يېقىندا سىنگاپور جەنۇبىي ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جېيمىس دورزېي ئامېرىكىدىكى بىر توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «شەرقىي تۈركىستانلىقلار»، خىتاينىڭ ئۇلارغا قاراتقان «مۇھاجىرلار» سىياسىتى، ئۇلارنىڭ خىتاي-سەئۇدى مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان.
ئۇنىڭ «شىنجاڭ: خىتاينىڭ ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى پانتۈركىزمنى باھانە قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى ئۆزىگە قارىتىشقا ئۇرۇنۇشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشىغا قارىتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەنقىدىنى باشقا تەرەپكە بۇراپ، ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكەن.
ماقالىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى «تۈركىستانلىقلار» دەپ قاراپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ ھەق-ھوقۇقلارغا ئېرىشىشىنى قوللاپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «خىتاينىڭ ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىشى ئۇنىڭ يەر شارى سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. ئۇنىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدىلا ئەمەس، بەلكى تەيۋەنگە قارشى ‹بىر جۇڭگو سىياسىتى› ۋە شۇنداقلا ئىقتىسادى، سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىش جەھەتلەردە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتۇر» دېيىلگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «شەرقىي تۈركىستانلىقلار» ئاساسەن 1930 ۋە 40-يىللىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھاجىرلار بولۇپ، ئۇلار 1980 ۋە 90-يىللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشى، يېڭى دىنىي ئېقىملارنى قوبۇل قىلىشى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچىلىك رول ئويناپ كەلدى. جېيمىس دورزېينىڭ ماقالىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «پادىشاھ فايسال ئىسلامى تەتقىقات مەركىزى» ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇھەممەت ئەل سۇدەيرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەخمىنەن 150 مىڭدىن 210 مىڭغىچە «شەرقىي تۈركىستانلىق» ياشايدىكەن.
مۇھەممەت ئەل سۇدەيرى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى «جۇڭگولۇق» دەپ قارىمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋەتىنى خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئايرىم مىللەت، دەپ قارايدىغانلىقى، مانا ھازىر خىتاينىڭ ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىز دۈشەنبە كۈنى مۇھەممەت ئەل سۇدەيرىگە تېلېفون قىلىپ، خىتاي-سەئۇدى مۇناسىۋىتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «شەرقىي تۈركىستانلىقلار» مەسىلىسى ھەققىدە زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.
ئۇ: «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى دېدىڭىزمۇ؟ راست گەپنى قىلسام، مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن، چۈنكى بۇ مېنىڭ ھازىرقى تۇرغان ئورنۇمنى ھېسابقا ئالغاندا بۇ ماڭا پايدىلىق ئەمەس. مەلۇم مەنىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا سۆزلەش سىياسىي جەھەتتە بەك سەزگۈر مەسىلە» دەپ كۆرسەتتى.
جېيمىزس دورزېي ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «شەرقىي تۈركىستانلىقلار» رىيادنىڭ سۈنئىي كونسېۋاتىزىمىنى خىتايغا كېڭىيىش، ئىراننىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىن، ئىيوردانىيە، سۈرىيە، لىۋان قاتارلىقلارغا 106 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقى، خىتاي-ئەرەب بىرلەشمە فوندى قۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل -ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، نېفىت، گاز، سەرمايە، دىگىتال ئىقتىساد ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لېكىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىست ۋە جامائەت ئەرباپى سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسەن غەلىبە قىلالمىدى. بۇ يەردە 20-30 مىڭ بەلكى 50-60 مىڭ ئۇيغۇر بار دەيمىز تەخمىنەن، لېكىن خىتاي بىلەن باردى-كەلدىسى بار ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەرقانچە بولسا 20-30 يىل ئىچىدە 100 دىن ئاشمايدۇ. ناھايىتى چەكلىك ئىنسانلارنى ئۆزىگە تارتالىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىگەن».
لېكىن ئۇ يەنە يېقىنقى مەزگىللەردە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى 2 ۋە 3 - ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئىزدەش، ئەسلىگە قايتىش خاھىشى باش كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سىراجىن ئەزىزى: «سەئۇدىدىكى 2 ياكى 3-ئەۋلاد ياشلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىز مۇشۇ، بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىزنىڭ يۇرتى ئۇ يەردە قالغان، خىتاي بېسىۋالغان، بىزنىڭ ئۇ يەرگە قايتىشىمىز يوق گەپ، دېگەندەك چۈشەنچىلەردە كېلىۋاتىدۇ. لېكىن يېقىنقى ئىشلاردا بۇلارغىمۇ ئوتتۇرا -شەرقتىكى ئىشلار تەسىر قىلىپ، بىر ئاز ئۆزىنىڭ ئەسلىگە قايتىش، ئەسلىنى بىلىش دېگەندەك ئىشلارغا ئىنتىلىۋاتىدۇ، بىراق ئەتراپتىكى مۇھىت سەۋەبلىك دېگەندەك بولمايۋاتىدۇ» دېدى.
بىراق مۇھەممەت ئەل سۇدەيرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە مەلۇم تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سىياسەتلىرىدە ئەكس ئەتمىگەن. ماقالىدا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر سەئۇدى ئۆلىماسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پەتىۋا بېرىپ باقمىغانلىقىنى، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىستېمىلىق باستۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا كۆز يۇمغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن، بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «شەرقىي تۈركىستانلىقلار» نىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى بەك چەكلىك ئىكەن. تۈركىيەدىكى ئىلاھىيەتشۇناس، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئاتاۋۇللا شەھيارى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كىشىلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، دەپ قارىمايمەن. سەئۇدى ئەرەبىستان دېموكراتىك بىر دۆلەت ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارغا بەك تەسىر كۆرسىتىپ كېتىشىنى ناتايىن، دەپ قارايمەن.»
لېكىن، شەھيارى ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا دىققەت قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى، ئۇلارنى ئىقتىسادىي كونترول قىلىش ئىكەن. ئۇ: «خىتايلاردا ئۇيغۇر داۋاسىغا ئىقتىساد سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كېلىدۇ، دېگەن قاراش بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇ يەردىكى ئىقتىسادنىڭ قاياققا كېتىۋاتقانلىقىنى، قانداق مېڭىۋاتقانلىقىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن چىڭ تۇتۇۋاتقان بولۇشى كېرەك. ئىككىنچىسى، ئىسلام دىنىدا بىز بىلىمىز، زاكاتىمىزنى ئايرىيمىز. زاكات دەيدىغان بىر پرىنسىپ بار. خىتاينىڭ كۆزىدە بۇلار مۇشۇ پۇلىنى باشقىلارغا ئەۋەتىدۇ، بۇ پۇلنى كىملەر خەجلەۋاتىدۇ، نەگە خەجلەۋاتىدۇ دېگەندەك پۇلنىڭ ئېقىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما، جېيمىس دورزېي ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىدە پانتۈركىزم ئامىللىرىنىڭ بارلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پانتۈركىزمنىڭ كۈچىيىشى ئۇنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جېيمىز دورزېي، پانتۈركىزمنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېفنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ يېقىندا سوۋېت دەۋرىدىكى ئاتاقلىق پانتۈركىست شائىر ماگجان جۇمابايېف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 125 يىللىقىنى خاتىرىلىگەنلىكى، چىمكەنت ئوبلاستىنىڭ ئىسمىنى تۈركىستان ئوبلاستىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىي خەلقلەردە پانتۈركىزىمنىڭ باش كۆتۈرۈشى خىتاينىڭ دىققىتىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «تۈركىي جامائەتلەر» گە قارىتىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇنىڭ 2013-يىلى ئەنۋەر ھەبىبۇللا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى جىددىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇللۇقىغا تەيىنلىشى بۇنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ماقالىدا مۇھەممەت ئەل سۇدەيرىنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، چۈنكى سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا، كوممۇنىزمغا قارشى جامائەت ئىكەنلىكى، ئۇلار سەئۇدى جەمئىيىتىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى تونۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.
0:00 / 0:00