سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىن: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ھەل قىلىنمايۋاتقان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.11.27

ھازىر خەلقئارادا شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە، يېقىن شەرق مەملىكەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بىلەن بىر قاتاردا مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ئەھۋالنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

مەركىزىي ئاسىيا بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلىپ قويغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدۇر. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭغا ئەزا مەملىكەتلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ساھەلەردە بولسۇن، ھەر قايسىسى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىمەكتە.

تەشكىلات ئەزالىرى ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشلاردا مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز ئالدىغا ئالغان ۋەزىپىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتامدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر ھەل قىلىنمايۋاتقان قانداق مەسىلىلەر بار، دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار سىياسەتشۇناسلارنى، ئانالىزچىلارنى ئويغا سالماقتا.

بىز بۇ ھەقتە سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.