خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ غەرب شىركەتلىرىدە نېمە ئىشى بار؟
2022.07.13
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، «ھەممىنى پارتىيە باشقۇرىدۇ» دېگەن ئىدىيە ۋە سىياسەتنى خىتاينىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرىدىن تارتىپ خۇسۇسىي شىركەتلەرگىچە ھۆكۈمران قىلغان.
يېقىندا «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە «چەت ئەل شىركەتلىرىدە خىتاي كومۇنىستلىرى بارمۇ؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى شىركەتلەرگىمۇ قول سوزۇشقا باشلىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتى ھازىر ئاشكارا زايوم مەبلەغ فوندىنى باشقۇرۇش نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، بۇ نىزامدا ئامېرىكانىڭ چەت ئەل مەبلىغى ۋە فوندىنى باشقۇرىدىغان Fidelity, BlackRock قاتارلىق شىركەتلىرى خىتايدا تىجارەت قىلىپ قالسا، ئۇنىڭغىمۇ پارتىيە ياچېيكىسى تەسىس قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن بۇ ئەھۋالغا قارىتا پىكىر بايان قىلىپ: «خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ غەرب شىركەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشى غەربنىڭ قىممەت قارىشىغا زىت. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارغا مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بىلەن سودا قىلىش ۋىجدانسىزلىق، بۇنى ئاز كەلدى دەپ شىركەتكە خىتاي كوممۇنىستلىرىنى تىقىپ قويۇش قوبۇل قىلغۇسىز بىر ئەھۋال» دېدى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «كۆپلىگەن چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى بۇ نىزامنى خىتاي كارخانىلىرى، جۈملىدىن دۆلەت كارخانىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن دەپ قارايدۇ. ئەمما خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى 2018-يىلدىن باشلاپلا بۇنداق قانۇنلارنىڭ خىتاي شېرىكچىلىكىدىكى چەت ئەل كارخانىلىرى ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدىغانلىقىنى دەپ كېلىۋاتقانىدى. 2016-يىلدىن باشلاپ، شى جىنپىڭ ‹خىتاي كومپارتىيەسى نىزامنامىسى› نىڭ يېڭى قائىدىلىرىنى ماقۇللاپ، خىتاي دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى شىركەتلەرگە پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. 2020-يىل 9-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەملىكەتلىك بىرلىكسەپ ئورۇنلىرىنىڭ شىركەتلەرنى تۈزەش ئىشىغا تېخىمۇ كۆپ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى. غەربنىڭ پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى خىتايدىكى پايدىنى كۆزلەپ ئۇ يەرگە كۆپلەپ ئېقىپ كىردى، ھالبۇكى ئۇلار مۇناسىۋەت جەريانىدا خىتايدا سودا قىلىشنىڭ بەدىلىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدى».
بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 2018-يىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەل سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن مەخسۇس پارتىيە ياچېيىكىلىرى قۇرغان، خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىگە كىرگۈزگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىنى ۋە بۇ شىركەتلەردە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. گەرچە ئۇلار تەشكىلگە ۋە ئىشچىلارغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىلىپ ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمىسىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ شىركەتتە تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئادەم ئېلىش ھوقۇقى بارغانچە چوڭايغان. بەزى خىتاي شىركەتلىرى ھەتتا شىركەت نىزامنامىسىنى ئۆزگەرتىپ، «شىركەتنىڭ چوڭ-چوڭ قارارلىرىدا شىركەت مۇدىرىيەتى ئاۋۋال شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك» دېگەن بەلگىلىمىنى چىقارغان.
ئامېرىكا كور ئانالتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، دوكتور ئاندېرس كور خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيۋاتقان غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ۋە باشقا چەت ئەل شىركەتلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرىشىگە يول قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز قائىدىسىگە بويسۇنىدىغان شىركەتلەرگە قىسقا ۋاقىت پايدا يەتكۈزىدۇ. ئەمما ئۇزۇن مۇددەتنى ئويلىغاندا بۇ شىركەتلەرنىڭ پايچىكلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالدامچىلىقى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ».
ئىككى يىلدىن بۇيان، خىتايغا مەبلەغ سالغان غەرب شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇپ كەلگەن، چۈنكى ئۇلار «بىز پايچىكلارنىڭ مەنپەئەتىگە مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك» دەپ قارىغان. شى جىنپىڭنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولغاندا، ئۇلار پايچىكلارغىلا ئەمەس، پارتىيە ئەمەلدارلىرىغىمۇ جاۋابكار ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار سودا قانۇنىيىتى بويىچە ئەمەس، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قارار چىقىرىدىكەن. ئەڭ چاتاق يېرى، چەت ئەل شىركەتلىرى خىتايدىكى تارماق شىركەتلىرىگە تېخنىكا ۋە ئەقلىي مۈلۈك بايلىقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپلا قالماي، شەخسىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدىكەن، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ تېخنىكا ۋە ئۇچۇرلارنى بىمالال ئوغرىلىشىغا پۇرسەت يارىتىدىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ غەرب شىركەتلىرىگە ئادەم كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن بىلىم، تېخنىكا ئوغرىلايدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇنىڭغا يول قويغان تەقدىردە خىتايدىن پايدا ئېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، خىتايدەك بىر رىقابەتچىسىنى كۈچلەندۈرۈپ ئاخىر ئۇلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئاندېرىس كور خىتايدىن مەنپەئەت تاما قىلىۋاتقان غەرب شىركەتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «غەرب كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى خىتايدىكى ئامانەت مەبلىغى، ھەتتا خىتايدىكى ئىگىلىكىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق قىسقا مۇددەتتە زور پايدىغا ئېرىشىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ئويۇننى ئۇزۇن ئوينىماقچى، ئۇلار بۇ شىركەتلەردىن پايدىلىنىپ، GDP (ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى) سىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلايدۇ؛ شۇنداقلا بۇ شىركەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ياۋروپاغا بېسىم قىلىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا يول قويىلىۋەرسە، خىتاينىڭ سەر خىللىرى ئامېرىكا سودىسى بىلەن ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى مۇمكىن».
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ BlackRock مەبلەغ-فوند شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى بولۇپ، خىتاي بىلەن پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن، ئەگەر بۇ شىركەت خىتاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پارتىيە ياچېيىكىسى قۇرۇشنى قوبۇل قىلسا، غەربنىڭ باشقا كۆپلىگەن پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە مەجبۇر بولىدىكەن. ئەگەر نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى بېسىپ ياتقان غەرب پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى زىيانغا ئۇچراپ، ئارقىدىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنى كىرگۈزۈش بەدىلىگە خىتاي بازىرىغا كىرىشنى قوبۇل قىلسا، ئۇلارنىڭ مۇدىرىيەتى قارار بەلگىلەشتە پارتىيەنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلماي تۇرالمايدىكەن. نەتىجىدە، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي بوھرانلار غەرب پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە زەربە بېرەلەيدىكەن.