ئاينى ئېتەك بىلەن توسقىلى بولماس: خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى ساختا فىلىمىغا رەددىيە

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.11.02
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا شاھىتلار نېمە دەيدۇ؟ خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھىرىدە خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى. 2009-يىلى 5-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلگە قاراتقان خەلقئارا تەشۋىقات قانىلى - CGTN، يەنى «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» 24-ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى باش تېما قىلغان «زۇلمەت قاپلىغان شەھەر: 5-ئىيۇل ۋەقەسى خاتىرىسى» ناملىق ئىنگلىزچە ھۆججەتلىك فىلىمنى تارقىتىشقا باشلىغان.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ۋەقەنىڭ «سەۋەبى، تەرەققىياتى، ئاقىۋىتى ۋە تەسىرى» دىن ئىبارەت 4 بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. فىلىمنىڭ باشلىنىشىدىلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى «كۆپ مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاش جاي»، «‹ئۈچ خىل كۈچ› تولىمۇ قۇترىغان رايون» دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئارقىدىنلا 2003-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا دائىر مەزمۇنلار بىلەن تولغانلىقى، بۇ دەرسلىكلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك ئىدىيەلىرىنى تارقاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئاندىن ئىلھام توختىنىڭ مەلۇم بىر دەرس مۇنبىرىدە ئەگەر ھاكىمىيەت زوراۋانلىق قىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەققىنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن نەقىللەر كۆرسىتىلگەن. ئارقىدىنلا ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) نىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا د ئۇق نىڭ «شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەشكىلات» ئىكەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر قانچىلىغان شەرقىي تۈركىستان نامىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن 2004-يىلى قۇرۇلغانلىقى، مەزكۇر تەشكىلاتقا قوشۇلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئامېرىكادىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە «رەڭلىك ئىنقىلاب» قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك خەلقئارادا ئەيىبلەنگەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ خىتايدىمۇ «رەڭلىك ئىنقىلاب» پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. مەزكۇر فىلىمدىكى ئېيتىم ۋە بايانلارنىڭ «ئىشەنچلىك» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكادىكى «رون پائۇل تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئىنستىتۇتى» دا 2018-يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر سۆھبەتتىن قىسقا بىر نەقىلنى ئۈزۈپ ئېلىپ، ئۇستىلىق بىلەن كىرىشتۈرگەن. يەنى ئۇنىڭدا ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەسلىھەتچىسى ۋە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق گېنېرالى لاۋرېنس ۋىلكېرسون (Lawrence Wilkerson)نىڭ بىر سۆزىنى ئۈزۈپ ئېلىپ كۆرسەتكەن. مەزكۇر فىلىمدا لاۋرېنس ۋىلكېرسوننىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 20 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ ياشايدىغانلىقى، ئەگەر ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ئۇيغۇرلاردىن ياخشىراق پايدىلانسا، خىتاينىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇشتىكى ئەڭ ياخشى كوزىرغا ئىگە بولىدىغانلىقى، يەنى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق خىتايدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلاردىن نۆۋەتتە 20 مىڭدەك كىشىنىڭ سۈرىيەدە بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئامېرىكانىڭ مانا مۇشۇ كىشىلەردىن پايدىلىنىپ خىتايدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، خىتاي لاۋرېنس ۋىلكېرسوننىڭ 2018-يىلى قىلغان بۇ سۆزلىرىنى 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دا ئامېرىكانىڭ قولى بارلىقىغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان. يەنى خىتاي ئىشلىگەن بۇ فىلىمدىكى ساختىپەزلىك ۋە يالغانچىلىق مەزكۇر فىلىمنىڭ باش قىسمىدىلا ئوچۇقچىلىققا چىقىپ قالغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان تەشۋىقات ئۇرۇشىدىكى سېپى ئۆزىدىن ساختىپەزلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان.

فىلىم ۋەقەلىكى بۇ يەرگە كەلگەندە، خىتاي بىردىنلا دىققەتنى دۆلەت ئىچىدە ئىلھام توختىنىڭ، دۆلەت سىرتىدا رابىيە قادىرنىڭ سۆزلىرىگە بۇرىغان. يەنى، ئىلھام توختىنىڭ 26-ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى تەنقىدلىگەنلىكىنى، شاۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن «پىلانسىز، مەقسەتسىز، خەلق ئارىسىدىكى ئادەتتىكى جىدەل» نى مىللىي زىددىيەت، ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. شۇنداقلا رابىيە قادىرنىڭمۇ شاۋگۇەن ۋەقەسىنى «مىللىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ، 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇرلارنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دېمەك، بۇ ئارقىلىق خىتاي رابىيە قادىرنى خىتاي سىرتىدىكى، ئىلھام توختىنى خىتاي ئىچىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ پىلانلىغۇچىسى، ۋەقەنىڭ سەۋەبچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

سوئال پەيدا قىلىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر فىلىمنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا دەپسەندە قىلىنىپ كېلىنگەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسلا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىككىلەمچى پۇقرا دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ ئوت پىلتىسى بولغانلىقىدەك ھەقىقەتلەرنىڭ ھېچ بىرى تىلغا ئېلىنمىغان.

فىلىمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە، ۋەقەنىڭ جەريانى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، خىتاي 5-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا كىشىلەرنىڭ توپلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما بۇ توپلاشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولغانلىقىنى، توپلىشىشنىڭ سەۋەبى، شۇ يىل 26-ئىيۇن شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇش، ئۆلتۈرۈشتەك قانلىق ۋەقە ھەققىدە ئېنىقلىما تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى يوشۇرغان. سائەت 18:00 نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ زورايغانلىقىنى، سائەت 20:00 بولسا نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ قالايمىقانلىشىپ، ئۇرۇش، چېقىشلارنىڭ باشلىنىپ ساقچىلار بىلەن تىركىشىش باشلانغانلىقى بايان قىلىنغان. ئارقىدىنلا نامايىشچىلار قوشۇنى ئىچىدە، ئەتراپتىكى ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرگە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارنىڭ بارلىقى ۋە بۇ قۇتراتقۇلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. دېمەك، بۇ يەردە خىتاي ئېھتىياتسىزلىقتىن ۋەقەنىڭ ئەسلى خاراكتېرىنىڭ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش بولمىغانلىقىنى مەزكۇر فىلىمدا ئۆزى ئېتىراپ قىلغان.

5-iyul-xitay-teshwiqati.jpg

فىلىمنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىدە، «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. بۇلاردىن بىرى ئۈرۈمچىدىكى ئاق مەسچىت ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتاي قوراللىقلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلىنىش ۋەقەسى؛ يەنە بىرى، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «زەھەرلىك يىڭنە سانجىش» ۋەقەسى بولغان. بۇ ئىككى ۋەقەدە «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خىتاي» بىلەن «جىنايەت سادىر قىلغۇچى ئۇيغۇر» زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ زىيارەتنىڭ نەتىجىسى مەزكۇر ۋەقەنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرگۈچىلەرگە دەلىللەش ئۈچۈن بولغان.

ۋەقەنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇ بۆلۈمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خىتايلارنىڭ «ئاسارەتتىن قانداق قۇتۇلغان» لىقلىرىغا دائىر بىر تەرەپلىمە بايان ۋە مەزمۇنلار بىلەن تولغان.

مەزكۇر فىلىمنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا قارىغاندا، فىلىمدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تەرەپلىمە قاراشلار، بېرىلگەن ئاتالمىش «گۇۋاھلىقلار» ۋە كۆرسىتىلگەن «ئىسپاتلار» نىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئاساسەن يوق. چۈنكى، فىلىم باشتىن-ئاياغ بىر تەرەپلىمىلىك بايانلار، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىمى بىلەن تولغان. قارشى پىكىرگە، ئوخشىمىغان تەرەپلەرنىڭ قاراش ۋە بايانلىرىغا ھېچقانداق ئورۇن بەرمىگەن. بۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك ياكى تاق يۆنىلىشلىك ئېيتىم، مەزكۇر فىلىمدىكى بايانلارنىڭ «ئىشەنچلىك» لىك دەرىجىسىگە ۋە «چىنلىق» تۇيغۇسىغا كۈچلۈك گۇمان ھەم سوئال پەيدا قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئۇنداقتا، مەزكۇر فىلىمدا قانداق گۇمانلىق نۇقتىلار بار؟

بىرىنچىدىن، خىتاي بۇ فىلىمدا «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دا جەمئىي 184 نەپەر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 137 نەپىرىنىڭ خىتاي، 46 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە 1 نەپىرىنىڭ تۇڭگان ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىنغان. ھالبۇكى، تاكى بۈگۈنگىچە ۋەقەدە قازا قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ تولۇق تىزىملىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان «تېررورچى» لارنىڭ بار-يوقلۇقى، شۇنداقلا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتنى ئاشكارىلىغان ئەمەس. ئەسلىدە ئۆزىنى خەلقئارا تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان خىتاي، بۇنداق ئۇچۇرلارنى بىرىنچى بولۇپ خەلقئاراغا ئاشكارىلىسا، ئاندىن خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ ھېسداشلىقلارغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن بولاتتى. ئەمما خىتاينىڭ بۇنداق قىلماسلىقىدىكى سەۋەبى زادى نېمە؟

ئىككىنچىدىن، «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرىشتىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن ئاۋۋاللا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى كوچا-كويلىرىغا نازارەت كامېرالىرىنى ئورنىتىپ بولۇنغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنگىچە يا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ، ياكى زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ نەق مەيداندىكى ئېنىق كۆرۈنۈشلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق.

ئۈچىنچىدىن، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ 184 نەپەر، يارىلانغۇچىلارنىڭ 1680 نەپەر بولغانلىقىنى ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا يۈز مىليون يۈەن تۆلەم پۇلى ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن يارىلانغانلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلىمىغان.

تۆتىنچىدىن، خىتاي بۇ فىلىمدا «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەن كۈنى سائەت 21:00 دىن باشلاپ پۈتكۈل ئۈرۈمچى شەھىرىدە توك توختاپ، تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. ھەتتا مەزكۇر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار خىتاي تور مەنبەلىرىدىن تېپىش ھازىرغىچە مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بۇ ۋەقە راستتىنلا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» تەرىپىدىن پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، خىتاي بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى ۋە ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرسە توغرا بولاتتى. ئەمما خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى دەل ئەكسىچە بولۇپ، بارلىق ئۇچۇرلارنى قامال قىلدى ۋە ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى بار كۈچى بىلەن توستى.

مەزكۇر فىلىمدا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دەل ۋاڭ لېچۈەننىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ھەققىدىكى نۇتقىدۇر. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەينى چاغدىكى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن 7-ئىيۇلدا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە قەستەن ئىش چىقىرىشى» دەپ شەرھلىگەن. ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەزكۇر نۇتقىدا يەنە «5-ئىيۇل ۋەقەسىگە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشقان. بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز شۇكى، بۇ ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەستىن، قۇتراتقۇچىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەن. پەقەت ئۇلار ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋە ئوت قويۇشقا قاتناشمىغانلا بولسا، بىز ئۇلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئىدارىلەرنىڭ قايتا تەربىيەلىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز. بىز يەنىلا تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ ياشلارنى قۇتۇلدۇرىمىز. . .» دېگەن بايانلىرىمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ياشلارنى قۇتۇلدۇرۇش، تەربىيەلەشنى پرىنسىپ قىلىش» ئىبارىلىرىنى ئىشلىتىشى كىشىگە يېقىنقى يىللاردىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئەسلىتىدۇ. قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەتتە تەربىيەلەش خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدىمۇ دەل ۋاڭ لېچۈەننىڭ بايانلىرىدىكى سۆزلەر بىلەن جازا لاگېرلىرىنى ئاقلىغانىدى. ئەجەبا، بۇ بىر تاسادىپىيلىقمۇ ياكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن ئاۋۋاللا خىتاي «جازا لاگېرى قۇرۇش» نى ئالدىن پىلان قىلىپ بولغانمىدى؟

دەرۋەقە، خىتاي مەزكۇر فىلىمدا «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ياكى «بىر ئۇچۇم شەرقىي تۈركىستانچى بۆلگۈنچى، تېررورچى، ئاشقۇنلار» نىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا كىشىلەرنى ئىشەندۈرمەكچى، شۇنداقلا، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ قالماقچى بولغان. بۇ ۋەجىدىن مەزكۇر فىلىم باشلىنىشتىن تارتىپ تاكى ئاخىرلاشقۇچە، بىر قېتىممۇ «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئۇيغۇرلار بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدەك ھەقىقەتنى تىلغا ئالمىغان. ئەكسىچە، ئۇيغۇر سۆزىنىڭ ئورنىغا ئەپچىللىك بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» دەپلا قوللانغان. چۈنكى خىتاينىڭ ئۆزىگە ئېنىقكى، ۋەقەنىڭ مىللەت بىلەن باغلىنىشى، مىللىي زۇلۇملارنى خەلقئاراغا ئىسپاتلايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلىمۇ دەل «ئۇيغۇر» نامىنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى، ئاشقۇن ۋە تېررورچىلىرى» ياكى «ئۈچ خىل كۈچ» دەپلا قوللىنىشتۇر. پەقەت شۇنداق قوللانغاندىلا، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايدا ھەقىقەتەنمۇ تېررورلۇق، دۆلەتنى پارچىلاش ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا شەكسىز ئىشەندۈرۈش بىلەن تەڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى مەڭگۈ يوشۇرۇپ قېلىشقا بولىدىغانلىقىنى خىتاي ئاللىقاچان مۆلچەرلەپ بولغان.

شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي مەزكۇر فىلىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھەقسىزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلىماقچى بولغان. لېكىن فىلىمدىكى ھېسسىي ۋە بىر تەرەپلىمىلىك بايانلار، گۇمانلىق «گۇۋاھلىق» لار ھەمدە دەلىلسىز «ئىسپاتلار» مەزكۇر فىلىمنىڭ «ئىشەنچلىك» دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، خىتاينى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى ئېنىق!

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.