توماس ستۆلزەل ۋە جۆرن پېترىڭ تەرىپىدىن يېزىلغان، گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «ئىقتىساد ھەپتىلىك گېزىتى» نىڭ 17-ماي سانىغا بېسىلغان «شى جىنپىڭنىڭ 3 چوڭ خاتالىقى» ناملىق ماقالە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى خەتەرلىك ھالىتىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ تەختتىن غۇلاش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئەسەر گېرمانىيەدە كۈچلۈك غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولماقتا.
«ئاخىرقى بىرقانچە ھەپتىدىن بۇيان، خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى يىمىرىلىشكە باشلىدى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان «شى جىنپىڭنىڭ 3 چوڭ خاتالىقى» ناملىق بۇ ماقالىدە، گېرمانىيەنىڭ خىتايدىكى سابىق باش ئەلچىسى مىخائېل شائېفېر بىلەن مەركىزى بېرلىندىكى مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇنىڭ تەتقىقاتچىسى نىس گرۈنبېرگلەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.
مىخائېل شائېفېرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان گەرچە «چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش» شۇئارى ئاستىدا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل رەقىپلىرىنى تازىلاپ تۈگەتكەن، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىدىكى 9 نەپەر دائىمىي ئەزانىڭ سانىنى 7 نەپەرگە چۈشۈرۈپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان، ئۆزىنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقىدىن چىقمايدىغان سادىق ياشلارنى ۋەزىپىگە تاللاپ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يېقىنقى بىرقانچە ھەپتىدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن سادىر قىلغان زور خاتالىقلىرى پۇقرالارنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان.
بۇ خاتالىقلارنىڭ بىرى، شى جىنپىڭنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ كۆز يېشىغا بىپەرۋا ھالدا شەپقەتسىزلىك بىلەن يولغا قويغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى بولغان. بۇ سىياسەت سەۋەبلىك خىتاي سانائىتىنىڭ جانتومۇرى بولغان شاڭخەي، بېيجىڭلار قامال قىلىنغان. زاۋۇتلار ئىشتىن توختىغان. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى توساتتىن يېمىرىلگەن. خەلقنىڭ نارازىلىقى يۇقىرى چەككە يەتكەن. كاتتا بايلاردىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارغىچە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاينى ۋىرۇس بالاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇ ئىشەنچىسىزلىك ۋە گۇمانلار بۇ يىل كۈزدە چاقىرىلىدىغان كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشىنى شۈبھە ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويغان.
نىس گرۈنبېرگنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەتلەرگە بولغان ئىشەنچىسى تامامەن بەربات بولغان. بۇنىڭغا ئۇلاپ، يىللاردىن بۇيان خام ئەشيادا خىتايغا يۆلىنىپ قالغان غەرب شىركەتلىرى جىددىي سۈرئەتتە خىتايدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، مەھسۇلاتلارنى باشقا جايلاردىن سېتىۋېلىش يولىنى تاللىغان. بۇمۇ بۇندىن كېيىنكى خىتاي ئىقتىسادىغا زور زەربە ئېلىپ كېلىدىكەن. خىتاينىڭ پات پۇرسەتتە بۇ ئېغىر كىرىزىستىن قۇتۇلالىشى مۇمكىن ئەمەسكەن.
شى جىنپىڭنىڭ ئىككىنچى خاتالىقى، ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىققا سەل قارىشى بولغان. ئۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئىلىك ئالمىغان، خىتاي مەركىزىي كومىتېتىدا پەيدا بولغان ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا مۇستەبىتلىك يولىنى تۇتقان ۋە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنى چۆكتۈرۈپلا قالماي، غايەت زور كۆلەملىك ئىشسىزلىقنى پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە مىليونلىغان ئىشسىزلار دۆلەتنىڭ بېشىغا بالا بولىدىغان خەتەرلىك ۋەزىيەت كېلىپ چىققان. شۇنداق بولسىمۇ، شى جىنپىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە غەرب دۆلەتلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلماقچى بولغان.
شى جىنپىڭنىڭ 3-خاتالىقى، ئۇنىڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى خاتا مۆلچەرلىگەنلىكى بولغان. شى جىنپىڭ «بۇ ئۇرۇش ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى تامامەن رۇسىيە تەرەپكە تارتىپ كېتىدۇ، بىز ئامېرىكانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملىرىدىن قۇتۇلۇپ قالىمىز» دەپ خامخىيال قىلغان. ئەمەلىيەتتە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن خىتايغا قارىتا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم يالغۇز ئامېرىكادىنلا ئەمەس، پۈتكۈل غەرب دۆلەتلىرىدىن كېلىشكە باشلىغان. غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئىپادە بىلدۈرەلمەسلىكىنى، سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشىنى «رۇسىيەنى قوللىغانلىق» دەپ چۈشەنگەن ۋە خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى جىددىي تەڭشىگەن. چۈنكى غەربلىكلەر «ھېچقانداق بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ئىشەنگىلى بولمايدۇ» غانلىقىنى بۇ ئۇرۇش تۈپەيلى تېخىمۇ چۇڭقۇر تونۇپ يەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ 3 چوڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلغان ھەمدە خىتاينىڭ مەركىزىي كومىتېتىدا تۈرلۈك قارشىلىق، نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن 20-قۇرۇلتايدا ئۇ ئۆزىنىڭ «پولات تەختى» دىن يىقىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر شى ھەقىقەتەنمۇ ھوقۇقىدىن ئايرىلسا، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرى بولىشى مۇمكىن؟
د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى، پىشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، شى جىنپىڭنىڭ يوقۇرىقى خاتالىقلىرىدىن باشقىمۇ كۆپلىگەن خاتالىقلىرى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خىتاي رەھبەرلىرى ئوخشىمايدىغان يول تۇتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشكەن تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتىدىغان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشىنىڭ ناتايىنلىقىنى ئەسكەرتتى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەممۇ قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
«ئۇكرائىنانى قوللاپ رۇسىيەگە، تەيۋەننى قوللاپ خىتايغا قارشى تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە» دە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاينى ئەيىبلەيدىغان چۇقانلار زور دەرىجىدە ئەۋج ئالماقتا. ئالدىنقى ئاي گېرمانىيە رۇسىيەگە قارىتا 3-قېتىملىق ئىمبارگونى يولغا قويغاندا «ئەگەر خىتاي بىزنىڭ رۇسىيەگە ئىمبارگو يۈرگۈزۈشىمىزگە قارشى چىقسا، توسالغۇ بولسا ياكى رۇسىيەگە ياردەم بەرسە، بىز خىتايغا قارىتا ھەم ئىمبارگو يۈرگۈزىمىز» دېگەن ئىدى. سىياسىي ئانالىزچىلار بۇنى «گېرمانىيەدە يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قالتىس جاسارىتى» دەپ تەرىپلەشكەن ھەمدە سابىق باش مىنىستەر ئانجېلا مېركىل زامىنىدىكى خىتاي سىياسىتىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان ئىدى. نۆۋەتتە گېرمانىيە ئامېرىكا بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ خىتايدىن ئۇزاقلىشىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن يارالغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىگە قارشى تۇرۇش ۋە «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نى كۈچەيتىش يولىدا دادىل قەدەملەر تاشلىماقتا.