ياقۇپ قارى: خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرمىدۇق، مەقسەت - ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش
2014.11.20

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەدىنە خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن قايسى دەرىجىدە مۇناسىۋەت قىلىش ھەققىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىققان.
ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ رادىئومىزغا خەت ئارقىلىق ئىنكاس قىلىشىچە، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار قانۇنىي رەسمىيەت يەنى پاسپورت ئېھتىياجىدىن باشقا ئىشلاردا ئەلچىخانىغا يېقىن يولىماسلىق يولىنى تۇتقان بولسا، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار، خىتاي دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەشكە قاتنىشىشقا قەدەر ئەلچىخانا بىلەن يېقىن ئۆتۈش يولىنى تاللىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتتىكى ئوقۇغۇچىلار رەئىسى ياقۇپ قارى ئۆزى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش پىكىردىكىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
سوئال: بايا، ئەلچىخانىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن چېغىمىزدا بىزنىڭ ئادەملىرىمىزگە يول قويۇڭلار، ئۇلار ئىماملىق قىلسا ياخشى بولىدۇ، ئەندىشە قىلماڭلار دېدىم، دېدىڭىز؛ دېمەك، خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقەڭلار بار؟
جاۋاب: بار، چۈنكى قولىمىزدا شۇلارنىڭ پاسپورتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتەنگە بېرىپ خىزمەت قىلىمىز دەۋاتىمىز، ئۇلاردىن قاچساق بىزنى خاتا چۈشىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىپ ئۆزىمىزنىڭ كۆكسى قارنىمىزنىڭ كەڭلىكىنى، يۇرتىمىزغا، خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىش نىيىتىمىزنى بىلدۈرسەك، پايدىلىق دەپ ئويلىدۇق. دەسلەپتە تەرەددۇت قىلغان ئىدۇق، ئۇستازلىرىمىزدىن سورىساق، بۇ ئىلىم-مەرىپەت زامانى، قاچماڭلار، سۆزلىشىڭلار، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈڭلار دېدى.
سوئال: ئەلچىخانا بىلەن ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت قانداق مۇناسىۋەت؟ قەرەللىك كۆرۈشەمسىلەر ياكى جىددىي ئىش چىققاندىمۇ؟
جاۋاب: بەزىدە ئۇلار كېلىدۇ، بەزىدە بىز بارىمىز....
سوئال: قەرەللىك مەلۇمات بېرىش مەسئۇلىيىتىڭلار يوقمۇ؟
جاۋاب: ياقاي، بەزىدە كونىلىرىنى (ئەلچىلەرنىڭ) ئۇزىتىدىغان، بەزىدە يېڭىسىنى كۈتۈۋالىدىغان ئىش بولىدىكەن، بەزىدە يۇرتتىن گۇرۇپپىلار كېلىدىكەن، مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىن؛ شۇنداق چاغلاردا كېلىڭلار، دەردىڭلار بولسا دەڭلار دەيدۇ، ياكى باشقىلارغا دەپ قويۇڭلار دەيدۇ، كونا كەلگەنلىرى كەلمىسىمۇ مەيلى، يېڭىلىرى كەلسۇن دەيدۇ....
سوئال: سىزنى ئوقۇغۇچىلار رەئىسى بولغاندىكىن، بالىلارنى تەشكىللەپ ئەكەل دېمەمدۇ؟
جاۋاب: ياق، ئۇنداق دېمەيدۇ، دەپ قويۇڭلار دەيدۇ.
سوئال: سىز پەقەت ئەلچىخانىنىڭ گېپىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ قويىسىز؟
جاۋاب: شۇنداق، بەزىدە مەن، بەزىدە باشقىلار؛ بۇنداق قىلغىنىم ئۈچۈن ماڭا كونسۇلخانا بىر تىيىن بەرمەيدۇ ياكى مەكتەپتىن بىر نېمە بەرمەيدۇ...
سوئال: ئەلچىخانا بىلەن مۇناسىۋەتتە سىلەر بەكرەك تەشەببۇسكارمۇ ياكى ئەلچىخانا سىلەرنىڭ ئارقىڭلارغا كىرىپ يېپىشىپ تۇرغان ئىش بارمۇ؟
جاۋاب: ئۇلارمۇ يېپىشىپ تۇرىدۇ، بىزمۇ؛ ئارىمىزدا نەپرەت يوق....
سوئال: ھازىر دۇنيادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە مەسىلە بار، بولۇپمۇ دىنىي سىياسىتى خاتا دەيدىغان قاراش بار، خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلار شۇنداق دېيىكلىك؛ سىلەرنىڭ ئەلچىخانا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى، سىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ دىنىي سىياسىتىدە مەسىلە يوق دەپ قارىغىنىڭلارنىڭ ئىپادىسىمۇ، ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: ياق، ئۇنداق ئەمەس، ئوقۇغان ئادەملەرلا ئەمەس، ئوقۇمىغان قارا تۈرك ئادەملەرمۇ مەسىلە بارلىقىنى بىلىدۇ، بىزمۇ سۆزلەشكەندە ھىجاپلانغان بىر كىشى خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، شۇ كىشىنىڭ ئۆزى جازالىنىشى كېرەك، پۈتۈن ھىجاپلانغان ۋە ساقال قويغانلار جازالانماسلىق كېرەك دەيمىز، ئۇلار ئاڭلاپ قويىدۇ، بىر نېمە دېمەيدۇ. يەنى كۆڭلىمىزدە رازى ئەمەس، پەقەت مۇستەقبەلدە (كەلگۈسىدە) ياخشى بولۇپ قالار، ھازىر خاتا چۈشىنىپ قېلىۋاتىدۇ، كېيىن چۈشەنگەندە ياخشى بولا دېگەن ئۈمىدىمىز بار شۇ.
سوئال: ئۆتكەن ھەپتە كونسۇلخانىدىن كەلگەنلەر بىلەن كۆرۈشۈپسىلەر، ئۇلارغا ئەگەر ئاپتوموبىل ئېلىپ بەرسە، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەلچىخانا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغىنى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپسىلەر، ئەلچىخانىدىن ئاپتوموبىل سورىغىنىڭلار راستمۇ؟
جاۋاب: ياقەي، ئۇ مۇنداقلا دەپ قويۇلغان بىر چاقچاق گەپ.
سوئال: سىزمۇ بىلىسىز، ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇنى توغرا كۆرمەيدىغانلار سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ بار، سىز ئەلچىخانا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى مۇنداق سەۋەب بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتىمىز دەپ ئۆز ئېغىزىڭىز بىلەن چۈشەندۈرۈش بېرىشنى خالامسىز؟
جاۋاب: ئەسلىدە چۈشىنىشى كېرەك، چۈشەنمىسە نىيىتىمىزنى ئاللاھ بىلىدۇ....
سوئال: ئەلچىخانىلار ھەر يىلى ئۆكتەبىردە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ، شۇ پائالىيەتلەرگىمۇ قاتناشتىڭلارمۇ؟
جاۋاب: قاتناشتۇق، قاتنىشىدۇ...
سوئال: ھەر يىل قاتناشتىڭلارمۇ، ئارىلاپمۇ؟
جاۋاب: ھەر يىلى ئەمەس، مەن ئۆزۈم بىر قېتىم قاتناشقىنىم ئېسىمدە، قاتناشقاچ پاسپورت ئىشلىرىنى پۈتتۈرىدىغانلارمۇ بار.
سوئال: قاتناشقاندا مەلۇم بىر رەسمىيىتىڭلارنى بېجىرىش ئۈچۈن قاتنىشامسىلەر ياكى بايرامنى تەبرىكلەش، بايرامنىڭ ھاياجىنىنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن قاتنىشامسىلەر؟
جاۋاب: ئۇنداق بولماس ئەپەندىم! ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتىمىز، غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش دىنىمىزدا چەكلىنىدۇ.
سوئال: بايا ئارىمىزدا نەپرەت يوق دېگەن گەپنىمۇ قىلدىڭىز، شۇڭا سوراۋاتىمىز، بىرى سوراپ قالسا، نېمە دەپ چۈشەنچە بېرىسىز؟
جاۋاب: يۈرەكتىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ھەممە گەپنى دېگىنى بولمايدۇ....
سوئال: خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ قانداق بىر سەزگۈر ئىكەنلىكىنى سىزمۇ بىلىسىز، ھېچ بولمىدى دېگەندە، مۇشۇ كۈندە كەلمەسلىككە، مۇشۇ بىر پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا ئامال يوقمۇ؟
جاۋاب: ئامال بولسا شۇنداق قىلىدىغان گەپ، قولىڭىزدىن كەلسە شۇنداق قىلىدىغان گەپ، قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ.
سوئال: ئەلچىخانىدىن ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنات پۇلى، تۇرمۇشى پۇل دېگەندەك ياردەم پۇل بېرىۋاتقان ئەھۋال بارمۇ؟
جاۋاب: بار. ئېلىۋاتقانلار بار.
ئەتىكى پروگرامىمىزدا، ئوخشاش مەكتەپتىكى يەنە بىر ئېقىم- يەنى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىنلاشماسلىق، ئوتتۇرىدا بەلگىلىك مۇساپە قويۇش تەرەپدارلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلايسىلەر.