سكوت خاررولد: «دۇنيادا قالاق ئۇيغۇر يوق!»
2022.01.20
ئامېرىكا تاماشىبىنلىرىغا تونۇشلۇق بولغان داڭلىق رادىيو سۆھبەت پروگراممىلىرىدىن «جاسۇس سۆھبىتى» (SpyTalk) ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى سۆھبىتىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەمدە بۇنىڭدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندى. شۇ قاتاردا ئامېرىكىدىكى ئاقىللار مەركىزىدىن «راند گۇرۇھى» (RAND Corporation) نىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى سكوت خاررولد (Scott Harold) ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگىر سىستېمىسى ھەمدە سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە ئامېرىكا جامائىتىگە ئۇقۇشلۇق ۋە ئىخچام قىلىپ چۈشەنچە بەردى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە دوكتۇر سكوت خاررولد نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ بايقىلىشى ھەمدە لاگېرلارنىڭ كۆلىمىگە ئاساسەن بۇ لاگېرلارغا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى يېرىم مىليون كىشى قامالغان، دەپ خۇلاسە چىقىرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسلاردىن بىرى بولغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى. شۇ قېتىملىق سۆھبەت ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا جامائىتى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سكوت خاررولد بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولدۇق ھەمدە بۇ ھەقتىكى بەزى سوئاللىرىمىزنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلدۇق.
سكوت خاررولدنىڭ بىلدۈرىشىچە، «راند گۇرۇھى» ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنىڭ نۆۋەتتىكى سەۋىيىسىنى باھالاشتا لاگېرلارنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىنى مۇھىم ئاساس قىلغان. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرپا قىلىپ چىققان بۇ لاگېر سىستېمىسى «قاماش ۋە يوقىتىش» تەك قوش ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان مۇئەسسەسەلەر بولۇپ چىققان.
بۇ ھەقتىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەردە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان ئىسپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتۇر سكوت مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ھازىر شىنجاڭدا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەيدىغان مەلۇماتلار دەل مۇشۇ سۈرەتلەردە. بولۇپمۇ خىتاينىڭ شىنجاڭدا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى غايەت زور ھەجىمدىكى كۆپ خىل ۋە مۇستەھكەم دەلىل-ئىسپاتلاردا ئەكس ئېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئاشۇ لاگىرلاردىن ھايات چىققان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر ۋە ئاشكارا بولۇپ كەتكەن بىر قىسىم خىتايچە ھۆججەتلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگىر قۇرۇشقا ۋە ئۇيغۇرلارنى قاماشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكى، قىرغىنچىلىققا كۆرسەتمە بەرگەنلىكى دېگەندەك لاگىر مەسىلىسى ئوخشىمىغان شەكىللەردە تىلغا ئېلىنغان. بۇ لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ‹يىلتىزىنى قىرقىپ تاشلاش، نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش› نەزەرىيىسى تولۇقى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئېھتىياجى ئۈچۈن بىر قىسىم چەت ئەل مۇخبىرلىرى بۇ لاگېرلارنى قىسمەن بولسىمۇ كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. مۇشۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلىشى سۇغا چىلىشىپ قالدى. كېيىنچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ تاقالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما بۇ سۈرەتلەر بولسا بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن جۇدا بولۇشى ھەققىدىكى بايانلارمۇ ئاشۇ سۈرەتلەردە بايقالغان مەكتەپلەرنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىدىن مەلۇم بولدى.»
خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغا قەدەر لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بولۇپ، شۇنچە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلار ئالدىدىمۇ بۇ مۇئەسسەلەرنىڭ پەقەت كىشىلەرگە ھۈنەر-كەسپ ئۆگىتىدىغان «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا سكوت خاررولد بۇ «مەركەز» لەرنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ھېچقانداق مەكتەپكە ئوخشىمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ: «ياق، ياق. ئۇلار ھەرگىزمۇ مەكتەپكە ئوخشىمايدۇ. خىزمەتداشلىرىم ئاشۇ جازا لاگىرلىرى ھەققىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بايقىغان بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك شۇ بولدىكى، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن جازا لاگېرلىرىدىن چىقىپ ئۆيلىرىگە قايتىدىغان كىشىلەر بۇ ئورۇنلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئەمەس، ئەكسىچە مۇشۇ لاگېرلاردىكى گۇندىپايلار بولۇپ چىقتى. لاگېرلارنىڭ يېنىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىدىن ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ قايتىدىغانلار بۇ جايدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي تىلدىكى مەھبۇسلار ئەمەس، بەلكى گۇندىپايلار ياكى ساقچىلار. چۈنكى ئۇلار ئىشتىن چۈشكەندە مۇشۇ جايدىن ئۆيلىرىگە قايتىدۇ. ئەمما لاگىرلارغا قامالغان كىشىلەر بولسا ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئاشۇ جايدا قاماقلىق تۇرىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى مەكتەپ، مائارىپ مەركىزى ياكى تەربىيەلەش مەركىزى دېيىش زادىلا چەك باسمايدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىۋاتقاندا يەنە بىر قىسىم خىتاي «مۇتەخەسسىسلىرى» ۋە «ئالىم» لىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى «ھەمدەملىكى» مۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىن ئەتكەن مەبلەغ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىقتىسادىي تەرەققىيات» ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر قىسىم خىتاي «ئاكادېمىك» لىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قالاقلىق ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش» تە قانداق زور «ئۇتۇق» لارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار مۇشۇ «ئۇتۇقلار» نى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى يوقىتىش ياكى ئۆزگەرتىش ھەركىتىنى «ئۇيغۇرلارنى زامانىۋىلىققا يېتەكلەش» دەپ شەرھىلىگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا سكوت خاررولد ئۇيغۇرلارنى «قالاق» دەپ خۇلاسە چىقىرىپ ئۇلارنى «زامانىۋىلاشتۇرۇش» نىڭ قىلچە ئاقماس نەزىرىيە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت ئۆچمەنلىكنى ئاشۇرۇشتىن باشقا رولى بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى:
«بۇ خىل شەرھىلەشكە مېنىڭ ئىنكاسىمنى سورىسىڭىز بىرىنچىدىن، مەن تولىمۇ مەمنۇنلۇق ئىچىدە شىنجاڭدا بىرلا قېتىم ساياھەتتە بولغانمەن. ئەشۇ قېتىملىق ساياھىتىم جەريانىدا مەن خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم قازاقلار بىلەن ئۇچراشقانمەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ‹قالاق› ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ‹مەدەنىيەتسىز› مۇ ئەمەس. ئۇ يەردە ‹قالاق› ئۇيغۇر يوق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى زامانىۋى ئىنسانلار. مەلۇم بىر مىللەتنى ‹زامانىۋى›، يەنە مەلۇم بىر مىللەتنى ‹مەدەنىيەتسىز› دەپ باھالاش ئەمىلىيەتتە ھۇجۇم خاراكتىرلىك بىر قىلمىشتۇر. بۇ خىل باھا ماھىيەتتە ‹پەقەت خىتايچە سۆزلەيدىغان ھەمدە خىتاي مىللىتى بولغان كىشىلەرلا مەدەنىيەتلىك كىشىلەردۇر. باشقىلار بولسا مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن خىتايغا ئايلىنىشى لازىم› دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مىليونلارچە ئىنساننى توپ-توپى بىلەن تۇتۇپ كېلىپ لاگېرغا ياكى تۈرمىلەرگە قاماش ھەمدە ئۇلارنى شەرقتىكى بىر مىللەتنىڭ، يەنى خىتايلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلىشقا زورلاشنى ماۋ زېدوڭ چېغىدا ‹خىتاي شوۋېنىزىمى› دەپ ئاتايدۇ.»
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز بولغاندا «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەسىلىسى ھەرقاچان ئۇنىڭدىكى بىر مۇھىم مەزمۈن سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەنگەن توۋارلارنىڭ زور بىر قىسمى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت قارىشى يۈكسەك دەرىجىدە تەكىتلىنىدىغان غەرپ دۇنياسىغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان بولۇپ، دوكتۇر سكوتنىڭ قارىشىچە دەل مۇشۇ نۇقتا غەرپ دۇنياسىدىكى ھەممىلا كىشىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بىر چارە ئىكەن. چۈنكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى سېتىۋېلىنمىسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭغا بازار چىقمايدىكەن. بۇ بولسا قىرغىنچىلىقنىڭ توختىشىغا قىسمەن بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن
«مېنىڭچە ئاشۇ شىركەتلەر بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلاردىن ئۆزىنى تارتىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئەخلاقىي چىرىكلىككە گىرىپتار قىلماسلىقى لازىم ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئاشۇ غەرپ شىركەتلىرىگە تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قورقاق سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان جازا تەدبىرلىرى بويىچە زاۋۇت-كارخانىلارنى شىنجاڭدىن ياكى خىتايدىن كۆچۈرۈپ كېتىش دولقۇنىنى توسۇپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئۆزى بەك چوڭ بازار بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدىكى غەرپ شىركەتلىرىگە خىتاينىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشنى شەرت قىلىۋاتىدۇ. ‹تېسلا› ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھازىر مۇشۇنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەمدە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىرلىكتە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بارچە ساھەنى ھەمدە قىرغىنچىلىقنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە مەۋجۇت بولالماس ھالغا كەلتۈرەلىسە ئۇ ھالدا بۇنىڭ رولى مىسلىسىز بولىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسى داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق بولغان كۆرۈنمەس شەكىلدىكى باستۇرۇشنى داۋام قىلدۇرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.