سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ھۇجۇملارنىڭ ساقچىخانىلاردىن پويىز ئىستانسىسىغا يۈزلىنىشى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00


بۈگۈن ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق سىياسىي ئانالىزچىلاردىن فارىد زاكارىيا ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئۇيغۇر پىدائىيلار ھەققىدە باھا بەردى. ئۇ، يېقىنقى كۇنمىڭ ۋە ئۈرۈمچى ۋوگزالى ۋەقەسىنى ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ يۈكسەكلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ تەرىپلىدى؛ بلوگدا يەنە، مەزكۇر ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا ھالقىلىق پەيت ۋە سىمۋوللىق نىشانلارنىڭ تاللانغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇنى پەقەت قۇدرەتلىك تەشكىلاتلارنىڭلا بېجىرەلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۈگۈن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان مانا مۇشۇ نۇقتا يەنى ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىنىڭ ساقچىخانىلاردىن پويىز ئىستانسىلىرىغا قاراپ يۈزلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

سوئال: ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 20 گە يېقىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ كۆپىنچىسى ساقچىخانىلارغا قارىتا بولغان، يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن كۇنمىڭ ۋە ئۈرۈمچى ۋوگزاللىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ئۇنىڭ ئالدىدا تيەنئەنمېن قوۋۇقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى جەھەتتە يېڭى بىر يۈزلىنىش دېيىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، بولىدۇ؛ بۇنى ئىستراتېگىيىلىك بىر ئۆزگىرىش دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

سوئال: سىزچە بۇ يېڭى يۈزلىنىش ۋە ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟

جاۋاب: بۇ بىر تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلاشنىڭ نەتىجىسى. نۆۋەتتە خىتاي ساقچىخانىلىرى قوراللىق قىسىم ساقچىلىرى، ئادەتتىكى ساقچىلار ۋە كۆزەتچىلەر)ياردەمچى ساقچىلار( بولۇپ ئۈچ قاتلاملىق ساقچىلار قوشۇنىنىڭ مۇداپىئەسى ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئۆتكەن يىلقى ۋەقەلەردە پىدائىيلاردىن جان بەدىلى ئېغىر بولۇپ كەتتى. ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى بۇ يولغا ئاتىغانلار، ئۇلار بۇنى زىيان دەپ ھېسابلىمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۈتكەن بىر مەقسىتى بار، ئۇ بولسىمۇ بىر تەرەپتىن دوست ۋە دۈشمەنلىرىگە سىگنال بېرىش، يەنە بىر تەرەپتىن دۈشمىنىگە مۇمكىن قەدەر چوڭراق زەربە بېرىش. ساقچىخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ساقچىلاردىن ئۆلگەنلەر كۆپ بولمىغاندىن كېيىن، نىشاننى ئۆزگەرتكەن دەپ قارايمەن.

سوئال: خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بولغان مۇناسۋەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنىمۇ سەۋەبلەردىن بىرى دەپ قاراشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدىكى مۇھىملىرىدىن بىرى. خىتاي خەلقى ھازىرغا قەدەر، بولۇپمۇ يېقىنقى كۆپلىگەن ۋەقەلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش بىر مەيداندا بولۇپ كەلدى، بەزى ھەرىكەتلەردە ساقچىلاردىنمۇ بەكرەك ۋەھشىيلەشتى. ئەسلىدە بۇنىڭسىزمۇ خىتاي كۆچمەنلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى تالان - تاراج قىلىشىغا ۋاستە بولۇپ كېلىۋاتقان بىر ئۆتمۈش ھەم رېئاللىق بار. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمىتى سېلىۋاتقان زۇلۇمغا ئىنسانىي مەيداندا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلالماسلىقى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

سوئال: ھۇجۇمنىڭ ساقچىخانىلاردىن ئاممىۋىي سورۇنغا يۈزلىنىشىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە يەنە نېمىلەرنى تىلغا ئېلىشىمىز مۇمكىن.

جاۋاب: پويىز ئىستانسسى يالغۇز ئىقتىسادىي - مۇلازىمەت ئورنىلا ئەمەس، ئۇ مۇستەملىكىچە ھاكىمىيەتنىڭ بىر قورالى. شەرقى تۈركىستانغا كەلكۈندەك كېلىۋاتقان خىتاي كوچمەنلەر، ئۇيغۇرلارنى ئۆي - ماكانلىرىدىن، تېرىلغۇ يەرلىرىدىن، ئىش ئىمكانلىرىدىن ئايرىپ تاشلاۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى بۇ دەرىجىدە كۆپ بولمىغان بولسا، بەلكىم خەلققە ئاز - تولا بىر نەپەس ئېلىش ئىمكانى بولاتتى. شۇڭا پىدائىيلار خىتاي كۆچمەلىرىنى توشۇۋاتقان پويىز ئىستانسىسىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش قوراللىرىنىڭ بىرى دەپ قارىغان ۋە بۇ مۇھىم بازىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.

سوئال: سىگنال بېرىشتە تېخىمۇ چوڭ بېرىش، تېخىمۇ ئۇزاقلارغا يەتكۈزۈشنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

جاۋاب: مۇمكىن. چۈنكى ساقچىخانىلارغا قىلىنغان ھۇجۇمنى خىتاي يوشۇرۇپ كېتەلەيدۇ، ئەمما پويىز ئىستانسىسىدەك ئورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنى يوشۇرۇپ بولۇش قېيىن. قىسىقىسى پىدائىيلار ۋەتەننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ ھەم تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ بۇ يولنى تاللىدى دەپ قارايمەن.

سوئال: بۇ تىمىدا ئەسكەرتىدىغان ياكى قوشۇمچە قىلىدىغان سۆزىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: ئەسكەرتىدىغان بىر نۇقتا بار. تېخى ھازىر ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كېچىلدى دېگىلى بولمايدۇ، ساقچى ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ يەنىلا ھۇجۇم نىشانى بولىدىغانلىقى، تۈنۈگۈن ئاقسۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن مەلۇم، شۇڭا مەنچە، ھۇجۇم نىشانلىرىنى ساقچىخانىلاردىن پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلارغىمۇ كېڭەيدى دېيىش مۇۋاپىق.