خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش»، «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «بەختىيار ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار»، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەندەك تۈرلۈك ناملاردا پەردازلاپ تەشۋىق قىلىپ كەلدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ساختا تەشۋىقاتى ئەمەلىيەتتە «رەڭۋازلىق» تىن ئىبارەتتۇر. مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق دېگەندەك تەڭداش مەنىلىرى بار بولۇپ، بۇ، قەدىمدىن خىتايدا داۋاملىشىپ كەلگەن «بۇغىنى ئات كۆرسىتىش (指鹿为马)» ھىيلىسى بىلەن مەنە جەھەتتە كۆپ پەرقى يوق.
خىتاينىڭ قەدىمى تارىخنامىسى - «تارىخى خاتىرىلەر، چىن شىخۇاڭنىڭ تەزكىرىسى» دە «بۇغىنى ئات كۆرسىتىش (指鹿为马)» ناملىق بىر تەزكىرە خاتىرىلەنگەن. «بۇغىنى ئات كۆرسىتىش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا، ئاق بىلەن قارىنى ئوڭدا-دۈمدە قىلىۋېتىش، راست بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش دېگەنلىك بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان 75 يىل جەريانىدىكى سىياسىتىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە بۇ سۆزدىن ئەڭ كۆپ «ئىلھام» ئالغان ۋە ئۇنى ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەنىدى.
خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرمە-لاگېرلارغا سولاش، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئەنە شۇنداق تۈرلۈك ناملار ۋە ئۇسسۇللار ئاتىغان تەشۋىقاتلىرى يالغۇز خىتاي ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادا كۆپ خىل تىللاردا تارقىتىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ راست ياكى يالغانلىقى ھەققىدە تالاش-تارتىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. بولۇپمۇ مۇستەبىت سىياسەتلەر ھىمايە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىغا بەكرەك مايىل بولدى.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەنە شۇنداق كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتلىرىنىڭ بىرى 5-ئۆكتەبىر «شىنخۇا تورى» دا بېرىلگەن بولۇپ، بۇ خەۋەرنىڭ تېمىسى «ئالتۇن-كۈمۈشكە تولغان ئاستا پويىز، جەنۇبىي شىنجاڭنى رەڭدارلىققا چۆمدۈردى» دەپ ئاتالغان. خەۋەر يېڭىسار ناھىيەسىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئالما ئۈزۈش خىزمىتى ئۈچۈن يولغا چىققان ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان. يەنى مەزكۇر خەۋەر ماقالىسىدە، 22 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ماھىرە ئابدۇلياسىننىڭ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭىسار ناھىيەسىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئالما ئۈزۈش خىزمىتى ئۈچۈن ماڭغانلىقى؛ ماھىرەنىڭ يېڭىساردا ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تاللا بازىرى ئاچىدىغانلىقى، ھەر يىلى سېنتەبىر كېلىشى بىلەنلا مۇشۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئاقسۇغا ئالما ئۈزگىلى بارىدىغانلىقى؛ماھىرە ئولتۇرغان 7556/7557 قېتىملىق بۇ پويىز لىنىيەسىنىڭ ئېچىۋېتىلگىنىگە 13 يىل بولغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 30 نەچچە سائەتلىكى، پۈتكۈل لىنىيەنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى 64 پويىز بېكىتىدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى، بۇ پويىزنىڭ نۆۋەتتە دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىشىدىكى مۇھىم قاتناش قورالىغا ئايلانغانلىقى بايان قىلىنغان.

مۇخبىرنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئارقىلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىشىنىڭ قانچىلىك «قولايلىقلاشقان» لىقىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغانلىقى ئېنىق. لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىنىڭ مەزكۇر مۇخبىرى كۆزدىن ساقىت قىلغان بىر مەسىلە شۇكى، ئۇ، مەزكۇر پويىزغا ئولتۇرۇپ، ياقا يۇرتلارغا ئىشلەمچىلىككە ماڭغانلارنىڭ «دېھقان» لار ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىغان. شۇ نۇقتا ئېنىقكى، دېھقان ئۈچۈن كۈز پەسلى تېرىقچىلىقنىڭ مول-ھوسۇل ئالىدىغان ئالتۇن پەسلى بولۇپ، بۇ پەسىلدە دېھقانلار ھوسۇل يىغىش بىلەن ئالدىراش بولىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما مەزكۇر ماقالىدا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ھوسۇل يىغىش پەسلىدە سىرتلارغا ئىشلەمچىلىككە ماڭغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەجەبا بۇ دېھقانلارنىڭ تېرىيدىغان يېرى، ئالىدىغان ھوسۇلى يوقمۇ؟ شۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەر مۇخبىر تەرىپىدىن «دېھقان» دەپ تەرىپلەندى؟
سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ يېڭىساردىكى سىياسەتلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ئەلۋەتتە!
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2020-يىلى 14-دېكابىردىكى بىر خەۋىرىدە، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ «تېرىقچىلىققا تايىنىپ قالماي، بەلكى ھۈنەر-كەسىپ ئىگىلەپ، باي بولۇش يوللىرىنى قانداق كېڭەيتكەنلىكى» خەۋەر قىلىنغان. مەزكۇر خەۋەر ئارقىلىق بىز يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ياقا يۇرتلارغا ئىشلەمچىلىككە بارىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز. خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر كارخانىنىڭ پۈتۈن ناھىيەدىكى 102 دېھقانچىلىق كوپىراتىپى بىلەن مېۋە-كۆكتارلارنى سېتىۋېلىش توختامى تۈزگەنلىكى، شىركەتنىڭ بۇ ئۇسۇلى 12 مىڭ نامرات ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقى، يېڭىسار ناھىيەسىدە ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەمكارلىق كوپېراتىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا باشلىغانلىقى دېيىلگەن.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ داجۇڭ تورى» دا «شىنجاڭ گېزىتى» دىن 2021-يىلى 2-مارتتا كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان «يېڭىسار ناھىيەسى ئۇلۇغچات بازىرى تۆۋەن ياۋاغ كەنتىدە، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغانغا ئىشى بار بولدى» ناملىق خەۋەردە بولسا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ، ئاتالمىش «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش(访惠聚)» نامىدا كەلگەن خىتاي كادىرلارنىڭ «يەرلەرنى ئۆزلىرى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ ۋە تېرىۋاتقانلىقى، دېھقانلارنىڭ بولسا يەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، دېھقانچىلىقتىن تولۇق ئازات قىلىنىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەنلىكى» بايان قىلىنغان.
يۇقارقى ئىككى خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىنلا، يېڭىساردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرگەن خىتاي كادىرلار تەرىپىدىن تېرىلغۇ يەرلىرىنى كوپىراتىپلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىردىنلا «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» گە ئايلاندۇرۇلۇپ، ياشاش ئۇسۇلىنىڭ دېھقانچىلىقتىن ئىشلەمچىلىككە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى قىياس قىلىشىمىز تەس ئەمەس. دېمەك، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يېڭىسارلىق ماھىرە ۋە يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ قىسمەتلىرى، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسى بولۇپ، بۇنداق ھادىسە بەلكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئومۇملاشقان بولۇشى، بولۇپمۇ يېزىلاردا، ئۇيغۇر دېھقانلار ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە يۈز بەرگەن بولۇشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن. يەنى، ئۇيغۇرلارنى يەر-زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، ئۇلارنى سىرتلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان بۇ سىياسەت ئەسلىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي «بۇغىنى ئات كۆرسىتىش» ئۇسلۇبىدا، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئىزچىل بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]