دۇنيا مەتبۇئاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېشىغا كېلىشىگە قانداق ئىنكاسلاردا بولماقتا؟
2022.10.24
23-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىم خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا يەنە بىر قېتىم كەلگەنلىكى رەسمىيلەشتى. شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك 7 نەپەر دائىمىي ئەزاسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ يەنىمۇ چوڭ قەدەملەر بىلەن مۇستەبىتلىككە قاراپ ماڭغانلىقى، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.
خەۋەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا شى جىنپىڭنىڭ ئەمدى ھوقۇقنى تولۇق قولىغا ئېلىپ، مۇتلەق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بولۇپمۇ خەۋەرلەردە ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا پۈتۈنلەي ئۆزىگە سادىق ئادەملەرنى بېكىتكەنلىكى، بۇنىڭ يارقىن ئىپادىسى، دەپ كۆرسىتىلدى.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 7 كىشىدىن تەركىب تاپىدىغان خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ شى جىنپىڭدىن باشقا 6 نەپەر ئەزاسىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن شى جىنپىڭنىڭ ئادەملىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى» دېيىشكە بولىدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ قارارلىرى ئەمدى سىياسىي بيۇرودا ھەرگىزمۇ تالاش-تارتىش قىلىنمايدىكەن ۋە شى جىنپىڭنىڭ دېگىنى دېگەن، بولىدىكەن.
ئۇنداقتا، مۇتلەق ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرگەن شى جىنپىڭ، خىتاي ۋە دۇنيا ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئاساسەن مەنپىي بولۇپ، ئۇلار بۇنى خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈنمۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس، دەپ قارىماقتا.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ «شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقى مۇستەھكەملەندى، ئەمدى ئۇنىڭغا كىم ياق، دېيەلەيدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ئەتراپىغا پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەملەرنى يىغىشى، شى جىنپىڭ ئۆز نىشانلىرىنى توسالغۇسىز ئىشقا ئاشۇرۇش يولىغا ماڭىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ باھالىغان.
ماقالىدە مۇنداق دىيىلگەن: «شى جىنپىڭ كومپارتىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى بولغان سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزالىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە سادىق كىشىلەر بىلەن تولدۇردى. ئۇ يەنە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى، ھەربىي قوماندانلار، ئىدېئولوگىيە مەسئۇللىرى، ئىنژېنېرلار ۋە تېخنىكلارنى تەيىنلىدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى. دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ، شى جىنپىڭنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن جانلانغان بىر خىتاينى نامايان قىلىشى مۇمكىن. بېيجىڭ، خەلقئارانىڭ ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىگە قاراتقان تەنقىدلىرىگە يەنىلا قارشى تۇرۇشى مۇمكىن. ئۇ ئىستراتېگىيىلىك ئەھىمىيەتكە ئىگە پەن-تېخنىكىلاردا ئۆزىگە تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىزدەنمەكتە. ئۇ بۇ رايوندىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ھەربىي كۈچكە ئايلانماقچى ۋە تەيۋەن سىياسىتىنى كۈچلۈك يوسۇندا تەكىتلىمەكچى. شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزىدە، يەر شارى تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئەمدى ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.»
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ماقالىسىدە، گەرچە شى جىنپىڭ يۇقىرىقىدەك نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، ئەمما تارىختىن بېرى ئەتراپىغا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى يىغىۋالغان رەھبەرلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بەك پارلاق بولمىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىشىگە مەبلەغ سېلىشى خۇددى زور قىمارغا ئوخشايدۇ. چۈنكى تارىخ بەتلىرى ئۆزىگە ناچار خەۋەرلەرنى بېرىشتىن قورقىدىغان كىشىلەر بىلەن قورشالغان مۇستەبىتلەرنىڭ كىبىر ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەت سەۋەبىدىن، قارىغۇغا ئايلانغانلىقىدەك مىساللار بىلەن تولغان.»
خەۋەردە كلىنتون ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستېرى بولغان سۇسان شىركنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئۇنىڭغا سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي كەمچىلىكى، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنى ۋە ئۇ پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ كىشىلەر ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىپ، ئۆزىنىڭ قانچىلىك سادىقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئالدىرايدۇ-دە، ئاخىرى بېرىپ بۇ چېكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ سۆزىدە شى جىنپىڭ بۇ نۆۋەت سىياسىي بيۇريونىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلانغان كىشىلەرنىڭ كەسپىي ساھەدە ئالاھىدىلىككە ئىگە شەخسلەر ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن قارىغاندا شى جىنپىڭنىڭ ئۇلارنى تاللاشتا ئىدىيەدە بىرلىكتە بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
CNN تېلېۋىزىيەسى «شى جىنپىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۈچلۈك، بۇ دۇنيا ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، «شى جىنپىڭ ئەمدى خىتاينىڭ كەلگۈسىنىمۇ كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان. يەنى خىتاينىڭ كەلگۈسى ئەمدى پەقەت شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بىر ئادەمنىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئارزۇسى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. ئەمدى كومپارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش ئىمكانى يوق» ئىكەن.
CNN نىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭ قۇرۇلتايدىكى نۇتۇقىدا «خىتاينىڭ بۈيۈك گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە دۇنيادىكى تېگىشلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەمدى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ يېقىن. ئەمما ئالدىمىزدىكى يول بوران-چاپقۇنغا، ھەتتا خەتەر بىلەن تولغان» دېگەن. ئۇ يەنە، «تاشقى دۇنيانىڭ خىتاينى باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشى ھەر ۋاقىت كۈچىيىدۇ» دېگەن. بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەرنىڭ CNN گە دېيىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئۇنىڭ خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى (CSIS) نىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى بوننىي لىن CNN گە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلىدىغانلىقى دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر پەرەز-غەرب بىلەن سىستېمىلىق رىقابەتلىشىشكە تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھازىرلىنىۋاتقان خىتاينى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇ تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن، تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئىدىيەۋى دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى بىلەن، خىتاينىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.»
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «شى جىنپىڭ تەيۋەننى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تەيۋەن بوغۇزىدا ۋەزىيەت يەنىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتىۋاتقان ھازىرقى سىياسەتلىرىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئىچكى جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋام قىلسا، دۆلەت سىرتىدا ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىش، رىقابەتلىشىش سىياسىتىنى، تەيۋەننى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ھازىرلىقلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«بلۇمبېرگ» تورى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىغا «شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى مۇتلەق كونتروللۇقى دۇنيانى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىش خەۋپىگە ئىگە» دەپ ماۋزۇ قويغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە، «نۇرغۇنلىغان خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئورتاق ئەندىشىسى شۇكى، ئەمدى ھېچكىم شى جىنپىڭغا خاتالىقلىرىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى مۇمكىن» دېيىلگەن.
ماقالىدە «سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بارلىق قارارلىرىغا قوشۇلۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىزچىل يانمۇ-يان تۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئېرىشكەن ئەمەلدارلار ئىكەنلىكى؛ ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ قارارلىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا ھەرگىز قارشى چىقمايدىغانلىقى» بايان قىلىنغان.
«بلۇمبېرگ» تورى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «بۇ يىل رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش قوزغاش ئارقىلىق، بىر كىشىلىك ھاكىمىيەتنىڭ خەۋپىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى. گەرچە شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە تېز ئارىدا تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەت بولمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، يالغۇز ئۇنىڭ تەبىرلىرى خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى» دىيىلگەن. ماقالىدە يەنە شى جىنپىڭنىڭ قارارلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.