تۈركىيە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كىرسە، ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ؟
2022.09.21
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
«بلومبېرگ» تورىدا چىققان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 16-سېنتەبىر ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كىرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە مۇخبىرلىرىغا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ھەققىدىكى پىكىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز يېپيېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويماقتا» دېگەن.
ئەردوغان يەنە ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ: «ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىدا دوستلىرىمىز بىلەن جەم بولغىنىمىزدىن خۇرسەن بولدۇق. مەزكۇر تەشكىلات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئورتاق ھەمكارلىق ئاساسىدا تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈشىمىزگە چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز» دېگەن.
ئەردۇغاننىڭ دۆلەت خەپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى چاغرى ئەرھان تىۋىتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ: «ئەنقەرەنىڭ ئىزدەۋاتقىنى غەرب دۇنياسىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ھەمكارلىق ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىش. شۇنداقلا غەرب دۇنياسىغا ئۆزلىرى بىلەن دىئالوگ قۇرىدىغان تەرەپنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشىغا ياردەمچى بولۇش» دېگەن.
تۇركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسنېتي، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىش پىلانىنىڭ ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چاغرى ئەرھان بۇ قېتىم «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچ كۆرسىتىشىنىڭ سەۋەبسىز ئەمەسلىكىنى، بۇ ھەپتە نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت نىڭ 77-قېتىملىق كېڭەش يىغىنىدا ئۇلارنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن «بىر مەيدان ئېلىشىدىغانلىقى» نى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت نىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلغان رۇسىيە بىلەن تەيۋەننى ئىشغال قىلماقچى بولغان خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەيدىكەن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھىندىستان رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئامېرىكاغا قارشى تۇرامدۇ؟ ياكى تۈركىيە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن تامامەن ئادا-جۇدا بولامدۇ؟ بۇلار ھازىر دەرھال جاۋاب بەرمەك قىيىن مەسىلىلەر ئىكەن.
ئەگەر ئەردۇغاننىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كىرىش خىيالى ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، تۈركىيە ناتوغا (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا) ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كىرگەن دۆلەت بولۇپ قالىدىكەن. ئەمما تۈركىيەنىڭ ناتو بىلەن خىتايدىن تەڭ مەنپەئەت ئېلىش خىيالى ئۇنداق ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى: «ئەردوغان ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى›غا كىرىشكە ئۇرۇنسا، ناتو تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى كېرەك. ناتو چوقۇم ئۆزىگە ئەزا دۆلەتلەرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدەك بۇنداق رىقابەتچى گۇرۇھقا ئەزا بولماسلىقنى شەرت قىلىشى كېرەك. ئەردۇغاننىڭ مۇستەبىتلىك خاھىشى بار، پۇتىن بىلەن بەك يېقىن، ئۇ يەنە ناتونىڭ ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلدى، مەسىلەن، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا كىرىشىگە قارشى تۇردى. تۈركىيە بۇنداق قىلىۋەرسە، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر تۈركىيەنى ئىتتىپاقداشلىقتىن چىقىرىۋېتىشنى ھەمدە ئەردوغانغا ۋە ئەردوغاننى قوللاۋاتقان تۈركىيە شىركەتلىرىگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشنى ئويلىشىشى كېرەك».
ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا رەسمىي ئەزا بولۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان بىر مۇنچە ئامىللار بار ئىكەن. بىرىنچىدىن، تۈركىيە ياخشى-يامان بولسۇن غەرب بىلەن يېقىن؛ ئىككىنچىدىن، تۈركىيە ناتوغا ئەزا دۆلەت، ئەگەر تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرمەكچى بولسا، ناتودىن چىقىپ كېتىش بەدىلىگە كىرىشى مۇمكىن؛ ئۈچىنچىدىن، خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مەنبەسى تۈركىيە دەپ قارايدۇ ۋە تۈركىيەگە ئانچە ئىشەنمەيدۇ.
«بلومبېرگ» تورىنىڭ بۇ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە 2013-يىلدىن باشلاپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نامزات دۆلەتلىرى قاتارىغا كىرگەن. ئەردوغان بۇ تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزا بولۇش ئارقىلىق غەربكە گەپ ئۆتكۈزۈش ۋە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاشنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ رۇيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە باش مىنسىتېرى ئولاف شولز (Olaf Scholz) ئەردۇغاننىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا كىرمەكچى بولغىنىدىن تېرىكىپ كەتكەن ۋە نيو-يوركتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ب د ت يىغىنىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ: «بۇ تەشكىلات دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان تەشكىلات ئەمەس» دېگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرامنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» دىكى مەقسىتى ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى ئەبەدىي خىتاينىڭ زېمىىنى قىلىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات ھازىرغىچە خىتاينىڭ بۇ مەقسىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ كەلدى. ئەگەر تۈركىيە ئۇنىڭغا ئەزا بولۇپ كىرسە، ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلىدىكەن. ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتى ئاتالمىش ‹ئۈچ خىل كۈچ›كە قارشى تۇرۇشنى شەرت قىلىدۇ، تۈركىيە ئۇنىڭغا ئەزا بولسا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىن» دېدى.