شى جىنپىڭ خىتاينىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە نېمە پىلان قۇرۇۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

شى جىنپىڭنىڭ تەختكە چىقىپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بارلىق ھوقۇقلارنى قولىغا ئېلىشى، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. ئۇ، ئىلگىرىكى ھېچقانداق رەھبەرگە ئوخشىمايدىغان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، دەپ قارىغانلارنىڭ ئۈمىدىمۇ ناھايىتى تېزلا غايىپ بولدى.

شى جىنپىڭ ھازىر شۈبھىسىزكى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر شەخس. قىزىل ئادەم دەپ ئاتىلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە نېمە پىلان قۇرۇۋاتقانلىقى بولسا قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سېكرېتارى شى جىنپىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھەم دۆلەت ھەم ئارمىيىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى قولىغا ئېلىپلا قالماي، تاشقى سىياسەت، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادقا ئالاقىدار ئەڭ مۇھىم كومىتېتلارنىڭمۇ باشلىقلىقى، دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىسلاھات، ئەدلىيە ۋە سوت، ساقچى قاتارلىق بارلىق ئورگانلارنى ئىلكىگە ئالدى. خىتايدا ھوقۇقنىڭ بۇ دەرىجىدە مەركەزلىشىشى ماۋ دەۋرىدىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال بولغاچقا، بۇ قىزىل لىدىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى كۈچلۈك دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. شى جىنپىڭ ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشتە شۈبھىسىزكى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەنئەنىسىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ باشقا ھەرقانداق لىدىردىن بەك ئۇزاق قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مەڭگۈ شى جىنپىڭ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، كومپارتىيە ئىچىدىكى شى جىنپىڭغا يېقىن ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر شى جىنپىڭنىڭ 2027-يىلىغىچە يەنى 74 ياشقا كىرگۈچە دۆلەت رەئىسى بولۇشنى داۋام قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىز باسارى بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرنى ئاشكارىلىماسلىقىنى بۇنىڭ بىر دەلىلى، دەپ قارىماقتا.

شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشىنى ئەمەلىيەتتە ھوقۇق كۈرىشى دەپ قارايدىغانلارمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە رەقىب دەپ قارىغانلىكى كىشىنى ئۆرۈشىنىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ شۈبھىسىزكى «تاق لىدىرلىق» بىر سىستېما يارىتىش نىيىتىنىڭ ئىپادىسى، دەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشى نامى ئاستىدا جازالىغان ئەمەلدارلارنىڭ سانى يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۇرۇشنىڭ مەقسىتىنى پەقەتلا شۇ ياكى بۇ دەپ ئايرىشقا بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. نيۇيوركېر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «قىزىل تۇغۇلۇش» ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، چىرىكلىك ھەقىقەتەنمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن زور بىر تەھدىتكە ئايلىنىپ قالغان، شۇڭا ئۇنى لايىقىدا تازىلاش كېرەك، ئەمما چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشنىڭمۇ پارتىيە ئىچىدە رەقىبلەرنى يىقىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىپ كەلگەنلىكىمۇ بىر ھەقىقەت.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ قىزىقىدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نېمە ئۈچۈن يىمىرىلگەنلىكى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزدەنگەن ئىكەن، شۇنداقلا قول ئاستىدىكىلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئائىت ھۆججەتلىك فىلىملەرنى قويۇپ بېرىپ، بىز بۇنىڭدىن دەرس چىقىرىشىمىز كېرەك، دېگەن. شى جىنپىڭ گورباچېفنى «پارتىيىنى رەقىپلىرىدىن قوغدىيالمىدى» دەيدىغان بولۇپ، ئۇ بۇنى گورباچېفنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارايدىكەن. شۇڭا ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن پارتىيىنى كۈچلەندۈرۈپ، رەقىبلەرنى تازىلاشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلگەن ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرگەن. ئۇ دۆلەت ئىچىدە ئۆزىگە ھەم پارتىيىگە رەقىب بولالايدىغان ھەرقانداق كىشىنى رەھىم قىلماي تۇرۇپ جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربچە ئىدىيىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق توسقان. غەربچە ئىدىيىگە ۋە غەربچە دېموكراتىيىگە قارشى تۇرۇشنى ئوچۇق-ئاشكارا تەشۋىق قىلغان. نيۇيوركېر ژۇرنىلىنىڭ بايان قىلىشىچە، مانا مۇشۇنىڭدەك پارتىيە رەقىپلەردىن ۋە غەربچە دېموكراتىيە شامىلىدىن قورقۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا ۋەقە يۈز بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاخباراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ «ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» ۋە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى چىا نى تەنقىد قىلغان، ئۇلارنى تەيۋەن مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىگەن.

ماقالىنىڭ ئاپتورى ئىۋان ئوسنوس ئۇزۇن يىل خىتاينى تەتقىق قىلغان بىر شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۆزىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان نەرسىنىڭ ئۇنىڭ ئىنتېرنېتقا قاراتقان قاتتىق قامالى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا خىتايدا نۇرغۇن تور بەتلەر تاقاق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا جەمئىيەتتىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ۋە ياكى چەتئەللەردە ئوقۇغان زىيالىي قىسىملىرى ئامال ئىشلىتىپ، چەتئەلنىڭ تور بەتلىرىگە كىرىدىغان پۇرسەتنى قالدۇرۇپ قويغان. بىراق، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن بۇ يوچۇقنىمۇ پۈتۈنلەي ئېتىپ، ھەتتا ئىنستراگرامغا ئوخشاش فوتو سۈرەت ھەھبەھىرلەيدىغان تورلارنىمۇ كۆرۈشنى مەنئى قىلغان. ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ دۇنيادا بىر چوڭ كۈچ تۇرۇپ، يىلدىن-يىلغا ئىنتېرنېتقا ئېرىشىش كۆلىمى ئازىيىپ ماڭىدىغان دۆلەتتىن قانچىسى بار؟ دەيدۇ. ئۇ، بۇ ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا بېيجىڭدىكى سىياسىي ئانالىزچى، مۇستەقىل يازغۇچى جاڭ لىفەن بىلەن ئۇچراشقان. جاڭ لىفەن ئىككىسى ئۇچراشقاندا ئۇلارنى يىراقتىن كۆزىتىپ ئولتۇرغان پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلار بارلىقىنى بايقىغان. جاڭ ئۇنىڭغا ئۆزى بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋال ساقچىلارنىڭ ئۇنى كۆرۈشۈشكە بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ، ئۇزۇن يىللار خىتاي ھەققىدە ماقالە يېزىپ، تۇنجى قېتىم بېشىغا مۇشۇنداق ئىش كەلگەنلىكىنى، يەنى خىتايدا پۇقرالار ئۈستىدىكى تەقىب ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چېكىنگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇنداقتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كېلەچىكى نېمە بولىدۇ؟ خې ۋېيفاڭ ئىسىملىك تەتقىقاتچى ئاپتور ئىۋان ئوسنوسقا مۇشۇنداق كېتىۋەرسە جۇڭگودا يەنە بىر ئىنقىلاب بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ چوقۇم سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ياۋروپادىكىگە ئوخشاش سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيە بولۇپ شەكىللىنىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر كومپارتىيە مۇشۇنداق بىر ئاساسىي ئۆزگىرىشنىمۇ رەت قىلسا، ئۇ ھالدا خىتايدا يەنە بىر نۆۋەتلىك ئىنقىلاب يۈز بېرىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئېيتقان.

مۇستەقىل يازغۇچى جاڭ لىفەن بولسا سۆزىدە يەنە، ئىسلاھاتنى تەكىتلەپ مۇنداق يازغان: «ئەگەر كومپارتىيە 5-10 يىل ئىچىدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارالمىسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن پۇرسەتنى تامامەن قولدىن چىقىرىپ قويىدۇ. بىز بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر ۋاقىت ئىسلاھاتنى ئىنقىلابتىن ياخشى دەپ قارايمىز. لېكىن خىتاي تارىخىغا قارايدىغان بولساق، تارىخ داۋاملىق مەلۇم بىر مۆھلەت ئىچىدە تەكرارلىنىپ كەلگەن. ماۋ زىدۇڭ سۆزىدە، بىز تارىخ تەكرارلىنىشىدىن قۇتۇلۇشىمىز كېرەك. لېكىن بىز ھازىر يەنىلا شۇ تەكرارنىڭ ئىچىدە. بۇ كىشىنى تولىمۇ ئويلاندۇرىدۇ دېگەن.»

ئاپتور ئىۋان ئوسنوس ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدا ھازىر پارتىيە ۋە سىياسىي تۈزۈم قاتارلىق نازۇك تېمىلار ئۈستىدە سۆزلىشىش، ئۇ ھەقتە ئىنتېرنېتقا يوللانما يوللاش قاتارلىق ئەڭ كىچىك ئىشلارغىچە قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىدەك بىر پاكىتنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، «شى جىنپىڭ 2000-يىلىدا قىلغان بىر سۆزىدە، مېنى خەلق سايلىغان، شۇڭا مەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، دېگەن. بىراق ھازىر ئۇ كىم مېنى نېمە دېسە دېسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ كەتمەيمەن. سېنىڭ بىر نەرسە دېگىنىڭگە مەن ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرىنى تارازىغا سېلىپ، ھەۋىسىمنى يوقىتىپ قويمايمەن، دەيدىغان بولۇۋالدى» دەپ خۇلاسە قىلغان.