شى جىنپىڭ قانداق قىلىپ «قارا گۇروھ» تۈسىنى ئالغان خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ پادىشاھىغا ئايلاندى؟

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 23-ئۆكتەبىر ئاياغلاشقان 20-قۇرۇلتىيىدا ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيان ئىككى قارار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن شى جىنپىڭ، قائىدىنى بۇزۇپ 3-قېتىم خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ بېكىتىپ بەرگەن كومپارتىيەنىڭ باش سېكرىتارى ئىككى قاراردىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىمەسلىك قائىدىسى بۇزۇپ تاشلاندى.

خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى خەۋەر ئانالىزلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ 3-نۆۋەت خىتاينىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇشى، خىتايدا كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى «داھىيلىق تۈزۈمى» ۋە ھاكىممۇتلەق سىستېمىنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر، دەپ باھالانماقتا.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن ئىلگىرى بېيجىڭدىكى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن سەي شيا خانىم، 24-ئۆكتەبىر كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ سۆھبەت پروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنى «يۈگەنسىز زوراۋان پادىشاھ» غا، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنى «قارا گۇرۇھ» قا ئوخشاتقان.

سەي شيا خانىم ئالدى بىلەن شى جىنپىڭ ۋە ئۇ شەخسەن تاللىغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك 7 نەپەر دائىمىي ئەزاسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملىرىگە قارىغاندا، ئۇلارنى شى جەمەتىنىڭ بىر توپ ‹بۇرادەرلەر گۇروھى› دېيىشكە بولىدۇ. ماڭا بەرگەن تەسىرى شۇكى، بۇ يەردە بىر كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمى مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى شى جىنپىڭ ھازىر كومپارتيەنى پۈتۈنلەي ئۆز چاڭگىلىدىكى ئورگانغا ئايلاندۇرىۋالغان. ھازىر ئۇنىڭ نەزەرىدە پەقەتلا ئۇنىڭ ئۆزى بار.»

سەي شيا خانىم، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا بۈگۈنكىدەك «مۇستەبىت پادىشاھ» بولۇپ تىكلىنىشىگە ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى ئورۇنغا چىقىشى، يەنى ئۇنىڭ ئالدىنقى 10 يىللىق ھاكىمەت بېشىغا چىقىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، بۇ خىتاي كومپارتىيەنىڭ ماھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدىكى ئالدىنقى ئەۋلات ھۆكۈمرانلار گۇروھىدىكى ئۆز-ئارا كۈرەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»

سەي شيا خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن باشلاپلا خىتاي كومپارتىيەسى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ھېچقاچان خەلقنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرمىگەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يوقۇرى قاتلىمىدىكى ھۆكۈمدارلار گۇروھى ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرنىڭ بالا-چاقىلىرى ياكى ئۇرۇق-پۇشتلىرىنى ئىزباسارلىققا تاللاپ كەلگەن ئىكەن.

سەي شيا خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ قانداق قىلىپ بۇ ئورۇنغا چىقتى؟ مېنىڭچە ئۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي تاۋلىنىش داۋامىدا بۇ ئورۇنغا چىققان. چۈنكى كومپارتىيەنىڭ يوقۇرى قاتلىمىدىكىلەر ئىزباسار تاللىغاندا، ‹بىزنىڭ بالىلىرىمىز ھوقۇق تۇتۇشى كېرەك› دېگەننى ئالدى بىلەن ئويلىشىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك شۇنى كۆرەلەيدۇكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يوقۇرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ بۇ خىل خاھىشى، شى جىنپىڭنىڭ تەختكە چىقىشىنى، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بەلگىلىگەن. كومپارتىيە ھېچقاچان ھوقۇقنى خەلققە بېرىپ باققان ئەمەس ھەم ئۇنداق قىلىشنىمۇ ئويلاپ باققان ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالدىنقى ئەۋلاد كومپارتىيە ئاقساقاللىرى ئوتتۇرسىدىكى رەھىمسىز ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى شى جىنپىڭنى بۈگۈنكىدەك مۇستەبىت ھۆكۈمرانغا ئايلاندۇرغان.»

سەي شيا خانىم، شى جىنپىڭنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، جياڭ زېمىننىڭ ئارقىسىدا ئۇنى تىزگىنلەپ تۇرغان دېڭ شياۋپىڭنىڭ بارلىقىنى، خۇ جىنتاۋنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى تىزگىنلەپ تۇرغان جياڭ زېمىن گۇرۇھىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە شى جىنپىڭنى تىزگىنلەيدىغان ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

سەي شيا خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭ ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى بۇ قائىدىلىرىنى ۋە ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ يۈگەنسىز ھالەتتىكى مۇستەبىت شەخسىي ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىۋالغان ئىكەن.

كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە خىتايدا شى جىنپىڭدەك بىر مۇستەبىت ھۆكۈمراننىڭ بارلىققا كېلىشى، خىتاي كومپاتىيەسىنىڭ مۇستەبىتلەرچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

شېڭ شۆ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شى جىنپىڭدەك بىر مۇستەبىت ھۆكۈمراننىڭ بارلىققا كېلىشى، تاسادىپىي ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس. بۇ خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەقىياتىنىڭ بىر نەتىجىسى. ھالبۇكى، شى جىنپىڭ ھازىر پادىشاھ بولۇشنىڭ چۈشىنى كۆرمەكتە، ئەمما ئۇ بىر كىيىمسىز پادىشاھ. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ھاكىممۇتلەقلىق ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىدا ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنغا چىققان ھوقۇقدار ھامان ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانغا ئايلىنىشنى ئويلايدۇ. ئەينى چاغدا ماۋ زېدۇڭمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. ھازىر شى جىنپىڭ شۇنداق قىلماقتا، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش.»

شېڭ شۆ خانىم يەنە خىتاي مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق پروفېسسورى سەي شيانىڭ شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ھەققىدىكى باھالىرىدىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى يېقىندىن بىلىدىغان سىستېما ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئويغانغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

شېڭ شۆ خانىم ئاخىرىدا سەي شيانىڭ شى جىنپىڭ گۇرۇھىنى «قارا گۇرۇھ» دەپ ئاتىشىنىڭ تېخى يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنىڭ بۇ گۇرۇھنى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقىنى، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ «قارا گۇرۇھ» قا ئايلانغان پارتىيەسىنىڭ چوقۇم يوقىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.