ئانالىزچىلار: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر رايونىنى تۇتۇپ تۇرۇش

0:00 / 0:00

2021-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى تور يىغىنىغا قاتنىشىپ، «ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى سەپەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسى تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامەلى راھمان رىياسەتچىلىك قىلغان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى قاتناشقان بۇ يىغىنغا يەنە بېلارۇسىيە، ئىران، تۈركمەنىستان قاتارلىق كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، رۇسىيە، ھىندىستان، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتلىرى ۋە ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولۇپ 21 كىشى قاتناشقان.

شى جىنپىڭ سۆزىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «بىر-بىرىگە ئىشىنىش، بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ھۆرمەتلەش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك شاڭخەي رۇھى» ئاساسىدا «دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقى» نى ماختىغاندىن كېيىن، 5 تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىرىنچى تەشەببۇسىدا ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىش يولىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان؛ بولۇپمۇ ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە «باشلامچىلىق» رول ئويناۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنگىچە باشقا دۆلەتلەرگە 2 مىليارد ۋاكسىنا تەمىنلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئىككىنچى تەشەببۇسىدا ئۇ، ئورتاق بىخەتەرلىك يولىدا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىشىپ، بىخەتەرلىكنى داۋاملىق قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹ئۈچ خىل كۈچ›كە زەربە بېرىشىمىز كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئافغانىستاندىكى ھۆكۈمەت ئالمىشىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكا رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سىكوت ھارولد شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنىڭ ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان بەش دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ شىنجاڭنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قۇرغان تەشكىلاتى بولۇپ، خىتاي ئۇ چاغدا سوۋېتنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مىللىي ۋە دىنىي ئىتتىپاقىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەقىپ-نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئېچىنارلىقى شۇكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بۇ دۆلەتلەردە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق يوق، ھۆكۈمەتلىرى ئاجىز ۋە مۇستەبىت، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلالمايدۇ، مەنچە ئۇلار پەقەت بىر چەتتە تۇرۇپ، بۇ قىرغىنچىلىققا پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراشتىن باشقا ئىش قىلالمايدۇ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سەھنىسى» قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈچىنچى تەشەببۇسىدا شى جىنپىڭ، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي بىرلىك يولىدا مېڭىشقا چاقىرىق قىلغان ھەمدە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بۇنىڭدىكى ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ كېلەر 5 يىلدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولىدىغان سودا سوممىسىنى 2. 3 تىرىليون دوللارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا تەتقىقاتى ئورنى قۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە، ئۇل ئەسلىھە، پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق 2-باسقۇچلۇق تۈرىگە مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، جۈملىدىن پاكىستان، ئافغانىستاننىمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ۋە بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى ئىچىدە بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنى ئۆز سايىسى ئاستىغا توپلاش ئارقىلىق رايون ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشمەكچى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىماقچى بولغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى تالىبانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ۋە رايون بىخەتەرلىكى ھەققىدە بولسىمۇ، ئاساسلىق نىشان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ يوقىتىشنى كۆزلىگەن خىتاي، ئۆزلىرىگە كېلىۋاتقان خەلقئارا بېسىم ۋە بۇ رايوندا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان داۋالغۇشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان بىر مۇداپىئە سېپىلى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

سىكوت ھارولد خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا، 20 مىليون ئادەمدىن ھېچكىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىدى؛ بەلكى كۆپ ساندىكى خەلق ئاز ساندىكى ئەسەبىي كۈچلەر ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىدى. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئىدىيەسىنى توختىماي تەشۋىق قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار ئەسەبىيلىكنى چوڭ خەتەر دەپ قاراپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدۇ. ئەگەر خىتاي مۇشۇنداق قىلسا، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى بۇ بىرلىكنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاي بۇ بىرلىك ئارقىلىق رەقىبلىرىنى ئاجىزلىتىپ، ئۆز ئورنىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ».

تۆتىنچى تەشەببۇسىدا شى جىنپىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆزئارا ئالاقە ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا چاقىرىق قىلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، نامراتلىقنى يۆلەش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ھەمدە ئۇلارنى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان.

بەشىنچى تەشەببۇسىدا ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى «ھەق-ئادالەت يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش» قا چاقىرىق قىلغان. خىتايلارنىڭ «كۈچ-ھوقۇق دېگەن بىردەملىك، ئادالەت دېگەن مەڭگۈلۈك» دېگەن قەدىمىي سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن، ئەمما ئۆزى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقان شى جىنپىڭ، «خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا كۈچ كۆرسىتىش ئاقمايدۇ، زومىگەرلىككە، يولسىزلىققا، تەھدىت سېلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك، ب د ت نىزامىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، كۆپ قۇتۇپلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىپ، بۈگۈنكى بۇ خەلقئارا تەرتىپنى بۇزۇپ، قارشىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشقا يول قويماسلىق كېرەك» دەپ داۋراڭ سالغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇنداق يىغىنلاردا جاھانگىرلىككە، زومىگەرلىككە قارشى شوئار توۋلىغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ شۇ يولغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزىلا بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «20 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى نەتىجىلىرى» گە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە زومىگەرلىككە، تەرەپبازلىققا، «دېموكراتىيە بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» قا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچنىڭ دۆلەت ئاتلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ئورتاق زەربە بېرىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى» گە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىردەك قوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.