رەسمىي ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئەرەب دۇنياسى بويىچە ئەڭ كۆپ ۋەخپە تېپىلىدىغان دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ۋەخپىلەرنىڭ ئەڭ كۆپى مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرىدە ئىكەن.
يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ۋەخپىلەردىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس قانۇنلار لايىھەلىگەن، ھەتتا مۇندىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى پايتەختى رىياد شەھىرىدە «ۋەخپىلەرنى قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسى» ئۈستىدە قۇرۇلتاي چاقىرىلغان. دېمەك، ۋەخپە ئىشلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىنىۋاتقان بىر مەسىلە.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى پىشقەدەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەڭ كۆپ ۋەخپە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەخپىلىرى ئىكەن. ئەمما بۇ ۋەخپىلەر ئۇزۇن ۋاقىت تاشلىنىپ قالغاندىن كېيىن، بەزىسى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەخپىلىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن، نۇرغۇنلىرى شۇ ۋەخپىلەرنى باشقۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ كەتكەن، ئاز قىسمى ۋەخپە نامى بىلەن داۋام قىلىپ كېلىۋاتماقتا ئىكەن. ئەمما شۇ ئېنىقكى، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر ۋەخپىلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدىن ئۇيغۇرلار پايدىلانمايدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «دۈشەنبىلىك ئولتۇرۇشى»نىڭ ئاكتىپلىرىدىن بىرى ۋە مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاشنىڭ ئىنىسى ئابدۇلھەمىد تاشنىڭ ھېكايە قىلىپ بېرىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى بىرلىشىپ مۇندىن11يىل ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر ۋەخپىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش توغرىلىق ئىش باشلاپ، جىددە شەھىرىدىن مۇھەندىس ئادىل روزى دېگەن كىشىنى مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىگەن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماقۇللۇقىنىمۇ ئېلىپ بولغان ئىكەن. ئەمما ئادىل روزى مەككە، تائىف ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدىكى ۋەخپىلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ۋەخپىلەرنى بىرلەشتۈرۈش ھەققىدە رەسمىي ئىش باشلاپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن، بۇ ئىش بىر ئىزىدا توختاپ قالغان. ئادىل روزى مەسئۇلىيەتتىن چېكىنگەن ۋە ئىشىنى توختىتىپ قويغان. بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ ھازىرغىچە ئوچۇقلىمىغان. بەزىلەر بۇ ئىشنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ بەك قىيىن بىر ئىش بولغانلىقىدىن ئۇ غەلىبە قىلىشتىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن. شۇنداق قىلىپ 11 يىل بۇرۇن باشلىغان ئىش توختاپ قالغان ئىدى. يېقىندا، جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «دۈشەنبىلىك ئولتۇرۇشى»غا قاتنىشىدىغانلار تەرىپىدىن بۇ ئىش قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغان. بۇ ئارىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئالىم سىراجىددىن ئەزىزى ئۇيغۇر ۋەخپىلىرى توغرىلىق مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئاڭلاپ باقمىغان، پەقەت مەسئۇللىرى تەرىپىدىن يوشۇرۇپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋەخپىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆھمەت
بىز، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر ۋەخپىلىرىنى كىشىلەر پايدىلىنالايدىغان ھالغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سىراجىددىن ئەزىزىگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق. سىراجىددىن ئەزىزىي مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەخپىلىرىنى ئۇيغۇرلار پايدىلىنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال شۇ ۋەخپىلەرنىڭ مەسئۇللىرى بولغانلار بىلەن چىرايلىقچە سۆزلىشىش ۋە مۇددىئانى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ۋەخپە قىلغانلار قويغان شەرتلەردىن كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىشقا تىرىشىش لازىملىقىنى، مۇبادا ۋەخپە مەسئۇللىرى بۇ تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلمىسا، مەھكىمىگە ئەرز قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۆۋەندە، سىراجىددىن ھاجىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
0:00 / 0:00
