شەرقشۇناس مارتىن ھارتماننىڭ 1902-1903-يىللىرىدىكى قەشقەر سەپىرى
2024.01.02

19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تۈرك دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كۈلپەتلەرنىڭ بىلىنىشىگە قوشۇلۇپ، تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە دۇنياغا بىلىنمەي كەلگەن مەدەنىيەت ۋە تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن مەزمۇنلار يورۇقلۇققا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ بۇ زېمىنغا تېخىمۇ كۆپ قىزىقىش ۋە ھۆرمىتى قوزغالدى. شۇ قاتاردا ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان مەزمۇنى ۋە تەۋەلىكى بىلىنمەي كەلگەن، شۇنىڭدەك ئەڭ دەسلەپ ئورخۇن-يېنىسەي ۋادىسىدىن بايقىلىپ، كېيىنچە «تۈرك-رۇنىك يېزىقى» دەپ ئاتالغان مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى 1893-يىلى دانىيەلىك تۈركشۇناس ۋىلھېلم تومسون (Wilhelm Thomson) تەرىپىدىن ئوقۇپ يېشىلدى. بۇنىڭ بىلەن تۈرك مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنىڭ ئۆز يېزىقى ۋە ئۆز تىلىدا يېزىلغان سىرلىرى ئېچىلدى. بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر ئالەمشۇمۇل خۇشخەۋەر بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان ھەر خىل يېزىق ۋە تىللاردىكى، شۇنداقلا ھەر خىل ئىلىم ساھەسىگە تەۋە ئەسەرلەرنىڭ ئارقىمۇ ئارقىدىن تېپىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىپ ئېلان قىلىنىشى بولدى. بۇ قىزىقىش ۋە يېڭىلىقلارنىڭ ئىلھامى بىلەن دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقات ۋە قىدىرىپ تەكشۈرۈش پىلانلىرىنى تۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شۇ يىلى ئەنگلىيەلىك ئائۇرېل ستەيىن (Aurel Stein) تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىدىكى قەدىمىي يۇرتلاردا، فىرانسىيەلىك پائۇل پېلليو (Paul Pelliot) مارالبېشىدا، رۇسىيەلىك ئالېكسىي فېچېنكو (Alexei Fedchenko) پامىر ئېگىزلىكىدە زوق شوق بىلەن ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەنىدى.
دەل مۇشۇ مەزگىللەردە سىبىرىيە ۋادىسىدا تۇڭگۇس ۋە موڭغۇللار ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گېرمانىيەلىك شەرقشۇناسلاردىن ئالبېرت گرۈنۋېدېل (Albert Grünwedel) ۋە روبېرت ھۇت (Robert Huth) پېشقەدەملەرنىڭ تەۋسىيەلىرى بىلەن بۇ ساھەدىن ۋاقتىنچە قول ئۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشقا ئالدىرىغان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ كېرەكلىك مەبلەغ ئۈچۈن قىلغان ئىلتىماسلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى تۈپەيلىدىن بىر يىل كېچىكىپ، 1902-يىلى 8-ئاينىڭ 11- كۈنى ئاندىن رۇسىيە ئارقىلىق تۇرپانغا قاراپ يولغا چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان. ئەمما بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر گېرمانىيەلىك تونۇلغان تەتقىقاتچى ئاللىقاچان قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ تەتقىقات ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەنىدى. ئۇ بولسىمۇ مارتىن ھارتمان (Martin Hartmann) بولۇپ، ئۇ ئۆز زامانىسىدە ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان شەرقشۇناس ۋە ئىسلام ئىلاھىيەتشۇناسلىرىدىن بىرى ئىدى.
گېرمان مىللىتىدىن بولغان مارتىن ھارتمان 1851-يىلى پولشانىڭ برېسلاۋ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپ ئۆز يۇرتىدا ئىلاھىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇغان مارتىن ھارتمان، كېيىنچە گېرمانىيەنىڭ لايپتسىگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرق تىللىرىنى ئۆگەنگەن. 1875-يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشىدىن كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەدىرنە ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدە گېرمان ئىمپېرىيەسى دىپلوماتلىرىنىڭ تۈرك، ئەرەب ۋە پارس تىللىرى تەرجىمانى بولۇپ ئىشلىگەن. 1876-يىلىدىن باشلاپ بېيرۇتتىكى گېرمان كونسۇلخانىسىدا خىزمەتچى خادىم بولۇپ 10 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان. 1886-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى بۆلۈمى ئېچىلغاندىن باشلاپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ بۆلۈمدە پىروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن.
مارتىن ھارتماننىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشىدىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. ئۇ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلغا بېرىپ-كېلىش جەريانىدا شۇ ۋاقىتلاردا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقان ۋە ئۇيغۇر تىلىنى، يەنى شۇ ۋاقىتتىكى «تۈركى تىلى» نى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان ئاقسۇلۇق ئارىف ئىسىملىك ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ياردىمى بىلەن «چاغاتاي تىلى: مۇھەممەد سادىقنىڭ ‹ئۇسسى لىسانى تۈركى› كىتابىنىڭ گىرامماتىكىسى» ناملىق ئەسەرنى تەييارلاپ، 1902-يىلى گېرمانىيەدە نەشر قىلغان. بۇ كىتاب ياۋروپادا 1867-يىلى ۋىنگېرىيەلىك ھېرمان ۋامبېرىي (Hermann Vambery) يازغان «چاغاتاي (تىلى) قوللانمىسى» ۋە ئەنگلىيەلىك روبېرت شاۋ (Robert Shaw) نىڭ «شەرقىي تۈرك تىلى قوللانمىسى»دىن كېيىن يېزىلغان ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى يەنە بىر مۇھىم قوللانما ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئەسەردىن پەرقى بولسا، روبېرت شاۋ پەقەت قەشقەر ۋە يەركەندە ئۆز دەۋرىدە قوللىنىلغان تۈركىي تىل ھەققىدە يازغان؛ ھېرمان ۋامبېرىي بولسا ئۆزى ئېرىشكەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن يازما ئەسەرلەرنىڭ تىلىنى تەھلىل قىلغان. مارتىن ھارتماننىڭ بۇ ئەسىرى 1895-يىلى مۇھەممەد سادىق تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە يەنىلا يازما ئەدەبىياتنى ئاساس قىلغان كىتابنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر خىل شېۋىلىرى ۋە دىيالېكتلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. كىتابنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى، شۇ ۋاقىتقىچە بەزى غەرب تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن ئايرىم بىر تىل سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كېلىۋاتقان ئىلى «تارانچى» شېۋىسىگىمۇ ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلغان شېۋىلەر ئارىسىدا يەر بېرىپ، بۇ شېۋىنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلى تەركىبىدىكى بىر شېۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن. كىتابنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەلىشىر ناۋايى غەزەللىرىدىن ئۆرنەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى بېرىلىپ، ئېغىز تىلى بىلەن يېزىق تىلى ئارىسىدىكى پەرقلەر ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا ئىمكانىيەت بېرىلگەن.
مارتىن ھارتمان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئۇنىڭ 1902-1903-يىللىرى قەشقەر ۋە يەركەن ئەتراپىدىن، 1904-يىلى ئۆزبېكىستاندىن توپلىغان چاغاتايچە قوليازما ئەسەرلىرىدىن تەركىب تاپقان «ھارتمان توپلىمى» بىلەنمۇ تونۇلغان. 1905-يىلى مارتىن ھارتمان بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا سېتىپ بەرگەن ۋە ھازىرغىچە مۇشۇ كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان توپلامدا 131 پارچە چاغاتايچە قوليازما، يەنە ئاز ساندا پارسچە، ئەرەبچە ۋە خىتايچە قوليازما بار. مارتىن ھارتمان ئۆز توپلىمىغا تەۋە ئەسەرلەرنىڭ سىستېمىلىق كاتالوگىنى تۈزۈپ، ھەر بىر قوليازمىنىڭ بەت سانى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە قىسقىچە مەزمۇنى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىپ، بۇ قوليازمىلارنى تېپىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن. بۇ توپلامدا ئەلىشىر ناۋايىنىڭ «مەھبۇب ئۇل-قۇلۇب»، «ساقىنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرى، «ساتۇق بۇغراخان تەزكىرىسى» نىڭ بىر نەچچە نۇسخىسى، مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىي يازغان «تەزكىرەئىي ئەزىزان» قاتارلىق ئەسەرلەر، «سودىگەرچىلىك رىسالەسى» ۋە «دېھقانچىلىق رىسالەسى» قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇندىكى ئەسەرلەر بار. ياۋروپادىكى «گۇننار ياررىڭ توپلىمى»دىن قالسا سان جەھەتتىن 2- ئورۇندىكى چاغاتايچە ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ توپلامدىكى ئەسەرلەر ئۆزىدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوخشاش بىر يېرىدىن ياۋروپاغا كەلگەن توپلامدىكى ئەسەرلەر بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ.
مارتىن ھارتمان تاماملىغان سەمەرىلىك ئەمگەكلەر قاتارىدا تۈرك دۇنياسىنى ھازىرغىچە ھەيران قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان يېڭىلىقلاردىن بىرى، ئۇنىڭ 1912-يىلى ئېلان قىلىنغان «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› غا مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە مۇلاھىزە» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىدە مەشھۇر ئالىمىمىز مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنى نەقىل ئالغانلىقىدۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە بۇ مەشھۇر قامۇسنى ئالى ئەمىرى ئەپەندى 1913-يىلى تۇنجى بولۇپ ئىستانبۇلدىكى كىتابپۇرۇشلار كوچىسىدىن بايقاشتىن بىر يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.
مارتىن ھارتمان قەشقەر ئەتراپىدىكى شەھەر ۋە يېزا -قىشلاقلاردا ئىلمىي تەكشۈرۈش جەريانىدا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى 1908-يىلى نەشر قىلىنغان «خىتاي تۈركىستانى» ناملىق كىتابىدا خۇلاسىلەيدۇ. مارتىن ھارتمان بۇ كىتابىدا ئۆزى شەخسەن زىيارەت قىلغان يەرلەرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلىكلەر، بۇ يەرلەردىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمەتلىرى، ئىقتىسادى ئەھۋالى، ئۇ يەرلەردىكى خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، بولۇپمۇ دىنى ئېتىقادى ۋە يەرلىك مائارىپى ھەققىدە ئىخچام، ئەمما ناھايىتى مۇھىم مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئۇ قەشقەر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە توختالغاندا، 1905-يىلى «ئىسلام شەرقشۇناسلىقى» ژۇرنىلىنىڭ 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئىسلامنىڭ بىر مۇقەددەس شەھىرى» ناملىق ئۇزۇن ماقالىسىنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ، خوجىلار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە «قەشقەرىيە دۆلىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە يازغانىدى. بۇ كىتابىدا قەشقەرنىڭ 1900-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دىنىي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئەسەردە يەنە قەشقەردىكى مەدرىسلەرنىڭ سانى، ئوقۇتۇش ئەھۋالى، بۇ مەدرىسەلەردە تەلىم بېرىۋاتقان مۇدەررىسلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىلىم سەۋىيەسى قاتارلىق تولىمۇ قىممەتلىك كۆزىتىش نەتىجىلىرىگىمۇ ئورۇن بەرگەن.
ئۇ قەشقەردىن باشقا يەنە يەركەن، يېڭىسار ۋە باشقا يەرلەرگە بېرىپ ئۇ يەرلەردىكى داڭلىق مازارلارنى شەخسەن تەكشۈرگەن؛ بۇ مازارلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىرگە ئۇ يەنە قەشقەردە باشلىغان داستان ۋە داستانچىلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بارغانلا يېرىدە شۇ ۋاقىتتا «غەزەلچى» دەپ ئاتالغان داستانچىلارنى ئىزدىگەن ۋە ئۇلار ئېيتقان داستانلارنى خاتىرىلىگەن. كېيىن گېرمانىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خاتىرىلىرىگە ئاساسەن خوتەن ۋە يەركەن خەلقلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «ئابدۇراھمان خان غوجام» ۋە «مەشرەپ» داستانلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ۋە گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، تونۇلغان ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان.
مارتىن ھارتمان قەشقەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپ دىققىتىنى تارتقان ئىش، قەشقەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت بولغان. گەرچە بۇ ۋاقىتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدە بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي مىللەتچىلىرى بىلەن جانبازلىرىنىڭ چەتئەللىكلەرگە قارشى قوزغىلاڭلىرى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلغان، شۇنداقلا 1870-يىللارنىڭ ئاخىرىدا زۇ زۇڭتاڭ بىلەن باشلانغان زوراۋانلىق ۋە قىرغىنچىلىقلار خېلىلا پەسىيىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدا پامىر ئېگىزلىكىنى مەركەز قىلىپ داۋاملىشىۋاتقان جەڭگى-جىدەل تېخىچە داۋاملىشىۋاتاتتى. مارتىن ھارتمان دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ ئىككى كۈچنىڭ قەشقەردىكى تەسىرى ھەققىدە بۇ كىتابىدا ئېنىق يازمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىر يىل جەريانىدا بېرلىندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللىغان خەتلىرىدە خېلىلا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. خەتلەرنىڭ بىرىدە 1892-يىلى سارىقول رايونىدا ۋابا كېسىلى تارقىلىپ ناھايىتى كۆپ ئادەم ئۆلگەنلىكى، رۇسىيەنىڭ بۇ يەرگە ياردەم بېرىش باھانىسى بىلەن قەشقەرگە 130 نەپەر كازاك (Cossack) ئەسكىرى يوللىغانلىقى بايان قىلىنغان.
مارتىن ھارتماننىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادى ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يازغان كىتابلىرىدىن باشقا، ياۋروپا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا قوشقان يەنە بىر تۆھپىسى ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ بىر ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئالبېرت فون لېكوك (Albert von Le Coq) بولۇپ، ئۇ گېرمانىيەنىڭ 1902-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا تۆت قېتىم ئېلىپ بېرىلغان «تۇرپان-ئېكسپېدىتسىيەسى» گە 2-قېتىملىقتىن باشلاپ قاتناشقان، ھەتتا 2- ۋە 4-قېتىملىق سەپەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1918-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن مارتىن ھارتمان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنى قوللىغان. ئۇ مەخسۇس تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسىنى قوللاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان «تۇرپان كومىتېتى» نىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىققان مىللىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئەمەس، بەلكى بۇ ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا ئۆزئارا سۆزلىشىشمۇ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقتەك رېئاللىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، مارتىن ھارتمانغا ئوخشاش پىداكار ۋە ئىلىم سۆيەر ئالىملارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قىلغان شەرەپلىك خىزمەتلىرىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ھۆرمىتىمىز ئۇرغۇيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات تېمىلىرىغا مەنبە بولۇۋاتقان، نەچچە ئونلىغان كەسپىي تەتقىقاتچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان بۇ ئەسەرلەردىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر، تىرىشچان ۋە ۋاپادار خىسلەتلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايمىز.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.