ياپون مەتبۇئاتلىرىنىڭ شەنشىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىگە قارىتا ئىنكاسلىرى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدە چىقىدىغان ئاساھى شىمبۇن گېزىتىنىڭ 7-نويابىرىدىكى «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىزمەت بىناسى ئالدىدا ئۈزلۈكسىز پارتلاش يۈز بەردى، بۇ تېررورلۇق بولۇشى مۇمكىن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەندە شەنشىنىڭ تەييۇەن شەھىرىدىكى پارتكوم خىزمەت بىناسىنىڭ ئالىدا پارتلاش يۈز بېرىپ بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، سەككىز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، خەۋەردە پارتلاشنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسىنى بەلكىم تېررورلۇق بولۇشى مۇمكىن دەپ تەھلىل قىلغان.

خەۋەردە «10-ئاينىڭ 28-كۈنى تيەنئەنمېندە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شەنشىدە بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ بەلكىم شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

خەۋەردە ساقچى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەنى «ئالدىن پىلانلانغان ھەرىكەت» دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، نەق مەيداندىن تېرىۋېلىنغان پارتلاتقۇچقا ئائىت ئۇششاق پولات-تۆمۈر پارچىلىرى ۋە شارەكچىلەرگە قاراپ پارتلاتقۇچنى «قولدا ياسىغان» دەپ ئىسپاتلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە خوڭكوڭ سودا گېزىتىدىن نەقىل ئېلىنغان «بىرىنچى قېتىملىق پارتلاش پارتكوم بىناسىنىڭ پىكىر -خەت ساندۇقى ئالدىدا يۈز بەرگەن» دېگەن ئۇچۇرىمۇ بېرىلگەن.

خەۋەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېينىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدا ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ۋەقەنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ تىلغا ئالمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

جاپان تايمېس گېزىتىنىڭ تو بېكىتىدىكى خەۋىرىدە، شەنشىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ۋە ئۇچۇرلارنىڭ پەقەتلا يوقلۇقىنى، ئەمما تيەنئەنمېندە ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ھۆكۈمەت دەرھال شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، بۇ ۋەقەنى «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ تىز ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتىنىڭ «شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈش»، «سائەتلىك بومبا يەر ئاستىدىن پارتلىدى» ماۋزۇلۇق خەۋەرلىرىدە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۇەن شەھىرىدىكى پارتكوم خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ئۈزلۈكسىز پارتلاش ۋەقەسىنى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى دەپ بايان قىلغان.

خەۋەردە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 9-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان جۇڭگو كومپارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە جەمئىيەت مۇقىم دەپ ئېلان قىلارمۇ؟ پارتلاش ۋەقەسى تەييۇەندىكى ماۋ زېدۇڭنى قارشى ئېلىش كوچىسىدا يۈز بەردى. بۇ بەلكىم خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ سىمۋولى بولغان كومپارتىيىگە بولغان نارازىلىقتۇر» دېيىلگەن.

يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتىنىڭ ئىككىنچى بېتىدىكى «بەلكىم بۇ تېررورلۇقمىكىن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە بولسا، نەق مەيداندا كۆزى يارىلانغان يارىلانغۇچىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ يەتتە قېتىم پارتلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ قەيت قىلىنغان.

نىپپون كېزاي گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بولسا، ھۆكۈمەت ۋەقە توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سەككىز قېتىم پارتلىغان قاتتىق ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسىنى بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكىنىڭ بوستوندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى بىلەن ئوخشاش دەپ بايان قىلغان.

خەۋەردە 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن تاكى 6-نويابىرغىچە خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن جەمئىي 20 نەچچە ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نىشى نىپپون گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا ئۈچ كۈن قالغاندا پارتلاش يۈز بەردى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 20-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇش توختىمىدى. بەلكىم بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر باشقا يەرلەردىمۇ ئوخشاش يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

خەۋەردە «تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن بۇ ۋەقەنىڭ مۇناسىۋىتى يوق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ھەر ئىككىلا ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى تۇرۇش، 9-نويابىردىن12-نويابىرغىچە ئېچىلىدىغان ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۇچقۇنى» دېيىلگەن.

خەۋەردە «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا ۋەقە يۈز بېرىپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي مۇخبىرلارغا توختىماستىن «قاتناش راۋانلاشتى، ھەممە ئىشلار نورمال» دەپ تەشۋىق ئېلىپ باردى» دېيىلگەن.

خەۋەردە «خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەر 2000-يىلى مەملىكەت مىقياسىدا تۆت مىڭ قېتىم يۈز بەرگەن بولسا، 2011-يىلى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەسى ئىككى يۈز مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق يۈز بەرگەن. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى 2005-يىلىدىن باشلاپ ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى» دېيىلگەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلاردىن يۈكى خانىم بۇ قېتىمقى شەنشىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-10-ئاينىڭ 28-كۈنى تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار قىلغان تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ھۆكۈم قىلدى. بۇ قېتىم شەنشىدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە نېمە دەپ ھۆكۈم قىلار؟ بۇ تېررورلۇق ئەمەسمىدۇر؟

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.