يوقىتىش، بىخەتەرلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ...... «فېڭچياۋ مېتودى»نىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇ ۋەجىدىن چەتئەللەردە ساقچى پونكىتى قۇرۇشمۇ «فېڭچياۋ مېتودى» دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېگرا سىرتىدىن كېلىدىغان خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش، مۇھاجىرلارغا تايىنىپ، چەتئەللەردىكى مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. 

خىتاي ھۆكۈمىتى «فېڭچياۋ مېتودى»نى خەلقئارالاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن  چەتئەلدىكى «جىنايەت گۇماندارلىرى» نى يۇرتىغا قايتىپ سوتلىنىشقا «قايىل قىلىدىغان» ساقچى سىستېمىسى تورى قۇرۇپ چىققان. بۇ ساقچى سىستېمىسى تورى دەل چەتئەللەردىكى «خىتاي ساقچى پونكىتلىرى» دۇر. مەزكۇر ساقچى پونكىتلىرىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىمۇ، «<فېڭچياۋ مېتودى>دىكى خەتەرنى ئالدىن بايقاش، يىلتىزىدىن يوقىتىشتا خەلققە تايىنىش» پرىنسىپىغا تايانغان. يەنى، چەتئەللەردىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنى «چەتئەل ساقچى پونكىتىلىرى» ئارقىلىق تىزگىنلەش ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، چەتئەللەردە «مۇقىملىقنى قوغداش» ۋە ھاكىمىيەتكە كېلىدىغان ھەرقانداق خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.   

 خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى «چەتئەلدىكى خىتاي ساقچى پونكىتلىرى» ناملىق بىر دوكلاتنى تەييارلىغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا، «چەتئەل ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ ئاساسلىق نىشانى چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئۆكتىچىلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  شۇنداقلا بۇ دوكلات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىت سېلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چەتئەلدىكى «جىنايەت گۇماندارلىرى» تىزگىنلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.  مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  230مىڭغا يېقىن خىتاي مۇھاجىرلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «چەتئەل ساقچى پونكىتى»لىرىنىڭ تۈرتكىسىدە خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

  1. چەتئەلدىكى «خىتاي ساقچى پونكىتلىرى» بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ مۇناسىۋىتى نېمە؟

«ساقچى پونكىتى» دېگەن ئاتالغۇ  ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئانچە ناتونۇش ئەمەس. چۈنكى چېن چۈەنگو دەۋرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ناھايىتى كۆپ «ساقچى پونكىتى» قۇرۇلغانلىقى ئاللىبۇرۇن خەلقئاراغا ئاشكارىلانغانىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ساقچى پونكىتى» قۇرۇلۇشى بولۇپمۇ، 2013-يىلى شى جىنپىڭنىڭ «بىخەتەر جۇڭگو بەرپا قىلىشتا «فېڭ چياۋ مېتودى» نى قوللىنىش» بۇيرۇقى بىلەن كېڭەيتىلىپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئەينى چاغدا، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن«ئۈچ خىل كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا فېڭچياۋ مېتودىنى قوللىنىش» ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر بۇيرۇقى بىلەن باشلىغانىدى. «ساقچى پونكىتى» نىڭ قۇرۇلۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە تېررورچى، بۆلگۈنچى، رادىكال كۈچلەرنى ئالدىن بايقاپ، خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق، «بىخەتەر شىنجاڭ بەرپا قىلىش» نامىدا يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن پارتكوم يىغىنىدا «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش توغرۇلۇق سۆزلىمەكتە، 2014-يىلى نويابىر، ئۈرۈمچى
ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن پارتكوم يىغىنىدا «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش توغرۇلۇق سۆزلىمەكتە، 2014-يىلى نويابىر، ئۈرۈمچى

يەنى، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە ئاتالمىش «بىخەتەر شىنجاڭ بەرپا قىلىش مۇھىم خىزمەت يىغىنى» جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىندا جاڭ چۈنشيەن «بىخەتەر شىنجاڭ بەرپا قىلىش» ئۈچۈن «فېڭ چياۋ مېتودى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا قارار تەستىقلىغان. جاڭ چۈنشيەننىڭ مەزكۇر قارارىدا يېزىلاردىكى ئامانلىق خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش، مەھەللە ساقچىخانىسى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاساسىي قاتلامدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ئادەملەر ۋە نۇقتىلىق كوللېكتىپلارنى قايتا تەربىيەلەپ، ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش..... قاتارلىق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  دېمەك، «ساقچى پونكىتى» نىڭ باش نىشانى «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش بولغان.  چۈنكى، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا «ئۈچ خىل كۈچ (三股势力)» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرلارنىلا كۆزدە تۇتىدىغانلىقى  ھېچكىمگە سىر ئەمەس. بۇ سۆز خۇددى خىتايلار ئادەتلەنگەن«شىنجاڭرېن (新疆人)» دېگەن سۆزدەكلا قاراتمىلىققا ئىگە سۆز سۈپىتىدە خىتايدا ئومۇملاشقان. بۇ ۋەجىدىن «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش» مۇ تەبىئىي يوسۇندا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى دۈشمەن كاتېگورىيەسىگە ئايرىپ، زەربە بېرىشنى بىۋاسىتە نىشان قىلغان. ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش، ئۇرۇق – ئەۋلادىنى قۇرۇتۇش، بېغىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەنبەسىنى يوقىتىش (断代、断根、断联、断源)»...ئارقىلىق، بۇنداق بىر «خەۋپ»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە قىلچە ئورۇن قالدۇرماسلىقنى «بىخەتەر شىنجاڭ قۇرۇش»نىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكىمۇناسىۋەتلىك خەۋەر، 2018-يىلى يانۋار.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكىمۇناسىۋەتلىك خەۋەر، 2018-يىلى يانۋار.

2014-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەن خىتاي مەمۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئىگىلەش، كاتېگورىيەلەشتۈرۈش ۋە چوڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، لاگېر، تۈرمە ياكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بازارلىرىغا ئەۋەتىش، كۆچۈرۈش، يەر – زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىش...... قاتارلىق تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرنى ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈشتىمۇ مەزكۇر «ساقچى پونكىتى» ھالقىلىق رول ئوينىغان.

2017-يىللىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر 300دىن 500مېتىرگىچە ئارىلىقتا بىردىن « ساقچى پونكىتى» بولۇش ئومۇملىشىپ بولغان. مەزكۇر ساقچى پونكىتلىرىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىغا دائىر ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرىدىكى خىزمەتچىلەر كەسپىي ساقچى، ياردەمچى ساقچى، چارلىغۇچى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلغان. ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ھۆكۈمەت، مەھەللە ھەتتا شەخسلەرگىچە تورلاشقان شەكىلدە  ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، نازارەت ۋە باشقۇرۇش دائىرىسى ئائىلە ۋە شەخسلەرگىچە كېڭەيگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق، زوراۋانلىق، ئەسەبىيلىككە دائىر ئۇچۇرلارنى ئالدىن بايقاش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تا «ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش» تۈزۈمىنى چىقارغان.  مۇكاپاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى بولسا 200مىڭ يۈەندىن 5مىليون يۈەنگىچە بولغان. 2022-يىلى  5-ئاينىڭ 27-كۈنى بولسا، ئاتالمىش  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساقچى پونكىتىغا قۇلايلىق يارىتىش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ، بۇ  «ساقچى پونكىتى»لىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا  قانۇنىي ئاساس ھازىرلانغان.

«سوخۇ» تورىدىكى مۇكاپاتلاش ھەققىدىكى خەۋەر، 2016-يىلى ئۆكتەبىر.
«سوخۇ» تورىدىكى مۇكاپاتلاش ھەققىدىكى خەۋەر، 2016-يىلى ئۆكتەبىر.

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، «خىتاي ساقچى پونكىتى» مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسۇن ياكى چەتئەللەردە بولسۇن، ھەر ئىككىسىنىڭ ئاساسى شى جىنپىڭنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەپ قارالغان«فېڭچياۋ مېتودى» نىڭ ھاسىلاتىدۇر. ئاساسلىق نىشانى بولسا، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان ھەرقانداق «خەتەر» نى ئالدىن بايقاش، ئالدىنى ئېلىش ياكى خەتەر پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا ئۇنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ خىل ئۇسۇلنى خۇددى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ  «شىنجاڭدىكى 96%تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى، يۈز بېرىشتىن بۇرۇنلا يوقىتىلدى» دېگەن سۆزى بىلەن شەرھلەش مۇمكىن.  يەنى يىغىنچاقلىغاندا، ئاۋام خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىپ «خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش» مەزكۇر ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرۇشنىڭ ئاساسىي دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى پونكىتلىرى بىلەن چەتئەلدىكى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ نىشانى ئورتاق ھالدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە كېلىدىغان ھەرقانداق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى پونكىتلىرى بىلەن چەتئەللەردىكى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش، جىنايەت ئوبيېكتلىرىنى بايقاش، قايتۇرۇپ كېتىش، چېگرا سىرتىدىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى توسۇش، كىشىلەرنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىش، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىگە كېلىدىغان ھەرقانداق خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ...... لاردا  ھەمكارلىشىشى ئېنىق.  يېقىنقى يىللاردا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە مەخپىي ۋە ئاشكارا يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى  سىر ئەمەس.

«قانۇن مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» دە ئېلان قىلىنغان «فېڭچياۋ مېتودى» بىلەن چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى ماقالە.
«قانۇن مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» دە ئېلان قىلىنغان «فېڭچياۋ مېتودى» بىلەن چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى ماقالە.

   

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «يېڭى دەۋر فېڭچياۋ مېتودى» نى ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەت  ئۇيغۇرلارنى (ئۈچ خىل كۈچلەرنى) يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويغانىدى. «فېڭچياۋ مېتودىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش» خىتاينىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش  ئۈچۈن  بولغانىكەن، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن دۇنيادا ئاۋازسىز قويۇشمۇ «چەتئەلدىكى خىتاي ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا «خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىش» ئارقىلىق «خەتەرلىك ئۇيغۇرلارنى تېپىپ چىققان ۋە يوقاتقان».

 شۇڭا، چەتئەللەردىمۇ ئوخشاشلا « مۇھاجىرلارنىڭ كۈچىگە تايىنىش» ئارقىلىق ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان ئۇيغۇرلار ۋە خىتايغا قارشى كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى،  تېخىمۇ مۇھىمى، غەرب قىممەت قاراشلىرىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا بارلىق جىنايى مەسئۇلىيەتلەردىن قېچىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى تامامەن مۇمكىن.

mukapat-charisi-5-2.jpg

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:

  1. دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشتا تۆھپىسى بار كىشىلەرنى تەقدىرلەپ مۇكاپاتلايدۇ
  2. دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان پۇقرالارنى مۇكاپاتلاش چارىسى

***

بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.