شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىنچى ماۋ زېدوڭ» بولۇش خىيالى قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى 11-نويابىر كۈنى ئاخىرلاشقان. يىغىن ھەققىدىكى باياناتتا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «ماۋ، دېڭ، شى» دىن ئىبارەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخىدىكى «دەۋر بۆلگۈچ 3 رەھبەرنىڭ بىرى» دەپ مەدھىيەلەنگەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭمۇ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان. بۇ ھەقتىكى ئانالىزلاردا «بۇ بۈگۈنكى خىتاينىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىگە يۈزلىنىشى، كوممۇنىست خىتايدا بىر پارتىيە، بىر داھى بولۇشتەك مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ كۈچىيىشى، خىتايدا خىتاي مىللەتچىلىكى كۈچىيىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش غەرىزىنىڭ ئاشكارىلىنىشى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «بۇ قېتىمقى 6-ئومۇمىي يىغىن شى جىنڭپىڭغا بولغان شەخسكە چوقۇنۇش كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى. شەخسكە چوقۇنۇش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىممۇتلەق تۈزۈلمىسىدىكى ئەڭ يامان ئىللەت. قارىغاندا، شى جىنپىڭ ھازىر ‹ئىككىنچى ماۋ زېدوڭ› بولماقچى. بۇ خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ زور ئاپەت.»

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا شى جىڭپىڭغا بولغان شەخسكە چوقۇنۇش خاھىشى، ئۆز دەۋرىدە ستالىنغا ۋە ماۋزېدوڭغا چوقۇنۇش دەۋرلىرىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل پاجىئەلەرنىڭ قايتىلىنىشىغا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان ئېتنىك باستۇرۇشلارغا سەۋەپ بولماقتىكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە بىز يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ بۇنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇشنى ماۋزىدوڭ دەۋرىدىن باشلاپ كۆزەتكىنىمىزدە، ھازىر ئەڭ ئېغىر ھالەتكە يەتتى. بۇنى خۇ ياۋباڭ، جاۋ زىياڭ دەۋرىگىلا ئەمەس، بەلكى جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندىمۇ، بۈگۈنكى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش ئىنتايىن قەبىھ شەكىلدە داۋاملاشماقتا.»

خۇ پىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا يوقىتىش سىياسىتى يۈزگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئىنتايىن قوپال ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەبىھ باستۇرۇش سىياسىتىدۇر. شى جىنپىڭ مەقسەتلىك ھالدا بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. يەنى ئۇ مەجبۇرلاش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، خىتايلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى يوق قىلماقچى. شۇڭا ئۇ ھازىر ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە ئەڭ شەپقەتسىز باستۇرۇش ۋاستىلىرى قوللانماقتا. بۇلار ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن سىنىپىي كۈرەشتىنمۇ قەبىھ ئۇسۇل بىلەن ۋە دۆلەت تېرورلۇقى ۋاستىلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىۋاتىدۇ.»

خۇ پىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «شۇڭا بۇ ئەھۋالغا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر تېخىمۇ ئېتىۋار بېرىشى كېرەك. يەنى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوللاش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل باشتۇرۇشىغا قارىتا قاتتىق ئەيىبلەش ۋە مۇناسىپ بولغان جازالاش تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا، شى جىنپىڭغا ئالاھىدە باھا بېرىلىپ، شەخسكە چوقۇنۇش ئىدىيەسى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتمىز جەريانىدا، نۆۋەتتە خىتايدا شى جىڭپىڭنىڭ «داھىي» قىلىپ تىكلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە ئارقا كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە توختالدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىڭپىڭنىڭ «داھىي» قىلىپ تىكلىنىشىدە نۆۋەتتە خىتايدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «خىتاينى كۈچلەندۈرۇش، بۆلگۈنچىلىك ۋە پارچىلىنىشقا زەربە بېرىش» شوئارىنىڭ نىشانى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتنىك قىرغىنچىلىق داۋاملىشىدىكەن. خىتاي ھەتتا چەت ئەللەردە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر خىل رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن ئىكەن.