سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن «تولۇق ھەمكارلىق» ئورنىتىۋاتقان خىتاي، ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.06.14
seudi-xitay-Mohammad-bin-Salman-shi-jinping-2022.jpg سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. 2022-يىلى 8-دېكابىر، سەئۇدى.
REUTERS

1980-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەر يىلى دېگۈدەك ھەج-تاۋابقا بارىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان دۆلەت بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «دىپلومات» ژۇرنىلى 12-ئىيۇن ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق دوستى بولغان ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ھازىر خىتاينىڭ ئېلىۋاتقانلىقى، ئىككى تەرەپ سودىسىدا دوللارنىڭ ئورنىنى خىتاي پۇلىنىڭ ئىگىلەش ئېھتىمالى بارلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى گەرچە خىتايدىن كېلىدىغان ۋاقىتلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن ئامېرىكا-سەئۇدى ئارىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلماقچىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن داۋاملىشالايدىغانلىقى، ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلەر رىقابىتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇشلىرىغا قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، 2023-يىل 12-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرۈشۈپ، «تولۇق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى؛ 2023-يىل 8-ئايدا، جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يىغىنى» غا رەسمىي شەكىلدە تەكلىپ قىلىنغان سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي، رۇسىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا، تاشقى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانى مۇزاكىرىسىگە قېتىلغانىدى. خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «2023-يىللىق پىلانى» بىر-بىرىگە ماسلاشقان بولۇپ، بۇنىڭغا غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇ پىلان ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈپ، پەقەت نېفىتقىلا تايىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلماقچى بولغان. 2024-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانى مالىيە مىنىستىرى بىلەن خىتاي مالىيە مىنىستىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۈنئىي ئەقىل، يېشىل ئېنېرگىيە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قۇرۇلۇشى ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى تارىختىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان تەقدىردىمۇ، دوللارنىڭ يەنىلا سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى، دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) نىڭ قارىشىچە، خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا تايىنىپلا، ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئالالمايدىكەن، خىتاي پۇلىمۇ دوللارنىڭ ئورنىنى باسالمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

«نېفىت دوللار بىلەن ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيادىكى ئېنېرگىيە بازىرىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئامېرىكانىڭ كۈچى ۋە تەسىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر. مەن خىتاينى سەئۇدىدىن سېتىۋالغان نېفىتنى رۇسىيەگە توشۇمدىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن. بۇنىڭ قىسمەن سەۋەبى، خىتاي پۇلى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ھېسابلانمايدۇ. خىتايمۇ ئۆزىنىڭ پۇلىنى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، قىلاي دېسىمۇ قىلالمايدۇ، چۈنكى خىتايدا ئۆزىنىڭ پۇلىنى دوللاردەك كۈچلۈك قىلالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلانمىغان. ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكا دوللىرىنى ئەڭ ئىشەنچلىك پۇل دەپ ھېسابلايدۇ ۋە تاشقى سودىدا دوللار ئىشلىتىدۇ».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يازمىچە يوللىغان ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي سەئۇدى بىلەن بولغان سودىدا، جۈملىدىن ئېنېرگىيە ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلار سودىسىدا خىتاي پۇلى ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، گەرچە بۇ تەس بولسىمۇ، ئىمكانسىز ئەمەس. نۆۋەتتە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي پۇلى بىلەن ھېسابلىنىۋاتىدۇ. خىتاي يەنە ئامېرىكانىڭ بېسىمىغا قارىماي ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن سەئۇدىدىن نېفىت ئېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئەمما ئۇنداق قىلسا سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكانىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ، ئامېرىكا نېفىت سودىسىدا دوللار ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئامېرىكانىڭ دۇنيا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىنى قوغداشقا پايدىلىق. ھازىر ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى بانكىلار خىتاي پۇلىنى سىناق قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، دوللار زاپىسىنى قايتا ئاشۇرماقتا. خىتاي بولسا، ھەدەپ ئالتۇن زاپىسى توپلىماقتا، شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ قولىدىكى دوللار يەنىلا ئالتۇندىن كۆپ. ئەگەر خىتايمۇ دوللارغا تايىنىپ ئۆز بايلىقىنىڭ قىممىتىنى ساقلىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىمۇ ئۇنچە تېز گۇمران بولمايدۇ».

«دىپلومات» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئالاھىدە ھەمكارلىشىشىدىكى مەقسىتى ئوتتۇرا شەرقتە خىتاينىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكانىڭ تەسىرىنى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرۈش ئىكەن. خىتاي ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرقتىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئامېرىكانىڭ ئورنىغا خىرىس قىلىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ غايىسى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىش ئىكەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر بولۇپ، ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقى يەنىلا كۈچلۈك ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نېفىت سودىسى يەنىلا دوللارنى ئاساس قىلىدىكەن. شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادى دوللارنىڭ قىممىتى ھەم دۇنيا نېفىت بازىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغانىكەن. ئامېرىكاغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قۇرغان مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى قىسقا، ھەمدە بۇ مۇناسىۋەت پەقەت ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد بىلەنلا چەكلىنىدىكەن. يەنە كېلىپ، خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى بولغان ئىران ۋە ئىران قوللاۋاتقان يەمەن، سۈرىيە، لىۋاندىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ تەھدىتىنى يوقىتالمايدىكەن. ھەتتا خىتاي ئىراندىنمۇ نېفىت ئېلىپ ئۇنى قوللايدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەنىلا ئامېرىكاغا تايانماي ئامالى يوق ئىكەن. ئامېرىكا يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىككى تەرەپلىك دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنى قوغداش سالمىقىنى كۈچەيتىدىكەن. بۇ كېلىشىم بويىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكا تەمىنلىگەن ئىلغار قوراللارنى ئىشلىتىدىكەن؛ ئەمما خىتايدىن قورال ئالمايدىكەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ سەئۇدىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىكەن.

رايموند كو بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئامېرىكا ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بولۇشىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. سودا مۇناسىۋىتى دېگەندە، ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ پايدا ئېلىشنى كۆزلەيدۇ. ئەگەر مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرسا، ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ زىيان تارتىدۇ. خىتاي ئەگەر باشقا دۆلەتلەر بىلەن خەۋپسىزلىك جەھەتتە ھەمكارلاشمىسا، ئۇ رايوندىكى تەسىرىمۇ چەكلىك بولىدۇ. خەۋپسىزلىك مۇناسىۋىتى بىر دۆلەتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدۇر. ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا قېتىلىشنى خالىمىسا، پەقەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئارقىلىقلا ئېرىشكەن تەسىرى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ».

دوكتور ئاندېرس كور مۇنداق دەيدۇ: «دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي ئارمىيەسىگە ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى خىتاي قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تاجاۋۇز قىلدى؛ تەيۋەندىن باشقا يەنە، ياپونىيە، فىلىپپىن، مالايسىيا، بىرۇنى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپلا قالماي، ھىندىستان بىلەن بۇتانغا تاجاۋۇز قىلدى. بۇلار خىتاينى خەۋپسىزلىك جەھەتتە ئىشەنچسىز شېرىككە ئايلاندۇردى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئامېرىكا قوشنا دۆلەتلەر ۋە شېرىكلىرى ئۈچۈن قۇربان بېرىش بەدىلىگە زېمىنىنى كېڭەيتمىگەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئىسپاتلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان خىتايغا مەڭگۈ ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ھەم قوشنا زېمىنلارغا تاجاۋۇز قىلىدىغان بىر دۆلەت».

«دىپلومات» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان رىقابىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ گېئو-سىياسىي مايىللىقى (يەنى ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن قايسى تەرەپكە ئاغىدىغانلىقى) ناھايىتى مۇھىم. ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەيدانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى مۇھىم ئامىلدۇر. خىتاي بەلكىم ئىقتىسادىي تەدبىر ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشى ھەمدە سەئۇدىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىشى مۇمكىن. ئەمما خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. شۇڭا، سەئۇدىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى داۋاملىق كۈچەيگەن تەقدىردىمۇ، سەئۇدى بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كەڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى پەقەت بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئارىسىدا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا تىرىشىدۇ، خالاس».

دوكتور قەيسەر مىجىت ماقالىدە دېيىلگەن بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىقتىساد جەھەتتىن خىتايدىن پايدىلىنىدۇ، ئەمما دۆلەت خەۋپسىزلىكى جەھەتتە ئامېرىكاغا تايىنىشنى داۋام قىلىدۇ. ئالدىنقىسى قىسقا مۇددەتلىك ھەمكارلىق، كېيىنكىسى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق ۋە بۇ ھەمكارلىق ھەممىدىن ئۈستۈن كېلىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.