بۈگۈنگىچە شىۋېتسىيە ئارخىپ ئىدارىسى گۇستاف راكېت كوللېكسىيونىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر- دەريالىرى» ناملىق بىر پارچە قوليازما كىتابى ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ كىتاب 1907-يىلى گۇستاف راكېت تەرىپىدىن يەكەن(ياركەند )دە شىۋېت تىلىدا يېزىلغان ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تېخنىكا بىلەن كوپىيە شەكلىدە كۆپەيتىلىپ تارقىتىلغان.
شىۋېتسىيەلىك تۈركولوگ، تىلشۇناس گۇستاف راكېت) Gustaf Raquette .1871-1945) ئىلگىرى تىلشۇناسلىق ۋە مېدىتسىنا ئىلمى كەسىپلىرىدە ئوقۇغان. 1896 - 1913 -يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلارغا بىرقانچە قېتىم سەپەر قىلغان بولۇپ، ئۇ جايلاردا مىسسىئونېر ۋە دوختۇر سۈپىتىدە بىر مەزگىل تۇرغان. بۇ خىل پائالىيەتلەردىن باشقا يەنە مىسىسىئونېرلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن. گۇستاف راكېت مەيلى خرىستىئان دىنى مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى بولسۇن ياكى نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدا بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە ئېتنولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان شەخس. ئۇنىڭ پايدىلىنىش ۋە تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى بولغان ئەسەرلىرىدىن «قەشقەر ۋە ياركەند رايونىدىكى ئۇيغۇر شېۋىلىرى ھەققىدە»، «ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار ھەققىدە»، «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» قاتارلىق كىتابلىرى بار.
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر- دەريالىرى» ناملىق كىتابچىنىڭ ئىچ مۇقاۋا بېتىدە بېرىلگەن ئىزاھاتقا قارىغاندا، بۇ كىتابچە ئەينى ۋاقىتتا فىرانسۇز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 1909-يىلى بېلگىيە جۇغراپىيە ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغانىكەن. مەزكۇر ئىزاھاتقا ئاساسەن، بىز يەنە بۇ كىتابچىنى مىسسىئونېرلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن يېزىلغانلىقىدىن ئىبارەت مەلۇماتقىمۇ ئىگە بولالايمىز.
كىتابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر كىتاب بىزنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم دەريالىرى، شەھەرلىرى، نوپۇسى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسى ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. گۇستاف راكېت خاتىرىلىگەن بەزى دەريا-كۆللەر ھازىر قۇرۇپ كەتكەن ياكى بەزى جايلار يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ كىتاب شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى ۋە ئاھالىسى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر- دەريالىرى» ناملىق قوليازما كىتابىنىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى شۇكى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا تالاش-تارتىش قوزغىغان تېمىلارغا ئائىت مەزمۇنلارغا نىسبەتەن باشقا بىر نۇقتىدىن باھا بېرىلگەن. مەسىلەن، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى مەھمۇد قەشقەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» قامۇسى ۋە باشقا يەر-جاي ناملىرىغا ئائىت قەدىمىي خەرىتە ۋە خاتىرىلەرگە ئاساسەن، ھازىرقى «زەرەپشان دەرياسى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان دەريانىڭ ئەسلى «ياركەند دەرياسى» دەپ ئاتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ماقالىلەر ئېلان قىلغان ۋە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. «شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر- دەريالىرى» ناملىق كىتابتا بولسا، ئاپتور گۇستاف راكېت ئۆزى تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئاساسىدا توپلىغان بىلىمى ۋە ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، ياركەند دەرياسى بىلەن زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى دەريا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گۇستاف راكېت ئىككى دەريا ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ياركەند دەرياسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ دەريالاردىن بىرى بولۇپ، بۇ دەريا پامىر ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرى ئېتىكىدىكى ئۇششاق دەريا ئېقىنلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن. «زەرەپشان» ئىسمى پارس تىلىدا «ئالتۇن چاچقۇچى» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ دەريا سېرىققول دەريا ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى دەريالارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تاشقورغان تەرەپكە قاراپ ئېقىپ، ئاخىرى يەركەند دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ».
مەزكۇر كىتابتا قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، كورلا، تۇرپان، ئۈرۈمچى ۋە ئىلى رايونى ئەتراپىدىكى ھەر بىر ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى، يەرلىك داڭلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مەسىلىسىمۇ نۆۋەتتە ئوخشىمىغان مەنبەلەردە ئوخشىمىغان سان-سىپىر بىلەن ئىپادىلىنىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ 1953-يىلدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدىكى يازما مەنبە ماتېرىياللىرى كۆپ ئۇچرىمايدۇ.
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر- دەريالىرى» ناملىق كىتاب بىزنى يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ. كىتابتا بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: «شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلار شىنجاڭ (يېڭى زېمىن) دەپ ئاتايدۇ ۋە بۇ زېمىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. بىر پۈتۈن ئۆلكە چوڭ، كىچىك ھەربىي رايونلىرى ۋە پۇقرالار رايونلىرىغا بۆلۈنۈپ ئىدارە قىلىنىدۇ. ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىچىدە دوتەينىڭ، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت رەئىسىنىڭ ھوقۇقى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. ھەر بىر رايوندا بىردىن خىتاي ئەمەلدار بولۇپ، ئۇ بىرقانچە تارماق رايونلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا يەنە كىچىك دائىرىدىكى خىزمەت ۋە رايونلارغا مەسئۇل بولغان بەگلەر بولۇپ، بەگلەر ئادەتتە يەرلىك مۇسۇلمان خەلقتىن (ئۇيغۇرلاردىن) تەيىنلىنىدۇ. بۇ بەگلەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش بىلەن بىرلىكتە خىتايچىنىمۇ قوللىنىدۇ. ھەتتا بىر قىسىملىرى خىتايچە ئۆرپ-ئادەتلەرنىمۇ قوبۇل قىلغان، ئۇلارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن پەرقى پەقەتلا ئۇلاردەك ئۇزۇن چاچ قويمىغانىدى.
ھەر بىر رايونغا مەسئۇل مۇسۇلمان بەگلەرنى بىردىن خىتاي ئەمەلدارى باشقۇرىدۇ. ھەر بىر يۇرت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىرقانچە مەھەللىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مەھەللىلەردە تۈتۈن سانىغا قاراپ يۈز باشى، ئون باشى قاتارلىق كىچىك ئەمەلدارلار ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. ھەر بىر شەھەردە بىر ياكى بىرقانچە خىتاي ئەمەلدارلاردىن تەيىنلەنگەن پاششاپ بېگى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئامانلىقىنى قوغداش بولۇپ، شەھەر دەرۋازىسىنى ئادەتتە ئەسكىرىي قىسىملار قوغدايدۇ. شەھەرلەردە يەنە ئۇيغۇرلاردىن تەيىنلەنگەن باج ۋە ھەق يىغىش ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار بولۇپ، ئادەتتە بىر خىتاي سېكرېتارى ياكى كاسسېر بولىدۇ».
يۈز يىل بۇرۇنقى مانجۇ ئىمېرىيىەسىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى كۆزنىكىدىن مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىش تارىخىنىڭ دەسلەپكى تاكتىكىلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئېرىشكەندەك بولىمىز.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىغا ئوخشاش«تارماقلارغا بۆلۈپ باشقۇرۇش» ۋە باج تۆلەش سىستېمىسى خىتاي سۇلالىرىنىڭ تارىختىن بېرى تاشقى دۇنياغا قارىتىلغان مۇستەملىكىچىلىك غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوللىنىپ كەلگەن بىر ۋاسىتە ئىدى. خىتاي ئەمەلدارلىرى يەرلىك خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بۇ خىل تۈزۈم تۈرلۈك شەكىللەردە ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، كۆپرەك شىمال تەرەپتە «جاساغ»، ئالتەشەھەر رايونىدا «بەگ» لىك سىستېمىسى دەپ ئاتالغان. بۇ خىل مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، قارىماققا دۆلەت ھوقۇقى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىدادەك، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىرى ھۆكۈمرانلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ خىل تۈزۈمنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك ۋاسىتىسى قىلىپ قوللانغان. تارىخچى ئابلەخەت خوجايېفنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا قارىغاندا، بۇ خىل تۈزۈلمە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىك ۋە جەمئىيەت ئاھالىسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئايرىلغان بولۇپ، خىتاي بولمىغان پۇقرالارنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا بوي سۇنۇشىنى ۋە مۇستەملىكە سىياسىتىنى تېخىمۇ چىڭىتىشنى مەقسەت قىلىپ لايىھىلەنگەن ئىكەن. خەلق تارتىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇم، ئالۋان-ياساق ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيەلەر ئاشۇ شۇ بەگلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئىجرا قىلىناتتى. كېيىنچە زوزۇڭتاڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن تەڭ بۇ خىل بەگلىك تۈزۈمىمۇ بىكار قىلىنىپ، ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىشلارغا پەقەتلا خىتاي ۋە مانجۇرلاردىن ئەمەلدار تەيىنلىنىدىغان تۈزۈلمە بارلىققا كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلىكلىرى ھەممىسى بىكار قىلىنغان.
تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش، بۇ رايوننىڭ تارىختىن بۇيانقى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە زىچ باغلانغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى كۆزەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى بايان قىلىنغان پايدىلىق ماتېرىياللارغىمۇ مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. گۇستاف راكېتىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر- دەريالىرى» ناملىق كىتابى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.