«سەمەرقەنت خىتابنامىسى» ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەتەرلىك بىر سىگنالدۇر!

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.09.24
تۈركىيە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كىرسە، ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ؟ تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان(ئالدىنقى رەت سولدىن 3-كىشى) «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. 2022-يىلى 16-سېنتەبىر، سەمەرقەنت، ئۆزبېكىستان.
AP

يېقىندا ئېچىلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ 22-نۆۋەتلىك يىغىنىدا «سەمەرقەنت خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى. خىتابنامىدە «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش» مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىنغانىدى. خىتابنامىنىڭ بېشىدىلا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئىمزالانغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش 2022-2024 نىزامنامىسى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشى بەلگىلەنگەن. ئىككىنچى تۈرىدە بولسا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى قايتا قاراپ چىقىپ، تېررورلۇق مەنبەسىنى پۈتۈنلەي قېزىپ چىقىرىش، تېررورلۈقنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش، تېررورچىلارنىڭ چېگرا ئاتلاپ ئەزا توپلىشىغا زەربە بېرىش، ياشلارنىڭ رادىكاللىشىشى ۋە تېررورلۇق ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلىنىشىنى توسۇش، مەۋھۇم تېررورچىلارنى تازىلاپ، ئۇلارغا كىرىدىغان تۆشۈكمۇ قويماسلىق، تەلەپ قىلىنغان.

يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، «سەمەرقەنت خىتابنامىسى» نىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىشلا بولماي، بەلكى «ئۈچ خىل كۈچ» پەيدا بولىدىغان شارائىتنىمۇ يوقىتىشتۇر. بۇ نۇقتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەزكۇر خىتابنامىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش نامىدا ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان. 2013-يىلى شى جىنپىڭنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى «فېڭ چياۋ مودېلى» دا تازىلاش تەشەببۇسى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىدىيەسىنى تازىلاش» ئۈچۈن ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش تۈزۈمى» نى يولغا قويغان ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن نەتىجىلەنگەنىدى.

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەر، يەنى، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىك بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئىسلاھات» باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر تۆھمەتتۇر. دەل بۇ تۆھمەت سەۋەبلىك خىتاي ھاكىمىيىتى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇپ كېلەلىدى. دەل بۇ تۆھمەت سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار خەلقئارانىڭ دىققىتىدىن نەچچە ئون يىللارچە يىراق قالدۇرۇلدى.

گەرچە، 2016-يىلىدىن باشلانغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى، خىتاينىڭ ئەسلى قىياپىتىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاپ، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز-قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالغىنى يوق. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى دەۋرىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى. ئەمما ئىشلار خىتاينىڭ ئىرادىسىگە قارشى يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىۋاتاتتى.

دەرۋەقە، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلاشقا باشلىدى. مەسىلەن، «مىڭ كىشىلىك پىلان»، «كۇڭزى ئىنستىتۇتى»، خۇاۋېي 5G، جۇڭشىن جاسۇسلۇق دېتالى، «شەھەرلەر ئارا دوستلۇق». . . . . قاتارلىق تۈرلۈك سەتچىلىكلەر خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ، پۈتكۈل غەرب دۇنياسىدا خىتايغا بولغان قاراشلار ئۆزگىرىشكە سەۋەب بولدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، لاگېرلارغا دائىر خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى بىراقلا خۈنۈكلەشتۈردى. بۇ ھادىسە ھەتتا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى» نىمۇ سۇغا چىلاشتۇرۇشقا باشلىدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەر دەسلىپىدە ئىقتىسادقا ئالاقىدار بولغان سودا ئۇرۇشى نامىدا باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما زىددىيەتلەر تەرەققىي قىلغانچە، سودا ئۇرۇشىنىڭ ماھىيىتى ئىدېئولوگىيەلىك سۈركىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ تاقالدى. بولۇپمۇ 2017-يىلى خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ خىتاينىڭ 2025-، 2035-ۋە-2050پىلانلىرىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ترامپ ھۆكۈمىتىمۇ 2017-يىلى دېكابىردا خىتاينى ئامېرىكانىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچىسى» دەپ ئېلان قىلدى. شۇنداقلا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي-ئامېرىكا سودا ماجىراسى، بىردىنلا خىتاي بىلەن ئامېرىكا باشلىق غەرب ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. دېمەك، غەربنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتاتتى. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا قارشى تۇرۇشنى، خەلقئارا تېررورىزمىغا قارشى تۇرۇشتىنمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى ئىدى.

ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بىردىنلا خەلقئارالىق مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. چۈنكى، جازا لاگېرلىرى تۈزۈمى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ناتسىستلىرى تەرىپىدىن يەھۇدىيلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر تارىخىي جىنايەت ئىدى. ئارىدىن يەتمىش نەچچە يىل ئۆتكەندە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى، ھەقىقەتەنمۇ دېموكراتىك قىممەت قاراشلار ۋە دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلاتتى. دېمەك، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىردىنلا دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىدا دەل خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا پەيدا قىلغان ئىدېئولوگىيەلىك تەھدىتى مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

دەرۋەقە، بۇ قېتىملىق ئۆزبېكستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئېچىلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» يىغىنىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا بولغان ئىرادىسى بىلەن غەربكە بولغان خىرىسىنى يەنىمۇ ئېنىق نامايان قىلدى. يەنى، «سەمەرقەرنت خىتابنامىسى» دەل بۇنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى ئىدى. «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئىراننىڭ رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرىشى، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتقا كىرىش ئىستىكىنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى، شۇنداقلا «سەمەرقەنت خىتابنامىسى» نىڭ باش ۋەزىپىسىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» دەپ بېكىتىلىشى پەقەتلا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى شەكسىز رېئاللىق ئىدى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم تۈزۈمى» نى ئاتالمىش «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە خېلىلا بازار تاپقۇزغانىدى. بۇ ۋەجىدىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ۋە دىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرىگە كۆز يۇمغان، ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلگەنىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر رايونلاردىكى بىخەتەرلىكى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغان ھادىسىلەر نورماللىققا ئايلىنىپ قالغانىدى.

دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى ئامېرىكا باشلىق غەربكە قارشى ئىتتىپاقداشلىق ھاسىل قىلىش ئىدى. چۈنكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا قاتتىق ھالسىرىغان پۇتىن بىلەن، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە غەربتىن كۈچلۈك زەربە يېگەن خىتايغا نىسبەتەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» دا ئامېرىكاغا قارشى بىرلىك ھاسىل قىلىش زۆرۈر ئىدى.

يۇقىرىقى ھادىسىلەردىن قارىغاندا بۇ قېتىم ئاتالمىش «سەمەرقەنت خىتابنامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى غەرب ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ يېڭى بىر جەڭنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بولۇپمۇ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ بەلكى بىر خەتەرلىك سىگنال بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈرەش يۆنىلىشى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورىزمغا باغلاش ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىرىشىش بولىدۇ. شۇنداقلا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشىنىڭ بىردىنبىر يولىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن خىتاي دېگەندەك «ئۈچ خىل كۈچ»، يەنى «تېررورچى، بۆلگۈنچى ۋە ئەسەبىي» لەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا باغلىقتۇر. پەقەت ئۇيغۇرلارنى بۇ جىنايەت بىلەن قارىلاش ئىمكانىيىتىنى قايتا ياراتقاندىلا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەيدۇ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەكسىچە، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنى «خىتايغا تۆھمەت قىلغان، ناھەق ئەيىبلىگەن، پۈتۈن دۇنيادىكى رەزىللىكلەرگە سەۋەب بولغان دېموكراتىك ئىدىيەنىڭ مەنبەسى» دەپ ئەيىبلىيەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭىچە سوتسىيالىزم يولى» ئاتلىق خىتاي ئىدېئولوگىيەسىنى دېموكراتىيەنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان يېڭى دۇنيا تۈزۈلمىسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىش شارائىتىنى ھازىرلىيالايدۇ. ھالبۇكى بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۈچۈن دەل «خىتاي چۈشى» نىڭ رېئاللىق ئايلىنىش يولىدۇر.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.