شەيخ ئابدۇلەزىز: ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ئەخلاقىي بۇرچىمىزدۇر

0:00 / 0:00

يېقىندا لوندوندىكى دۇرخام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئوتتۇرا شەرق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور ناسېرنىڭ «جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى، 1990-2012» دېگەن زور ھەجىملىك تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنغان.

كىتابتا دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىۋاتقان خىتاي بىلەن دۇنيادا ئەڭ كۆپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئوتتۇرا شەرقتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان.

كىتابتا 1990-يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر چېقىش قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان.

كىتابتىكى «جۇڭگونىڭ قارىشى» دېگەن بەشىنچى بابىدا ئاپتور ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلات ئال قائىدىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋەزىيىتىدىن خىتاي دۆلىتى ئۇستىلىق بىلەن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆزىنى تېررورىزمنىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىتابتا ئاپتور سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام ھەرىكىتى دولقۇنىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ بارغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن 90-يىللاردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورىزمدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالغان.

ئاپتور ئەسىرىدە خىتاي دۆلىتى مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام كۈچلىرىنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرىدىن كۆپرەك ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى ئالغا سۈرگەن..

كىتابتا ئاپتور: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە ئۆزىدە 20 مىليون مۇسۇلمان، 35 مىڭ مەسچىت ۋە 40 مىڭ ئىمامنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ ئەمما خىتايدىكى بەزى بىر قىسىم تور بېكەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى يۈز مىليوندىن ئوشۇق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن» دېگەن.

ئاپتور ئەسىرىدە «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئوخشىمىغان ئۆلكىلەردە ياشايدۇ. خىتايدا خىتاي مىللىتى ئاساسىي مىللەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا 56 مىللەت بار. 56 مىللەت ئىچىدىكى تۇڭگان، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تۈركىي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بار. تۇڭگانلار بولسا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك ئاسسىمىلياتسىيىسىگە ئۇچرىغان» دەپ يازغان.

ئاپتور ئەسىرىدە تۇڭگانلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقىچە سىياسەت بەلگىلەپ ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قۇلايلىق سىياسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تۇڭگانلارنىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن سودا تىجارەت قىلىشىغا كەڭ يول ئېچىلىپ نىڭشا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنى «خىتاي-ئەرەب ئىقتىسادىنىڭ باغلىنىشنىڭ تۈگىنى» قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئوتتۇرا شەرق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور ناسېر كىتابىدا ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
-شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ داۋاملىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شىنجاڭ دېگەن نام «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىدە بولۇپ، خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە بىر قەدەر چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمان خەلق، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەر بىلەن يېقىن مەدەنىيەتكە ئىگە. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتە تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىقتىسادنى كۆزلەپ داۋاملىق كۆچۈپ كېلىشىگە نارازى.

ئاپتور ئەسىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
-خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاۋازى يېقىندىن بېرى بارغانسېرى كۈچىيىپ دۇنياغا ئاڭلانماقتا. گەرچە بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ئۇلار موڭغۇلىيە،رۇسىيە،قازاقىستان،قىرغىزىستان،تاجىكىستان،ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرالىنىشىدىن ئىبارەت جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىدىن ئىسلامى ھەرىكەتلەر ۋە بەزى سىياسىي ئېقىملار بۇ رايونغا ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق كېڭىيىپ سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. ئەگەر بۇنىڭ بىلەن دىنىي كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىرلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان بولسا بۇ رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش كۈچى بىلەن مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن دىنىي كۈچلەرنىڭ بىرلەشمىسىدىن شەكىللەنگەن كۈچ ئۆز-ئارا رىقابەتكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئىسلام دىنىي بىلەن خىتاينىڭ سىياسىتىنى بەلگىلىشى ئۆز-ئارا ماسلىشىشى كېرەك.

مۇتەخەسسىس ناسېر ئەسىرىدە 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلىدە يۈز بەرگەن ئىلى ياشلىرى تەرىپىدىن ھەققانىيەت يولىدا ئېلىپ بېرىلغان «5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى» گە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان نوپۇزلۇق ئۆلىمالاردىن سابىق سەئۇدى ئەرەبىستان مۇفتىسى مەرھۇم شەيخ ئابدۇلەزىز بىن بازنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.

ئەسەردە بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
-1997-يىلى شىنجاڭنىڭ ئىلى شەھىرىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى توپىلاڭنى قاتتىق باستۇرۇش بىلەن بۇنىڭغا جاۋاب بەردى. بۇنىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۆلىمالار سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھ ئائىلىسىنى جۇڭگودىكى بۇ مۇسۇلمانلارغا ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتە ياردەم بېرىشكە چاقىردى. سابىق سەئۇدى ئەرەبىستان مۇفتىسى شەيخ ئابدۇلەزىز بىن باز «ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەمدە بولۇشىمىز بىزنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر» دەپ جاكارلىدى. بۇ ۋەقەگە بۇنداق جاۋاب بېرىلىشىنىڭ ئۆزى مۇسۇلمان ئەمەلدارلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىغا مەپتۇن بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق چىشىغا تېگىش بولدى.

ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى مەشھۇر ئۆلىما شەيخ ئابدۇلەزىز ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.