ئىلشات ھەسەن: شى جىنپىڭنى سايلاندى ۋە ياكى تاللاندى دېيىشكە بولمايدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، شى جىنپىڭنىڭ سايلاندى ۋە ياكى تاللاندى دېيىشكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ سايلامنىڭ دېموكراتىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى، مەخپىي ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئەمەس قول كۆتۈرۈش ئارقىلىق ياسالما سايلام ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئاۋاز بېرىشنى خالىمىغان كىشىلەرمۇ تەھدىتكە ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلىپ قول كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە: «قول كۆتۈرۈپ سايلامغا ئاۋاز بېرىش ئوچۇق بېسىم ۋە تەھدىتتۇر، چۈنكى ئۇ كىشى كۆزىتىلىدۇ ۋە سىن كامېراغا چۈشىدۇ»، دېدى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى 24-ئۆكتەبىر كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن تور سۆھبەت يىغىنى» دا بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكۇر مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن تور سۆھبەت يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخىپسى رەئىسى شۇنداقلا خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندىلەر قاتنىشىپ، خىتاينىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىكى ئۆزگىرىشلەر، خىتاي ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

ئالدى بىلەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىم رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقى، خىتاينىڭ چىن ئىمپېراتورلۇقىدىن باشلانغان بىر ئىمپېراتورلۇقنىڭ، بىر ئادەمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا پۈتۈن خەلق ئەركىنلىكتىن مەھرۇم، قۇل بولۇپ باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت سىستېمىسىنى قايتىدىن كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى مەزكۇر ئىنستىتۇت ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن تور سۆھبەت يىغىنى» دا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 24-ئۆكتەبىر.
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى مەزكۇر ئىنستىتۇت ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن تور سۆھبەت يىغىنى» دا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 24-ئۆكتەبىر. (RFA/Arslan)

يىغىندا سۆز قىلغان دوكۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كورۇنا ۋىرۇسىنى باھانە قىلىپ ئىنسانلارنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە شى جىڭپىڭغا قارشى بىر قىسىم ھەرىكەتلەر يۈز بەرگەنلىكىنى دەپ ئۆتتى.

دوكۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، شى جىنپىڭنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تىزلىتىشى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشى ئۇنىڭ قايتا سايلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا قايتىدىن ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن پارتىيە ئىچى ۋە ھەربىي ساھەلەردە نۇرغۇن كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى قېتىمقى قۇرۇلتايدىكى كۇنۇپكا بېسىش ئارقىلىق سايلاش ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ قول كۆتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، نېمە ئۈچۈن شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، «دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق، چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقى ھازىر قولغا كەلدى، پىلان بويىچە ئەمەلگە ئاشتى، نەتىجىلىك بولدى، دېدى» دېگىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىغا قايسى خىتاي ئەمەلدار كەلمىسۇن ھەممىسى رەھىمسىزلىك بىلەن سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئۇلار خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، شى جىنپىڭغا قارشى تۇرىدىغان خىتايلارنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى، قۇرۇلتاي ئېچىلىشقا ئىككى كۈن قالغاندا بېيجىڭ كوچىلىرىدا، «شى جىنپىڭ ئىستېپا بەرسۇن»، دېگەن تەلەپلەر ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ھەتتا «شى جىنپىڭ دۆلەت خائىنى» دېگەن شوئار تامغا ئېسىلغانلىقىنى بىلدۈردى.