مۇخبىرىمىز تەرىپىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئېلىنغان يىغىن خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈر بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن، يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى ۋەقە ھەققىدە يىغىن ئېچىپ، يېزىدىكى كەنت ۋە مەھەللە كادىرلىرىنى سوراققا تارتقان.
يىغىندا مەھەللە كادىرلىرىنى ھۆكۈمەتكە ماسلاشماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن خىتاي سېكرىتار، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ ساقاللىق ئەر ۋە پەرەنجىلىك ئاياللارنى ئەستايىل تەكشۈرمەسلىكى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاقتىدا مەلۇم قىلماسلىقى ئاساسلىق بىر سەۋەب دەپ كۆرسەتكەن. يىغىندىن مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەدە ئۆلگەن جەمەت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋەقە يۈز بەرگەن مەھەللىنىڭ سىرتىدىن كەلگەنلەر، شۇنداق تۇرۇقلۇق ۋەقە يۈز بەرگەن مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئومۇميۈزلۈك سوراق ۋە تۇتقۇن قىلىنغان.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۆۋەندە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە يېزىلىق پارتكومدا ئېچىلغان يىغىن خاتىرىسىنىڭ بۈگۈنكى تىمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:
- ... ئۇمۇميۈزلۈك ئېيتقاندا ناھايىتى يامان بولدى، ئاقىۋىتى ياخشى بولمىدى..... مەن 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مارالبېشى سېرىقبۇيىدا ۋەقە يۈز بەرگەندە ھەرقايسىڭلارغا دېگەن «شۇ ۋەقە ھامان بىر كۈن بىزدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا ئۆلىدىغانلار مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلار بولۇشىمىز مۇمكىن» دەپ؛ دەل دېگىنىمدەك بولدى.... كەنت كادىرلىرى، مەھەللە كادىرىلىرى ھازىرغىچە بىرەرسىڭلار مۇشۇنداق ۋەقەلەر ھەققىدە ئاخبارات ئۇچۇر يەتكۈزۈپ باقتىڭلارمۇ؟!!..... شۇ زوراۋانلار 8 - ئايدا بومبا ياساپتۇ، سىناق قىپتۇ، شۇ چاغدا سىز نەدە قالدىڭىز؟! گەپ قىلساق «تىللامدۇق، باستۇرامدۇق» دىيىشىسەن، مانا قوغدىيالمىدۇققۇ ئۆزىمىزنى، ئىگە چىقالمىدۇققۇ؟ مەي سوجاڭ بىلەن مەي ۋېيۈەننى قۇربان بەردۇققۇ؟ ھېچقايسىڭنىڭ ئۇنداق ھەققى يوق! خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدىغان!!!....... ئىككىنچى دەيدىغان گېپىم، يولداشلار قارىغۇ - گاس بولۇۋالمايلى، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىۋالمايلى. كىم بېرىپ كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئىدىيىسىدىكى زىيانلىق پىكىرلەرنى، ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ تېپىپ چىقىپ بىزگە مەلۇم قىلدى؟! داۋاملىق «نورمال - نورمال» دەيسىلەر! مانا نورمالمىكەن؟ يەنە كۆرمەسكە سېلىۋەرسەڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىش چىقىدۇ. بىز دىدۇق «روپاشلارنى باشقۇرۇڭلار، ساقاللىقلارنى باشقۇرۇڭلار» دەپ ؛ باشقۇرۇپتۇقما؟ باشقۇرمىساق مانا مۇشۇنداق ئىش چىقىدۇ، مانا مۇشۇنداق ئىش چىقىدۇ، شۇڭا سېكرىتارلار كاللاڭلىنى سىلكىۋېتىڭلار، مەيلى بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى ھەقانچە ھېلىگەر بوپ كەتسىمۇ، ئادەتتىكى ئەھۋاللىرىنى، نەدە نېمە ئىش قىپ يۈرگەنلىرىنى بىلەرمىز يولداشلار؟.... بايا شياڭجاڭنىڭ ئۆيىدىن كېلىۋېتىپ چازىدىن)تەكشۈرۈش توسىقىدىن( ئۆتتۇق، قارىساق 4 - 5 ى ئوت قالاپ ئىسسىنىشىپ، گەپ سېتىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇ چازىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ساقال قويغانلار بارمۇ؟ روپاشلىقلار بارمۇ تەكشۈرۈش؛ سىرتتىن كەلگەنلەرنى «نەدىن كەللە، نەگە ماڭلا» دەپ سوراپ گۇمانلىقلىرىنى بىزگە يوللاش! تۈنۈگۈن ئۆلگەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى دەرھال ئېنىقلىغىلى بولمىدى، بىز كەنت سېكرىتارلىرىنى، 4 پىشقەدەملەرنى ئېلىپ باردۇق، كوپىنچىسىنى تونۇمىدى، كۆپىنچىسى سىرتتىن كەلگەنلەر ئىكەن. بىز بۇرۇن دېدۇق «سىرتتىن كەلگەنلەرنى بىر سائەتنىڭ ئىچىدە بىزگە مەلۇم قىلىڭلار» دەپ؛ ئۇلار بىر سائەت ئەمەس، بىرقانچە كۈن بوپتۇ توپلانغىلى! ئەگەر شۇ بىر سائەتنىڭ ئىچىدە سىرتتىن كەلگەنلەر مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇلار ئۇنداق ئىش تېرىيالمايتتى، ۋەقەنىڭ ئالدى ئېلىناتتى. شۇ مەھەللىدە كونا ئۆيدىن 13ى بار، يېڭى ئۆيدىن 20 سى بار، ئويلاپ بېقىڭلار، شۇ بىر مەھەللىدە ئادەم يوق ھازىر، 21 بالا يېتىم قالدى ) بۇ يەردە سېكرىتار شۇ مەھەللىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئادەم يوق دېمەكچىمۇ ياكى ۋەقەدىن كېيىن مەھەللىدە ئاھالىلەر يوق دېمەكچىمۇ بۇ نۇقتا ئېنىق ئەمەس، ئومۇمى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا شۇ بىر مەھەللە كىشىلىرىنىڭ سوراق ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە - مۇخبىردىن(. ۋەقەگە چېتىشلىق كەنتلەردىن 4 - كەنت، 8 - كەنت، 12 - كەنت، باغ مەيداننىڭ سېكرىتارلىرى قاتتىق تەكشۈرۈڭلار، گۇماندالار ھەققىدە ئاخبارات ئۇچۇر يەتكۈزۈڭلار. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈندىكى كوچىلاردىكى قان ئىزلىرىدىن قارىغاندا قېچىپ كەتكەن گۇماندارلامۇ بار، ھۇشيار ۋە ئاكتىپ بولۇش بىلەن تەڭ ئۆزۈڭلارنىمۇ قوغداڭلار.....
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ختاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سۈپىتىدە گەرچە دوقمۇش - دوقمۇشقا توساقلارنى قۇرۇش، مىڭلارچە قائىدە - تۈزۈملەرنى چىقىرىش ئارقىلىق يەرلىك ئاھالىلەرنى خىتاي دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولغان يەنى ئۇيغۇرلارنى ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورىماقچى بولغان بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە چوڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا. خىتاينىڭ سېكرىتارىنىڭ كايىشلىرى ۋە چالۋاقاشلىرىدىن مەلۇمكى، يېزىلاردىكى كىشىلەر جۈملىدىن كۆپلىگەن ئاساسىي قاتلام كادىلىرى ئۆز - ئارا ۋە جامائەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە مىللىي، ئىنسانى ۋە مۇسۇلمانچە يول تۇتقان يەنى مىللىي، دىنىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە خىتاينىڭ دېپىغا ئالدىراپ ۋە كوللېكتىپ ئۇسۇل ئويناپ كەتمىگەن.
0:00 / 0:00