سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەربىر شەھىرىنىڭ نامىدا بىرەردىن ۋەخپە بىنا تېپىلىدۇ. بۇلارنى ئۆتمۈشلەردىكى پۇلدار ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ھاجىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سېتىپ ئېلىپ ۋەخپە قىلىپ قويغان ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەخپىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ سىرت بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن يىللاردا ھېچكىم پايدىلانمايدىغان بولۇپ قالغان ۋە نۇرغۇنلىرى ئىگىسىز قالغانلىقتىن ھۆكۈمەتنىڭ ۋەخپىگە قوشۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. جىددە شەھىرىدىكى ياقۇب بەدۆلەت ۋەخپى بۇنىڭ مىسالى. 1980-يىللاردىن كېيىن سىرتقا چىقىش يولى ئېچىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلاردىن ھەرەمگە كەلگەنلەر بۇ ۋەخپىلەردىن پايدىلىنىشقا باشلىغان. يېقىنقى ئون يىلدىن بىرى مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە ھەرەمگە يېقىن جايلارنى چېقىپ ئىككى ھەرەمنى كېڭەيتىش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، بۇرۇن ھېچقانچىلىك پۇلغا يارىمايدىغان ئۇيغۇر ۋەخپە بىنالىرىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ ئون ھەسسە، ھەتتا يۈز ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى.
بۇ ئۇيغۇر ۋەخپىلىرى ئۈچۈن ياخشى بولدى. بىراق 2006- يىلغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقاق ھەج قىلىدىغانلارنىڭ يولى توسۇلۇپ قالدى. ئۆمەكتىن كەلگەن ھاجىلار بۇ ۋەخپىلەرگە چۈشۈرۈلمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ۋەخپە بىنالىرى چەتئەللىك ھاجىلارغا كىراغا بېرىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردىن يا ئوقۇغۇچىلار، ياكى يېتىم-يېسىرلار ياكى ھاجىلار پايدىلانمايدۇ. پەقەت بۇ ۋەخپىلەرگە مەسئۇل بولغانلار ئۆزلىرى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. ئۇلاردىن ھازىرغىچە ھېچكىم ھېساب سورىغان ئەمەس.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر ۋەخپىلىرى توغرىلىق كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈمىدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ئالىم، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزىغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
سىراجىدىن ھاجىم سۆھبىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارغا خاس كۆپلىگەن ۋەخپىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئەپسۇسكى ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بۇ ئۇيغۇر ۋەخپىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنالمىغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەخپىلەرنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ، بىرگە باش قاتۇرۇپ ئىش كۆرۈشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىراجىددىن ھاجىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.