ئىشىئىي: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇش

0:00 / 0:00

يېقىندا ياپونىيەلىك ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئىشىئىي ئۆزىنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەندىشىسى» ناملىق تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت خىتاينىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بىر قاتار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتور ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشى بىلەن بۇ رايوندا كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي كۈرىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلغان: ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچ كۆرسىتىش ئويۇنىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بۇ رايوندىكى مول نېفىت، گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى ئۆز-ئارا تالىشىش كۈرىشىدىن ئىبارەتتۇر. كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئويۇنلىرىنىڭ ئەندىشىسى ئىچىدە 2001-يىلى 6-ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان،قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق تۆت دۆلەت، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئىشىنىش، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردە بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشنى نىشان قىلغان ئىدى. بۇ تەشكىلاتىغا ئەزا ئالتە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئورتاق ھالدا تېررورچىلىققا،بۆلگۈنچىلىككە، رادىكال ئىسلامى كۈچلەرگە زەربە بېرىشكە ۋەدىلەشكەن ئىدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە بىرلىكتە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئۆز-ئارا ھەمكارلاشتى. بۇنىڭ بىلەن يەنى ئامېرىكانىڭ قوللىشى ئارقىسىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېخىمۇ كۈچلەندى.

ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقان خىتاينىڭ ئۆكتىچى يازغۇچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدە قىسقىچە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى يەنى شىنجاڭدىكى تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا قۇرۇلغان تەشكىلات. سەۋەبى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى بىر بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇستەقىللىق كۈرەش يوللىرىنى توسۇۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا تەشكىلاتنى قۇرغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق بايان قىلغان:
‏-خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇش پىلانى 1991-يىلى سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق كۆزىتىش ئارقىسىدا پىلانلانغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېتلار چېگراسى ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن،خىتاي دۆلىتى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئىقتىسادى ئاجىز، دۆلەت قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولمىغان يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاق دۆلەتلەر بىلەن ئۇزۇندىن بېرى سوۋېتلار بىلەن ھەل قىلىنماي كەلگەن چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىيىتىدە، دەرھال رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تۆت مىڭ ئۈچ يۈز كىلومېتىرلىق چېگراسىدىن ھالقىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسەتمەكچى بولدى. 1996-يىلى 4-ئايدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان رەھبەرلىرى شاڭخەيگە يىغىلىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش پىلانى ئۈستىدە يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاساسلىقى ئۆز-ئارا ئىشىنىش، ئۆز-ئارا تەرتىپكە سېلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلىش بەلگىلەنگەن. بۇ يىغىن شاڭخەيدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن بەش دۆلەت ئۆز-ئارا چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچلەندۈرۈش، ئۇزۇن مۇساپىلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى. 1998-يىلى 7-ئايدا ئالماتادا، 1999-يىلى8-ئايدا بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى. يۇقىرىقى ئىككى يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولسا، تېررورچىلىققا ۋە رادىكال ئىسلامى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

ئاپتور ماقالىسىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باستۇرۇش نىشانى ئاساسلىق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق ئۇچۇر بەرگەن:
‏-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىدا دېيىلىۋاتقان ۋە بەلگىلىنىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسىلا خىتاينىڭ ئوي‏-پىلانى بولۇپ،خىتاي ئۆزىدىكى شىنجاڭ مەسىلىسىنى يەنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى، شىنجاڭ تەۋەسىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە تېررورچىلىققا باغلاپ تۇرۇپ قاتتىق باستۇرۇش ئىدى. خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى شوئار قىلىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇشتا خېلى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كەينى-كەينىدىن ئېچىلغان يىغىنلىرىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كەڭ كۆلەملىك ھالدا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش شوئارى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي ئۆز تەۋەسىدىكى شىنجاڭدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى يوقىتىشتا تېخىمۇ دەھشەت ۋە كۈچلۈك بولغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ماقالىدە ئاپتور يەنە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قوللانغان تەدبىرلىرى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:
‏-ئامېرىكانىڭ مەقسىتى بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى. 2005-يىلى 7-ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ۋاقىت مۇددىتى بەلگىلىنىشى كېرەك» دېگەن قارارنى ئېلان قىلدى. چۈنكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزۇن تۇرۇشىنى خالىمايتتى.

ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە ئۆزىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى بېسىقتۇرۇش مەقسىتىدە قۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئۆزىنىڭ كۈچىنى قاچانغىچە جارى قىلدۇرالايدۇ، بۇنىسى ھازىرچە نامەلۇم. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىقتۇرماقچى بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ دەۋاسى جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالىشىپ بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تېررورچىلىقنىڭ پەرقى ۋە چېگراسىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولدى. خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى مودىدىن قالغان تېررورچىلىقتىن ئىبارەت ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆزى ئويناۋاتقان يالغان تېررور ئىپىزوتىغا «ئاياغلاشتى» دەپ پەردە ياپىدىغان ۋاقتىمۇ كېلىپ قالدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.