ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 27-ئىيۇن سانىدىكى باش ماقالىسىدە «خىتاي ئامېرىكىنىڭ تېررورغا تۇتۇۋاتقان يۇمشاق سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالە ئاپتورى «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ پاكىستاننىڭ مەركىزى ئىسلامابادتا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى تاكې ئىشىكى بولۇپ، ئۇ، ماقالىسىدە خىتاي ھەمىشە شىكايەت قىلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى ھەرىكىتى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ تەشكىلات ھەققىدە تارقىتىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالغان.
مۇخبىر تاكې ئىشىكى ماقالىسىدە، قەبىلىلەر رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن، ھازىر پاكىستاندا كەڭ تارالغان سىنئالغۇ لېنتىسى ھەققىدە توختىلىپ، سىن ئالغۇ لېنتىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا قورال ئېتىشنى مەشىق قىلىۋاتقان ئون نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بالىلارنىڭ قومانداننىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاينىڭ سابىق رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ باش سۈرىتى چاپلانغان نىشان تاختىسىنى قارىغا ئېلىپ ئوق ئېتىۋاتقان كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلىگەن.
ئۇ، مەزكۇر سىنئالغۇ لېنتىسىنىڭ بەزى بۆلەكلىرىنىڭ ئىنتېرنېت تورىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا قورال ئېتىشنى مەشىق قىلىۋاتقان ھۇجۇمچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى شىكايەت قىلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلار دائىم خىتاي ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى «جىھاد» قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالىدە 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تاڭ سەھەردە پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن توپلانغان قوراللىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركىزى دەپ قارىلىۋاتقان قەبىلىلەر رايونى يەنى جەنۇبىي ۋەزىرىستاننى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ، ئۈچ يۈزدىن ئوشۇق ھۇجۇمچىنى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسى ھۇجۇم ئېلىپ بارغان ئافغانىستانغا يېقىن بولغان قەبىلىلەر رايونىدا تۆت يۈزمىڭدىن ئوشۇق چەتئەللىك مۇساپىر بار بولۇپ، بۇ قېتىمقى بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتى بەش يىل ئاۋۋالقى ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ رايوندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمدىن كېيىنكى تۇنجى ھۇجۇم ھېسابلىنىدىكەن.
تاكې ئىشىكى يەنە، ئىلگىرى ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە پاكىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ماقالىسىدە ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ماقالىدە:«بۇ يىل 6-ئاينىڭ بېشىدا پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى گېنېرال راھېئېل شارىف بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گېنېرال فان چاڭلۇڭ ئۇنىڭدىن قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان» دېيىلگەن.
ئاپتورنىڭ ماقالىسىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ھەققىدە توختىلىپ:«بەزى بىر ئۇچۇرلاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى رادىكال مۇستەقىلچىلەر گۇرۇھى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى 2007-يىلىدىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىسى تېخى نامەلۇم. بۇ تەشكىلات نېمە سەۋەبتىن پاكىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىغا كېلىپ قالغان شۇنداقلا ئۇلار بۇ يەردە تۇرۇپ قانداقچە خىتاي ئىچىدىكى ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ؟ بۇنىسى گۇمانلىق» دېيىلگەن.
خىتاي تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ئاتاۋاتقان خىتاي ئۆلكىلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بەزى بىر ۋەقەلەرنىڭ تولىمۇ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
تاكې ئىشىكى ماقالىسىدە:« خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورلۇققا باھانە قىلىپ تۇرۇپ باستۇرۇشى، ئامېرىكىنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتىنى باستۇرۇشىدىن كېيىن رەسمىي باشلاندى» دېگەن.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.