شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى مۇتلەق ئورنى ئۇنىڭ سىياسىتىگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.10.24
shi-jinping-19-qurultay.jpg خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى 18-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
REUTERS/Aly Song

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 24‏-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان 19‏-قۇرۇلتىيى بىردەك قارار ماقۇللاپ، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» نى كومپارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى. بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1976‏-يىلى مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبىرى ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن بۇيان كومپارتىيە رەھبىرىنىڭ ئىدىيەسىنى مەزكۇر پارتىيىنىڭ نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشىدۇر.

خىتاي كومپارتىيەسى ئىلگىرى دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى، جياڭ زېمىننىڭ 3 ۋەكىللىك ۋە خۇ جىڭتاۋنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن. بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىدىيە سۈپىتىدە ئەمەس، نەزەرىيە سۈپىتىدە نىزامنامىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرىشى «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» زادى قانداق ئىدىيە؟، دېگەن مەسىلىدىكى مۇنازىرىلەرنى قوزغىدى.

شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» نى 18‏-ئۆكتەبىر كومپارتىيە 19‏-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن 3 يېرىم سائەتلىك نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» نىڭ كومپارتىيە نىزامنامىسىگە كىرىشى، ئۇنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

بىراق، شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنى بەزى خىتاي زىيالىيلىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان. ئامېرىكا نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شياڭ مىڭنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ پۈتۈن ھوقۇقنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ ھوقۇق تۈزۈلمىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىغان.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشى تۈزۈلمىدىكى ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلدى. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھوقۇقىنى، باش مىنىستىرنىڭ مەسئۇللۇقىدىكى دۆلەت كابىنېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا جاۋابكار بولۇش رامكىسىنى ئاساسەن بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ كومپارتىيە باش سېكرېتارلىق ۋە دۆلەت رەئىسلىكىگە ئېرىشىپ، ئەمەلىي ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ھازىر پۈتۈن ھوقۇق ئۇنىڭ قولىغا مەركەزلەشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ئاساسلىق ھوقۇقلارغا قويدى. ئۇنىڭ قولىدىكى ھوقۇق بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتتى».

شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، بۇنداق زور ھوقۇقنىڭ بىر كىشىگە مەركەزلىشىشى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ خىتايغا زور ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشى خىتاي ئۈچۈن ياخشىمۇ-يامانمۇ؟ مېنىڭچە بۇ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن يامان بىر ئەھۋال. چۈنكى، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىدە پىشىپ يېتىلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھەر خىل مۇرەككەپ كرىزىسلىرىنى ئۇنداق قاتتىق قول ۋاسىتىلەر بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ھوقۇقنى تۆۋەنگە قويۇپ بېرىش، ئىقتىسادقا ئارىلىشىشنى توختىتىش قاتارلىقلار خىتاي مېڭىشقا تېگىشلىك يول. بىراق، شى جىنپىڭ دەل ئۇنىڭ ئەكسىنى قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇ يولدا مېڭىۋەرسە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ھاڭغا بېرىپ قالىدۇ. بۇ خىتايغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشى، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، چوڭ ئاچارچىلىق، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكىدەك زور بالايى-ئاپەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن».

خىتاي كومپارتىيەسى 1976‏-يىلى ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىن، بىر كىشىنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىگە خاتىمە بېرىپ، كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. بىراق، ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ھوقۇق شى جىنپىڭنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ، كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمى ئاجىزلىدى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭ كەلگۈسىدە 5 يىلدا ھازىرقى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، دىكتاتورىلىق يولىغا مېڭىش ياكى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت 3 يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇركەن.

ئەركىن ئەكرەم: «شى جىنپىڭ ھازىرقى خىتايدا بار كۈچنىڭ ھەممىسىنى قولىغا يىغىۋالدى. ماۋنىڭ ۋاقتىدىمۇ، ئۇ دۆلەت، پارتىيە ۋە ئارمىيىدىن ئىبارەت 3 كۈچنىڭ ھەممىسىنى ئالالمىغان. بىراق، شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئۇنىڭ ھەممىسىنى قولىغا ئېلىش بىلەن بىرگە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭمۇ باشلىقى بولدى. پۈتۈن كۈچنى قولىغا يىغقان ئادەم نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇنىڭ بەلكى بىر قانچە ئېھتىماللىقى بار. بىرىنچى، ھازىرقى سىياسەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىككىنچى ئېھتىماللىق، بەلكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا پارتىيەگە زىيان بېرەمدۇ؟ دېگەن ئەندىشە پەيدا بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئەھۋال، ھازىرقى كۈچنى يىغىپ، دىكتاتورىلىق يولىغا مېڭىش. لېكىن بۇ يولغا ماڭسا، بۇ خىتاينىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ» دەيدۇ.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭ ھوقۇقنى قولىغا يىغىۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا دۇنيانى قايىل قىلغۇدەك بىر قىممەت قارىشى يوق ئىكەن. ئەركىن ئەكرەم يەنە: «بىر ئادەم يۈكسەلگەنسېرى يالغۇز قالغاندەك دۆلەتمۇ يۈكسەلگەنسېرى يالغۇز قالىدۇ ۋە دۈشمىنى كۆپىيىدۇ. بۇ رەقىبلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك بىر قىممەت قارىشى يوق. غەرب دۆلەتلىرىدە بۇ نەرسە بار. لېكىن، خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قىممەت قارىشىنىڭ ھەممىسى شوئار» دەيدۇ.

قۇرۇلتاينىڭ 24‏-ئۆكتەبىر ئاخىرقى كۈنىدىكى يىغىنىدا ۋەكىللەر خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ۋە مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاپ چىققان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 7 كىشىلىك يېڭى سىياسىي بىرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن لى كېچياڭدىن باشقا دائىمىي ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىلىنىپ، ۋاڭ ياڭ، سۇ جەنشۇ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ جېڭ قاتارلىقلار سىياسىي بىيورو دائىمىي كومىتېتىغا كىرگەن.

پروفېسسور شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بۇ ئۆزگىرىش خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىدە ئۆزگىرىشى بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھازىرقى قاتتىق قول سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشقىلار قارىغاندەك شى جىنپىڭ چوڭ ھوقۇقنى قولىغا ئالسا، ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، خىتاينى دېموكراتىيەلەشتۈرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە ئەركىنلىشىدۇ، دەپ قارىمايمەن. مەن شى جىنپىڭ ھوقۇقنى قولىغا مەركەزلەشتۈرسە تېخىمۇ ئەسەبىلىشىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن. چۈنكى، ئۇلار قولىدا چوڭ ھوقۇق بار، ھوقۇق ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن 5 يىللىق ئىپادىسى ۋە ھازىرقى خاھىشىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭدا ھوقۇقتىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى مەۋجۇت. يەنى ئۇ ھەم زور ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان بىر ھوقۇقدار شۇنداقلا ئۇ قولىدىكى بۇ ھوقۇقنىڭ قۇربانى. شۇڭا، قولىدىكى بۇ زور ھوقۇق ئۇنى تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتۈرىدۇ، دەپ قارايمەن».

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولماسلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بۇ شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى يىپەك يولى پىلانى» بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. ئەركىن ئەكرەم، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «شەرقىي تۈركىستان» دا مۇتلەق كونتروللۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردىكى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگونىڭ سىياسىي بىيوروغا كىرىشى مۇقەررەركەن. بۇ ھەقتىكى بەزى خەۋەرلەردە يەنە، بۇ قېتىم سىياسىي بىيورو دائىمىي كومىتېتىغا كىرگەن شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خەن جېڭنىڭ خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يۈ جىڭشېڭنىڭ ئورنىغا دەسسەيدىغانلىقى، مەركىزى كومىتېت «شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇللۇقىنى ئاتقۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.