سېكۇلارىزم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا پۇرسەت يارىتامدۇ ؟

0:00 / 0:00


بۇ يىل 2 - يانۋار، ئامېرىكا «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى»دە ئاندرېۋ ياكۇبسنىڭ «خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق تەقىبىدە غەزەپ ئوتى قاينىغان شىنجاڭ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى. ماقالىدە ئاپتور خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى گويا غەزەپتىن «قايناۋاتقان قازان»غا ئوخشاتقان ئىدى.

لېكىن خىتاينىڭ«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاندرېۋ ياكۇبىسنى تەنقىد قىلغان. ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش خاراكتېرلىك بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشى بىر زۆرۈرىيەت. ئۇ، رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سېكۇلارلىشىشىنى ئالغا سۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىماىي - ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا پۇرسەت يارىتىدۇ.

خىتاي «خەلق گېزىتى»نىڭ ئالى دەرىجىلىك مۇھەررىرى دىڭ گاڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ 6 - يانۋار سانىدىكى ماقالىسىدا، «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرى ئاندرېۋ ياكۇبسنى تەنقىدلەپ، ئۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يۈزەكى باھا بەرگەن، دەپ ئەيىپلىگەن.

دىڭ گاڭنىڭ قارىشىچە، ئاندرېۋ ياكۇبس خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئالغان ھەر خىل دىنىي تەدبىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىماىي - ئىقتىسادى تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالمىغان.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ژورنالىست ۋە جامائەت ئەرباپى سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى بىلەن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار باراتنى زىيارەت قىلدۇق.